كرامېر: "سۆھبەتتە ئامېرىكا تەرەپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىگە دائىر مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى"
28 - ماي كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي - ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى، بۇ ئىككى دۆلەت سۆھبىتىنىڭ 2002 - يىلى ئۈزۈلۈپ قالغاندىن بېرى 1 - قېتىم تەكرار ئەسلىگە كېلىشى ئىدى. بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايىسنىڭ 2008 - يىلى 2 - ئايدىكى بېيجىڭ زىيارىتىدە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېيچىنى سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كۆندۈرگەنلىك ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلدى. سۆھبەت مارت ئېيىدا "لخاسا ۋەقەسى" يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي باشلانغانلىقتىن تىبەت ۋەقەسى، بولۇپمۇ تىبەت ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنغان تۇتقۇنلار مەسىلىسى سۆھبەتتىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى. لېكىن ئامېرىكا سۆھبەت ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دەيۋىد كرامېر، دۈشەنبە كۈنى مۇخبىرىمىز رىچارد فېنىينىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا سۆھبەت تېمىسىنىڭ "شىنجاڭ ۋەزىيىتى"گە چېتىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
كرامېر، خىتاي - ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇقى سۆھبىتىنىڭ 2002 - يىلدىن بېرى ئۈزۈلۈپ قېلىش سەۋەبىنى ئامېرىكىنىڭ سۆھبەت ئۈنۈمىدىن رازى بولمىغانلىقىغا باغلايدۇ. ئۇ، "بىز دىئالوگ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم بەرمىدى، دەپ قارىغاندىن كېيىن شۇنداقلا بۇ ھەقتىكى شىكايەتلەرگە ئاساسەن توختىتىلغان ئىدى. لېكىن بىز بۇ يىل كىرگەندىن كېيىن خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، بۇ يىل دىئالوگنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ياخشى يىلى، دەپ قارىدۇق. مىنىستىر رايىس فېۋرالدىكى بېيجىڭ سەپىرىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى بىلەن سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كېلىشكەن. بىزنىڭ بۇ قېتىم بېيجىڭغا بېرىشىمىز شۇ سەۋەبلەردىن بولدى " دەيدۇ. لېكىن ئۇ يەنە، خىتاي تەرەپنىڭ سۆھبەت باشلانغاندا خىتاينىڭ 2002 - يىلدىن بېرى كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قالمىدى.
سۆھبەتتە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىندى
ئۇ، بېيجىڭدىكى مەزگىلىدە كىشىلىك ھوقۇقى سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنى دىنىي ئەركىنلىك، مەتبۇئات ئەركىنلىكى، سىياسى مەھبۇسلار مەسىلىسى، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا چېتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. كرامېر، سەيشەنبە كۈنى سۆھبەت مەزمۇنىغا دائىر مەسىلىلەردە بىر ئاز تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى بەردى. ئۇ بۇ سۆزلەرنى مۇخبىرنىڭ ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدە " ئەڭ مەركەزلىك قايسى مەسىلىلەرنى مۇھىم دەپ قارايدۇ ؟ دېگەن سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە ئاشكارىلايدۇ.
كرامېر مۇنداق دەيدۇ، " سۆھبەت ئىنتېرنېتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەتبۇئات ئەركىنلىكى، مەھبۇسلار، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار، دىنىي ئەركىنلىك، تىبەت ۋەزىيىتى، قانۇننىڭ رولى شۇنداقلا شىنجاڭ ۋەزىيىتى ۋە شىمالى كورىيىلىك مۇساپىرلار مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرگە چېتىلدى. سۆھبەتتە يەنە نوپۇس مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىندى".
لېكىن كرامېر، بۇ مەسىلىلەردە تەرەپلەرنىڭ كونكرېت نېمىلەرنى دېگەنلىكى، مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسى شۇنداقلا "شىنجاڭ ۋەزىيىتى" دە زادى قايسى مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ئۈستىدە تەپسىلىي توختالمىدى. لېكىن ئۇ، خىتاي كەسپداشلىرىنىڭ سەمىگە سالغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى مەتبۇئات ئەركىنلىكىنىڭ رولى بولدى.
