ئامېرىكىدىكى جامائەتلەر گۇەنتانامو ئۇيغۇرلىرىنى كۈتۈۋېلىشنىڭ ھازىرلىقىدا
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2008.10.17
2008.10.17
7 - ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻥ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﻮﻧﺪﺍ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻓﯧﺪﯦﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﺴﯩﺪﻩ ﺳﻮﺩﯨﻴﻪ ﺭﯨﭽﺎﺭﺩﻭ ﺋﯘﺭﺑﯩﻨﺎ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯘﺗﻘﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺩﻩﺭﻫﺎﻝ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻜﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﭼﯜﺷﯜﺭﺩﻯ. ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻓﯧﺪﯦﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪ ﺳﻮﺗﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﺘﯩﺮﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ.
RFA Photo / Eqide
بۈگۈندىن ئېتىبارەن ھەر قانداق بىر ۋاقىتتا، مەزكۇر دېلو ھەققىدە بىر قارار چىقىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە 17 نەپەر ئۇيغۇرنى كۈتۈۋېلىش تەييارلىقىمۇ تەڭ ئېلىپ بېرىلماقتا.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلار مەسىلىسىدە ئادۋوكاتلارغا ياردەملىشىۋاتقان ۋە دېلونىڭ تەرەققىياتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ مېڭىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيىتوف، مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى روشەن ئابباس ۋە ۋاشىنگتوندىكى بىر قانۇن شىركىتىنىڭ ئادۋوكاتى نۇرى تۈركەل ئوتتۇرا سوتنىڭ مۇمكىنچىلىكى بولغان قارارلىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
Miami Herold گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ فلورىدا ئىشتاتىدىكى مۇسۇلمان ، يەھۇدى ۋە خرىستىيان جامائىتى بىرلىكتە گۇەنتانامو ئۇيغۇرلىرىدىن 3 نەپىرىنى كۈتۈۋېلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە ئادۋوكاتلارغا تەلەپ سۇنغان. ئۇلارمۇ نۆۋەتتە بۇ ھەقتە تەييارلىق قىلماقتا.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، فلورىدادىكى بۇ دىنىي جامائەتلەر 3 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ياتاق، قاتناش، ئۆگىنىش ھەتتا خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىلىرىگىمۇ تەييارلىق كۆرۈپ بولغان.









