مەزكۇر دوكلاتنىڭ مەزمۇنى چارشەنبە كۈنى " ۋاشىنگتون ۋاقتى گېزىتى" دە ئېلان قىلىندى. دوكلاتتا ئامېرىكىنى خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتى ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىتكە ھۇشيار تۇرۇشنى ئاگاھلاندۇرغان.
خىتاي ھەلقىلغۇچ كۈچ بولۇش كويىدا يۈرىدۇ
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ خەلقئارا بىخەتەرلىك مەسلىھەت كومىتېتى تەييارلىغان " خىتاينىڭ ئىستراتېگىيىلىك زامانىۋىيلىشىشى" دېگەن ماۋزۇدىكى دوكلاتتا، ئامېرىكىنى خىتاينىڭ يادرو ۋە مۇنتىزىم قوراللار ساھەسىدىكى ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا قارشى تەدبىر ئېلىشنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئەسى ۋە باشقا ساھەلەردىكى ھەربىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى تەكىتلىگەن.
مەزكۇر دوكلات تېخى ئاشكارە تارقىتىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن " ۋاشىنگتون ۋاقتى گېزىتى" چارشەنبە كۈنكى سانىدا مەزكۇر دوكلاتنىڭ تەپسىلى مەزمۇنىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئىستىراتېگىيىسى تەيۋەننى قايتۇرۇۋالىدىغان ھەربىي كۈچ ھازىرلاشقا قارىتىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۆز رايونىدا شۇنداقلا ئۇنىڭ زامانىۋىيلىشىشىغا كېرەكلىك ئېنېرگىيە بايلىقى توشۇيدىغان دېڭىز يولىدا ھەل قىلغۇچ كۈچ بولۇش كويىدا ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتايغا ئامېرىكىنىڭ كۇچ قۇدرىتىنى ھىس قىلدۇرۇش كېرەك
خىتايغا قارشى تەدبىر ئېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئېلىشقا تېگىشلىك تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان دوكلاتتا، خىتايغا ئامېرىكىنىڭ يەڭگىلى بولمايدىغان كۈچ ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇرۇشنى تەكىتلىگەن. دوكلاتتا مۇنداق دەيدۇ": ئامېرىكا ئۆزىنىڭ دەرىجىدىن تاشقى ھەربىي تېخنىكا ئىقتىدارىنى قوللىنىشى، يېڭى قوراللارنى، چەكلەش قوراللىرىنى، ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى ۋە باشقا پروگرامما ۋە تاكتىكىلارنى قوللىنىپ، خىتايغا ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ يەڭگىلى بولمايدىغان كۈچ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش كېرەك."
لېكىن ئامېرىكىدىكى خىتاي سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىڭ خىتاي مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى ليۇ شارجۇ ئەپەندى، خەلقئارا بىخەتەرلىك مەسلىھەت كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدىكى بەزى قاراشلارغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقى، ئەگەر خىتاي تاشقىرىغا ھەربىي كېڭەيمىچىلىك قىلسا ئىچكى قىسمىغا دەز كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ليۇ شاۋجۇ : خىتاي ئۇرۇش قوزغىسا پارچىلىنىدۇ
ليۇ شاۋجۇ، " ئەمەلىيەتتە جوڭگۇنىڭ تۈزۈلمىسى باشقا دۆلەتلەرگە تاجاۋۇز قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ. ئەگەر ئۇ باشقا دۆلەتلەرگە تاجاۋۇز قىلسا ئۆزىنىڭ ئىچكى قىسىمى پارچىلىنىدۇ. چۈنكى ئۇ دىكتاتور، پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلمايدىغان، دېموكراتىيە بولمىغان رەھبەرلىك گۇرۇھىغا ئىگە. ئۇ بەزىدە دېموكراتىيە كوزۇرىنى كۆتۈرۈۋالسىمۇ، لېكىن دېموكراتىيە بىر ئاز باش كۆتۈرسە ھامان ئۇجۇقتۇرۇپ كەلدى. چۈنكى دېموكراتىيە كوزۇرىنى راست ئوينىسا جوڭگۇنىڭ ھازىرقى بىر پارتىيىلىك ھاكىمىيىتىنى غۇلىتىۋېتىشى مۇمكىن. شۇڭا ھازىر ئەھۋالدا جۇڭگو ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى تەرەققى قىلدۇرغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە تەھدىت سالالايدىغان دەرىجىگە بېرىشىغا مەن گۇمان بىلەن قارايمەن. بۇ كۈچ ۋە بۇ قوراللارنىڭ ئاخىرى ئۆزىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كۈرەش ۋە توقۇنۇشلارغا ئىشلىتىلىش ئېھتىمالى مەۋجۇت.... ئەگەر خىتاي كېڭەيمىچىلىك قىلسا 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدا ئاۋىستىريە - ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيىسى دۇچ كەلگەن ئاقىۋەتكە دۇچ كېلىشى مۇمكىن،" دەپ كۆرسەتتى.
خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتى كىشىنى گۇمانغا سالىدۇ
خەلقئارا بىخەتەرلىك مەسلىھەت كومىتېتى تەييارلىغان دوكلاتنى ئامېرىكا ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى ياكى خۇسۇسىيلار باشقۇرۇشىدىكى تەتقىقات ئورگانلىرى بۇرۇن ئېلان قىلغان خىتاي توغرىسىدىكى دوكلاتلارغا سېلىشتۇرغاندا بەزى مەسىلىلەر بىر قەدەر يالىڭاچ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئامېرىكا خۇسۇسىي ياكى ھۆكۈمەت تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ بۇرۇنقى دوكلاتلىرىدا خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتى ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە چوڭ تەھدىت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە ئىدى.