سۆھبەتلەرنىڭ نەتىجىسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن ئىدى
كرامېر، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سىچۈەندىكى يەر تەۋرەش ۋەقەسىدە مەتبۇئاتلارنىڭ ئاپەت رايونىغا كىرىش، نەق مەيدان خەۋىرى بېرىشىگە رۇخسەت قىلغانلىقى خەلقئارادا ئىجابىي تەسىر قوزغىغانلىقىنى خاتىرىلەتكەن. ئۇ، " بىز يەنە مەتبۇئات ئەركىنلىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىكىگە ئوخشاش خەلقئارادا كۈچلۈك ئىجابىي ئىنكاس يارىتىپلا قالماي، خىتاي جەمئىيىتىدە ئىجابىي ئىنكاس قوزغاپ، شەخسى پىداكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى، قوزغايدىغانلىقى، بۇ مەتبۇئات ئەركىنلىكىنىڭ جەمئىيەتنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشتىكى رولىنىڭ تىپىك مىسالى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردۇق" دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي - ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ھازىرغا قەدەر جەمئىي 12 قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. لېكىن بۇ سۆھبەتلەرنىڭ نەتىجىسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇقى ئاكتىپلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن. ئۇلار سۆھبەتنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى سىياسى مەھبۇسلارنى قۇتقۇزۇش بىلەن چەكلەنمەسلىكى، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ قانۇن - سىستېمىسىدىكى مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە ئىدى.
كرامېر بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ ناھايىتى سەۋىيىلىك ئۆتكەنلىكىنى، ھەر بىر مەسىلىسىنىڭ تەپسىلىي ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى، سۆھبەت ئۈنۈملۈك بولدى، دەپ قارايدىغانلىقىنى، لېكىن سۆھبەت نەتىجىسىگە ھازىر بىر نېمە دېيەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كرامېر، " مېنىڭچە سۆھبەتنىڭ قانچىلىك نەتىجە بېرىدىغانلىقى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئايدىڭلىشىدۇ " دەپ كۆرسەتتى.
رابىيە قادىر خانىم كرامېرغا ئۇيغۇر مەھبۇسلار تىزىملىكى بەرگەن
كرامېرنىڭ ئەسكەرتىشىگە قارىغاندا، ئامېرىكا سۆھبەت ئۆمىكى خىتاي دائىرىلىرىگە تۈرمىدىكى قويۇۋېتىشكە تېگىشلىك دەپ قارالغان بىر مەھبۇسلار تىزىملىكى بەرگەن. لېكىن كرامېر، تىزىملىكتىكى شەخسلەرنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلدى. كرامېر، بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىقىشتىن بۇرۇن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئۇچراشقان ئىدى.
رابىيە خانىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ كرامېرغا توختى مۇزارت، نۇرمۇھەممەت ياسىن، ئىككى ئوغلى ئابلىكىم ۋە ئالىم ئابدۇرېھىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئۇيغۇر مەھبۇسلار تىزىملىكى بەرگەن. لېكىن كرامېر تىزىملىكتىكى مەھبۇسلار ئىچىدە 1989 - يىلدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنغان كىشىلەر بارلىقىنى بىلدۈردى. كرامېر، تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنغان، لېكىن"ھازىرغا قەدەر تۈرمىدە يېتىۋاتقان مەھبۇسلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلدى".
" بىزنىڭ بېيجىڭغا بېرىشىمىزدىكى مەقسەت ۋەزىيەتنى ياخشىلاش"
كرامېرنىڭ باشچىلىقىدىكى ئامېرىكا سۆھبەت ئۆمىكى بېيجىڭدىكى مەزگىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بەزى بىر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى ئائىلىسىدە نەزەربەنت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكا سۆھبەت ئۆمىكى بىلەن كۆرۆشۈشىنى چەكلىگەن ئىدى. ئامېرىكا سۆھبەت ئۆمىكى خىتاي دائىرىلىرىگە بۇ ۋەقەنىڭ ئۆزلىرىنى ئەپسۇسلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كرامېر مۇخبىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئەھۋالنى تۈزىتىشىنى ئۈمىد قىلدى شۇنداقلا " بىزنىڭ بېيجىڭغا بېرىشىمىزدىكى مەقسەت ۋەزىيەتنى ياخشىلاش، يېڭى مەسىلىلەرنى يارىتىش ئۈچۈن ئەمەس" دەيدۇ. لېكىن كرامېرنىڭ ئەسكەرتىشىگە قارىغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى نەزەربەنت قىلىش ۋەقەسىنى سۈرۈشتۈرۈشكە ۋەدە بەرگەن. تەرەپلەر كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك سۆھبىتىنى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان.
كرامېر، "سۆھبەتنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى ياخشى ئىش، لېكىن بۇ مەسىلىلەر شۇنىڭ بىلەن ھەل بولدى دېگەنلىك ئەمەس" دەپ تەكىتلەيدۇ. ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق سۆھبەت ئۆمىكىنىڭ باشلىقى كرامېر، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە ئەمگەك ھوقۇقى ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى مىنىستىرى. ئۇ بۇ ۋەزىپىگە بۇ يىل 3 - ئايدا ئولتۇرغان ئىدى.