راي سىناشتا مەلۇم بولغان سەلبىي باھالارمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئاشكارا ئاڭلىتىلدى

ئامېرىكىدىكى 'پېۋ' تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى ئاندىرۇ كوخۇت بۈگۈن ۋاشىنگتوندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ۋە ئامېرىكا خەلقىغە 4‏ - ئايدىن 5‏ - ئايغىچە 21 دۆلەتتە ئېلىپ بېرىلغان راي سىناش ئەھۋالىنى، بولۇپمۇ دۇنيا خەلقىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بولغان كۆز قارىشىنى ئاشكارا چۈشەندۈردى.

0:00 / 0:00

ئامېرىكىدىكى 'پېۋ' تەتقىقات مەركىزى 'پۈتۈن يەر شارى بۇيىچە خەلقنىڭ رايى' دېگەن تېمىدا 4‏ - ئايدىن 5 ‏ - ئايغا قەدەر 21 دۆلەتتە 24 مىڭ ئادەم دائىرىسىدە راي سىناش ئېلىپ بارغان ئىدى. تۈنۈگۈن بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۇ راي سىناشنىڭ نەتىجىسىنى، بولۇپمۇ پۈتۈن يەر شارى بۇيىچە ئىقتىساد تۆۋەنلەشكە يۈزلەنگەندىن كېيىن، شۇنداقلا ئامېرىكا ئافغانىستان، ئىراقلاردا ئۇرۇش قىلغان ۋەزىيەتتە، دۇنيا خەلقىنىڭ رايى قانداق ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلغان ئىدى.

بۈگۈن دۇنيادىكى ب ب س قاتارلىق باشقا چوڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرىمۇ، بۇ راي سىناش نەتىجىسىنى تېخىمۇ تەپسىلىي ئېلان قىلدى. ئامېرىكا ئاۋازى بولسا، بۇ راي سىناشتا مەلۇم بولغان دۇنيا خەلقىنىڭ ئامېرىكىغا بولغان كۆز قاراشلىرىنىڭ تەپسىلاتىنىلا ئەمەس، بەلكى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدە، خەلقنىڭ ھازىرقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە قارىتا قانداق ئوخشىمىغان كۆز قاراشلىرى بارلىقىنىمۇ ئاشكارا ئېلان قىلدى.

'مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسى ئەڭ كۈپ 7 دۆلەتتە ئامېرىكىغا گۇمان بىلەن قارايدىغان ئادەم كۆپ'

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، دۇنيادا مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسى ئەڭ كۈپ بولغان 7 دۆلەتتە، ئامېرىكىغا گۇمان بىلەن قارايدىغان ئادەم كۆپ. مىسىردا ئامېرىكىنى قوللايدىغان ئادەم 17%، پاكىستاندا، تۈركىيىدە 21%، لىۋاندا 52%، ھىندونېزىيىدە 59%، نېگىرىيىدە 81%. بۇنىