قارار لايىھىسىنى بىردەك ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تىبەتتىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى توختىتىشقا ۋە تىبەت مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن دالاي لاما بىلەن جىددىي سۆھبەتكە ئولتۇرۇشقا، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان تىبەتلەرنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىش بىلەن بىرلىكتە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن تىبەت قانۇنى سىياسىتىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىشنى ھەمدە تىبەتتە ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ئېچىشىنى تەلەپ قىلغان.
خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتىنىڭ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 9 - ئاپرىل كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، قارار لايىھىسىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە مۇزاكىرە قىلىنىشى جەريانىدا ھەم جۇمھۇرىيەتچى ، ھەم دېموكرات پارتىيىسىنىڭ دۆلەت مەجلىسىدىكى ئەزالىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ھەمدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىبەتتىكى نارازىلىق ھەرىكىتىنى دالاي لاما گۇرۇھى پىلانلىغان، دېگەن باياناتلىرىنى ئاساسسىز دەپ كۆرسەتكەن.
قارار لايىھىسىدە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تىبەت مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن دالاي لاما بىلەن جىددىي ۋە سەمىمىي سۆھبەتكە ئولتۇرۇشقا چاقىرغان.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلوسى، قارار لايىھىسىنى دۆلەت مەجلىسىگە سۇنۇش جەريانىدا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن " تىبەتتىكى باستۇرۇشنى توختىتىش ئۈچۈن، خەلقئارا جامائەتنىڭ ئىرادىسى كېرەك. مەن، ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ تىبەتتىن ئۆتكۈزۈلۈشىنى، تىبەتلەر ئۈچۈن قىلىنغان ئەڭ چوڭ ھاقارەت دەپ قارايمەن. خەلقئارا جامائەت بۇنىڭغا يول قويماسلىقى كېرەك. بىزنىڭ پرېزىدېنتىمىز، تىبەتنىڭ ۋەزىيىتىدە بىر ئۆزگىرىش بولمىغىچە، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش توغرىسىدا قارار بەرمەسلىكى لازىم."
سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى دالاي لاما بىلەن سۆھبەتكە ئولتۇرۇشقا قايىل قىلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پۈتۈن تەدبىرلەرنى ئىشلىتىشى كېرەك دەپ كۆرسەتكەن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ رەئىسى" دالاي لاما ساق - سالامەت ۋاقتىدا تىبەت خەلقى بىلەن بىللە تىبەتكە قايتىپ، تىبەت ئاپتونوم دۆلىتىدە ئەركىن - ئازادە ياشاش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشى كېرەك، دېگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ئەزاسى تىد پۇ " خەلقئارا جامائەت تىبەتتە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئارقىلىق، خىتاينىڭ مەسئۇلىيەتسىز ۋە ۋەھشى چىرايىنى يەنە بىر قېتىم كۆردى. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ئولىمپىك مەشئىلىنى دۇنيادا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە، بۇ مەشئەلنىڭ يالقۇنلىرى، دۇنيا خەلقىنىڭ قەلبىدە تىبەتنى قوللاش ئوتىنىڭ يېنىشىغا سەۋەب بولدى"دېگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ دېموكراتچى ئەزاسى، ستېف كېگەن قارار لايىھىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى جەريانىدا قىلغان سۆزىدە، "تىبەت خەلقى بىلىڭلاركى، بۈگۈن بىز يەنى ئامېرىكا خەلقى سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا،" دېگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇمھۇرىيەت پارتىيىسىدىن ئىلىنا روز لىنتىنەن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى تىبەتنىڭ پايتەختى لخاسا شەھىرىدە ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ئېچىشقا چاقىرىپ، ھۆكۈمەتتىن، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ بۇ تەلىپىنى قوبۇل قىلمىغىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكىدا كونسۇلخانا ئېچىشىغا رۇخسەت بەرمەسلىكىنى تەلەپ قىلغان.
0:00 / 0:00