دوكلاتتا، خىتاينىڭ كرىزىس ياكى توقۇنۇش پەيدا قىلىش ئېھتىمالىنى ئازايتىش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ جىددى تەدبىرلەرنى ئېلىشى لازىملىقى، "ئامېرىكا چوقۇم ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي ئۈستۈنلۈكى خىتاينىڭ خىرىسىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى جىددى ئويلىشىش كېرەكلىكى.... خىتاينىڭ ئۆز غەرىزىنى قانچىلىك سەمىمى، دەپ چۈشەندۈرگەن تەقدىردىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ ھەربىي زامانىۋىلىشىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىكى گۇمان پەيدا قىلماي قالمايدىغانلىقى" نى تەكىتلەيدۇ. دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ تەيۋەننى بىر بۆسۈش نۇقتىسى، دەپ قارىتىۋاتقانلىقى، "ئەگەر خىتاي يەر شارى خاراكتېرلىك چوڭ دۆلەتكە ئايلانماقچى بولسا 1 - قەدەمدە چوقۇم تەيۋەننى بويسۇندۇرۇشى كېرەك."
خىتاي تەيۋەننى باسسا پاتقاققا پاتىدۇ
لېكىن، خىتاي تەيۋەننى بويسۇندۇرسا ئەتراپتىكى دېڭىز يوللىرىنى ئىگىلەيدىغانلىقى ۋە ھەربىي كۈچىنى شەرىققە كېڭەيتەلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن ليۇ شاۋجۇ ئەپەندى ئەگەر خىتاي تەيۋەننى ئىگىلىسە ئۆز بېشىغا ئىش تاپىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ليۇ شاۋجۇ مۇنداق دەيدۇ": تەيۋەن مەسىلىسى بىر ھەربىي مەسىلە ئەمەس. بەلكى بىر سىياسى مەسىلىدۇر. جۇڭگو تەيۋەننى بويسۇندۇرالامدۇ ؟ دېگەندە، بويسۇندۇرالىشى مۇمكىن. لېكىن بويسۇندۇرغاندىن كېيىن نېمە ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ ؟ تەيۋەننى بويسۇندۇرۇش دېگەنلىك ئۆزىنىڭ پەلەستىن ۋەزىيىتىنى يارىتىش دېگەنلىك، يەنى ھويلىسىغا قالايمىقانلىقنى ئەكىرىش دېگەنلىكتۇر.... ئەگەر سىز خەلقنىڭ ئارزۇسىغا قارىماي بىر جاينى ھەربىي كۈچ بىلەن ئىگىلەپ، خەلقنى ئىدارە قىلسىڭىز بۇ ئۆزى ئۈچۈن ئاۋارىگەرچىلىك تاپقانلىقتۇر. شۇڭا جوڭگۇنىڭ ھەربىي كۈچى تەيۋەننى ئىگىلەشكە يېتىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇنىڭ تارىخى ۋە سىياسى ئىقتىدارى بۇنىڭغا يەتمەيدۇ."
تەيۋەن بوغۇزىدا كىرىزىس يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك
خەلقئارا بىخەتەرلىك مەسلىھەت كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا يەنە خىتاينىڭ ئالەم بوشلۇقى ۋە ئېلېكترون مېڭە قوراللىرىنى تېز تەرەققى قىلدۇرۇۋاتقانلىقى، ئامېرىكىنىڭ بۇ ساھەدىكى ئۈستۈنلۈكىنى ئىگىلەشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى، ھاۋا بوشلۇقى ئالاقىسى ۋە خىتاينىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىدا ئاۋىئاماتكىغا تايىنىش جەھەتلەردە يەنىلا ئاجىزلىقى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكىنىڭ ھاۋا ۋە دېڭىزنى بازا قىلغان ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپلا قالماي، ئىنتېرنېت ۋە ئالەم بوشلۇقى كۈچىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى، تەيۋەن بوغۇزىدا كرىزىس يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىيات ئەھۋالىغا باھا بەرگەندە دائىم بۇ مەسىلىنى ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن تىلغا ئالاتتى شۇنداقلا خىتاينى"دۈشمەن" دەپ سۈرەتلىمەسلىككە تىرىشاتتى. ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى Micheal Hayde 2008 - يىلى3 - ئايدىكى " ۋاشىنگتون ۋاقتى گېزىتى" دە ئېلان قىلغان سۆھبىتىدە خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى مەدھىيىلىگەن شۇنداقلا خىتاي " چوقۇم دۈشمەنلىشىش كېرەك بولغان دۆلەت ئەمەس" دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.
خىتاي دۆلەت مۇداپىئە خام چوتىنى ھەر يىلى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ 2007 - يىلدىكى ھەربىي خام چوتى 45 مىليارد دوللار بولۇپ، بۇ يىلقى خام چوتنىڭ 57 مىليارد دوللار ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلارمىنىستىرلىكىنىڭ قارمىقىدىكى خەلقئارا بىخەتەرلىك مەسلىھەت كومىتېتى، ئامېرىكا دۆلەت سېكرىتارىياتىغا خەلقئارا ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدە مەسلىھەت بېرىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقات ۋە مەسلىھەت بېرىش ئورگىنىدۇر. مەزكۇر ئورگاننىڭ ھازىرقى رەھبەرلىكىنى ئامېرىكىنىڭ سابىق مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پائۇل ۋولفىۋىتىز ئۆتىمەكتە.