«ئامېرىكا خىتاي تەھدىتىگە قانداق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك؟»

ئامېرىكا پرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ ھەر ئىككى قېتىملىق بەس-مۇنازىرىسىدە ئامېرىكىنىڭ خىتايغا تۇتقان سىياسىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر ئىزچىل تالاش-تارتىش قىلىندى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.10.19
obama-Mit-romney-305.jpg ئامېرىكا پرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق تېلېۋىزىيە مۇنازىرىسىدە پرېزىدېنت ئوباما ۋە مىت رومنېي. 2012-يىلى 3-ئۆكتەبىر.
AFP

جۇمھۇرىيەتچى نامزات مىت رومنېي ئوبامانى خىتايغا يۇمشاق قوللۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىسە، ئوباما مىت رومنيېنىڭ خىتايدىكى شىركەتلەرگە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق بېيىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئىككى نامزاتنىڭ خىتاي ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلىرىدىن كېيىن، كۆزەتكۈچىلەر ئارىسىدا ئامېرىكا خىتايغا زادى قانداق سىياسەت يۈرگۈزۈشى كېرەك دەيدىغان مۇلاھىزىلەر كۆپەيدى.

ئىككى پرېزىدېنت نامزاتىنىڭ سايلام رىقابىتىدىكى ئاساس تېمىلىرىنىڭ بىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ خىتاي سىياسىتىگە باغلىق بولۇشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكىدىكى ئىستراتېگىيە تەتقىقات تور بەتلىرىدە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر كۆپىيىپ قالدى. زورىيىۋاتقان خىتايغا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك دېگەن مەسىلە مۇلاھىزىلەرنىڭ مەركىزى نۇقتىسى بولدى. ئامېرىكىدىكى راند تەتقىقات ئورنى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىلەرنىڭ بىرىدە، ئامېرىكىنىڭ ئەمدى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى توسۇش ئارقىلىق ئۈنۈمگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئورنىغا ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ خەلقئارادىكى سىياسىي تەسىرىنى كېڭەيتىۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:
ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ زورىيىشىغا بەك يول قويۇپ كېتىشىنىڭ ھاجىتى يوق. خىتاي تىنچ ئوكيان رايونىدا تېخى ئامېرىكىدەك تەسىرگە ئىگە ئەمەس. دۇنياۋى مەسىلىلەردىمۇ گ-2 دۆلىتى دېگۈدەك بىر رول ئالغىنى يوق. قاچان ئامېرىكا بۇنىڭغا يول قويمىغۇچە، خىتاينىڭ دۇنيانى ئىدارە قىلىش خىيالى ئىشقا ئاشمايدۇ.

مۇلاھىزىنىڭ داۋامىدا ئامېرىكا خىتايغا يول قويۇپ بېرىۋەرگەن تەقدىردە، خىتاينىڭ زورىيىشىنىڭ ئامېرىكا ۋە پۈتۈن دۇنياغا تەھدىت تەشكىل قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. ئەمما ئاپتور ئاندرۇ سكوبېل ۋە ئاندرۇ نېتخەن مۇلاھىزىسىدە بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئامېرىكىنى قايتىدىن كۈچلەندۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىدەك بىر ئىدىيىنى ئالغا سۈرگەن. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:

دەرۋەقە، خىتايغا يۈرگۈزۈلىدىغان توغرا ئىستراتېگىيە ئۆز ئىچىمىزدىن باشلىنىدۇ. ئامېرىكا تەرەققىياتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك. ئالىي مائارىپنى قوللاشنى داۋام قىلدۇرۇپ، يېڭى پەن-تېخنىكىلارنى يارىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ ئوغرىلىنىپ كېتىشىدىن قاتتىق ساقلىنىشى، ھەربىي كۈچىنى يېڭىلىشى، باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئىقتىسادىي ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، شېرىكلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

ئاپتورلار مۇلاھىزىسىدە، ئامېرىكىنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى ساقلاپ قېلىشى ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشىنىڭمۇ ئامېرىكىنىڭ كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ تۇرۇشىدىكى ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ «ئامېرىكا چوقۇم ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشى ئارقىلىق دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىشى كېرەك. ئامېرىكا ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشى بويىچە ئىش قىلغان ۋە دۆلەت ئىچىدىكى مەسىلىلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلغاندىلا، خىتاينىڭ زورىيىشىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرالايدۇ.

راند تەتقىقات مەركىزىنىڭ يەنە بىر تەتقىقاتچىسى جەيمىس دوببىنىس ۋە روگېر كىلىف كېيىنكى يىللاردا خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى قاتتىق زامانىۋىلاشتۇرۇپ، تەرەققىي قىلدۇرغانلىقى ۋە ئامېرىكىنىڭ ھەربىي قوراللىرىغا تاقابىل تۇرىدىغان قوراللارنى ياساش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ :

ئامېرىكا خىتاينىڭ زورىيىۋاتقان ھەربىي كۈچىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر قانچە قەدەمنى تاشلىشى كېرەك. بۇلارنىڭ بىرى، ھەربىي ئۇچۇرلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قوغداپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ سانىنى كۆپەيتىشى، ھاۋا ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، ئالاھىدە قىسىملارغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى كېرەك، دەپ كۆرسەتكەن.

بۇ ئىككى تەتقىقاتچى يەنە ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇشى كېرەكلىكىنى، باشقىلارنىڭ ئىقتىسادىي يوللار ئارقىلىق ئۆزىگە زەربە بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەكلىكىنىمۇ قوشۇمچە قىلغان. يىغىپ ئېيتقاندا، ئۇلار ئامېرىكا ئەگەر خىتاينىڭ توقۇنۇش پەيدا قىلغۇسى ئىش-ھەرىكەتلىرىنى چەكلەپ تۇرالايدىغان ئىقتىدارىنى ساقلاپ قالغاندىلا، ئۇرۇشنىڭ ياكى خىتاينىڭ تەھدىتكە ئايلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكىنىڭ پرېزىدېنتلىق سايلىمى 11-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، سايلامغا ئاز قالغان كۈنلەردە، دېموكراتچىلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ پرېزىدېنت نامزاتلىرى باراك ئوباما ۋە مىت رومنېي، ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى 2‏-قېتىم بەس-مۇنازىرىدە ئۇچراشقان ئىدى. بۇ ئىككى نامزات ئالدىمىزدىكى دۈشەنبە كۈنى ئاخىرقى نۆۋەتلىك بەس-مۇنازىرىدە ئۇچرىشىدىغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر 3-نۆۋەتلىك ئۇچرىشىشنىڭ ئەڭ مۇھىم تېمىسىنىڭ يەنە خىتاي بولىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئاسىيادىكى زورىيىۋاتقان سىياسىي تەسىرى ۋە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىگە مەركەزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.