بۇ ماقالىدە ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ھوقۇقلىرى ۋە مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى، ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلىشقا باشلىغانلىقى، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا،ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا كۈچ توقۇنۇشنىڭ باشلانغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خىتاي ئۇيغۇرلارنى باستۇرماقتا
ئادرىئان پابست ئەپەندىنىڭ ماقالىسى: ئالدىنقى ھەپتىدە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئانچە تارتمىغان بىر خەۋەر ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك ھارپىسىدا، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنى ياۋۇزلۇق بىلەن باستۇرغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەنلىكى بولدى..بۇ ئەيىبلەش بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ 9 - ئىيۇل كۈنى، 15 نەپەر ئۇيغۇرنى ئاتالمىش تېررورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، 2 نەپەر ئۇيغۇرنى ئېتىپ تاشلىغانلىقى، 3 نەپەر ئۇيغۇرغا ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلگەن ئۆلۈم جازاسى،10 نەپەر ئۇيغۇرغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەرگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇنىڭغا جاۋابەن، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بىر ھەپتە ئالدىدا "ناھايىتى مۇھىم" بولغان يىپ ئۇچىغا ئىگە بولۇپ، 5 تېررورلۇق گۇرۇپپىدىكى 82 نەپەر ئۇيغۇر گۇماندارنى قولغا ئالغانلىقىنى، بۇ گۇرۇھتىكىلەرنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلانغان مەزگىلدە، مۇسابىقە مەيدانىغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى... دەپ باشلىنىدۇ.
ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارالىق مەسىلە
ئۇ ماقالىسىدە،ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي سىياسى مەسىلىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرغانلىقى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلىرىنى دەرھال رەت قىلدى ۋە ۋاشىنگتوننى ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلاشتى،دەپ ئەيىبلىدى. بۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىنى كىشىلەرنىڭ ئېسىگە سالىدىغان ئەيىبلەش ۋە رەت قىلىشلار، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ، بېيجىڭ بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى دۇنياۋى تەسىر كۈچ تالىشىدىغان مۇھىم جەڭ مەيدانىغا ئايلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ،دەپ يازىدۇ.
ئۇيغۇر قاچقۇنلىرىنىڭ ئەھۋالى قورقۇنچلۇق
ئەنگىلىيە نوتتىنغام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دىن ۋە سىياسەت پەنلىرى پروفېسسورى ئادرىئان پابست ئەپەندى ماقالىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلەپ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قېچىپ چىقىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ دۆلەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى كۈچلۈك قوشنىسى رۇسىيىنىڭ سۈكۈت قىلىپ قوللىشى بىلەن جىنايەتچى، مۇستەقىلچى ۋە تېررورچى، دەپ قارالغان كۆپلىگەن ئۇيغۇرنى قولغا ئالدى. بۇنىڭغا ئوخشاشلا ئۆزبېكىستان رەھبەرلىرىمۇ خىتايدىن قېچىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەردە پاناھلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى "ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەركىتى"گە قاتناشتى،دەپ ئەيىبلىمەكتە. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى، ھېچقانداق دۆلەت تەۋەلىكى بولمىغان 500 مىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر،بۇ دىكتاتور تۈزۈملەرنىڭ زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلانماقتا، دەپ يازىدۇ.
فرانك ۋولف :ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا يول قويماسلىقىمىز كېرەك
تەتقىقاتچى ئادرىئان پابست ئەپەندى ماقالىسىدە، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ غەربتىكى دوستلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق نامى بىلەن، خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى،ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن بولغان، كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە پارلامېنت ئەزاسى، فرانك ۋولفنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇش"نى ۋە ئولىمپىكنىڭ بىخەتەرلىكىنى باھانە قىلىپ،ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشىغا يول قويماسلىقىمىز لازىم،دېگەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ.
خىتاي پارچىلىنىشتىن ئەندىشە قىلىدۇ
ئادرىئان پابست ئەپەندى ماقالىسىدە يەنە : خىتاي، رۇسىيە ۋە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى شىرىكلىرى غەرب دۆلەتلىرىنى ئىككى بىسلىق ئۆلچەم قوللاندى ۋە ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلاشتى، دەپ ئەيىبلەيدۇ. ئۇلار زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئۈچۈن،بۆلۈنۈش تەھدىتلىرىگە قارشى تۇرۇش لازىملىقىنى تەكىتلىشىدۇ. ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە مەدەت بېرىش ۋە مۇستەقىلچىلەرنى قوللىشى غەربنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىياسىي ئورنىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدۇ،دەپ گۇمان قىلىدۇ، دەپ يازىدۇ.
خىتاي تېررور تەھدىتىنى كۆپتۈرۈپ كۆرسەتمەكتە
ئۇ ماقالىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كان بايلىقلىرى، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسىنىڭ ئىنتايىن مول ئىكەنلىكىنى،ئامېرىكىنىڭ 11 - سېنتەبىردىن ۋەقەسىدىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا كىرىپ، ھەربىي بازا قۇرغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: شۈبھىسىزكى، خىتاي تېررور تەھدىتىنى كۆپتۈرۈپ كۆرسىتىش ئارقىلىق، سىياسى ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش بىلەن بىرگە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنماقتا، دەپ يازىدۇ. ئۇ ماقالىسىدە ئامېرىكا بىلەن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا زامانىۋى بولغان، لىبېرال ۋە مۆتىدىل ئىسلام ئەقىدىلىرى پروگراممىلىرىغا ئىقتىسادى ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇ ئىستراتېگىيىنىڭ يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان - قىلمىغانلىقى ياكى غەربپەرەس ئىسلام كۈچلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقىنىڭ ئېنىقسىز ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
ئۇيغۇرلار ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم
پروفېسسور ئادرىئان پابست ئەپەندى ماقالىسىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقلىرىنى رەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: خىتاي پارچىلىنىشتىن قورققانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قانداق شەكىلدىكى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقلىرىنى رەت قىلماقتا، ئۇلارنى رەھىمسىزلىك بىلەن باستۇرماقتا ۋە ئۇلارغا قارىتا ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئۇيغۇر رايونى تىبەتكە ئوخشاش ئاپتونوم رايون بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىي ھوقۇق بېيجىڭ دائىرىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق كونترول قىلىنماقتا. خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى دىنىي ئەركىنلىكنى قاتتىق بوغۇپلا قالماستىن يەنە، باشقا دىندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى چەتكە قاقماقتا، دەپ يازىدۇ. ئۇ ماقالىدە ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنى خىتاينىڭ مەدەنىيەت ئاسسىمىلاتسىيىسىدىن ھۇشيار بولۇشقا ئۈندەيدۇ.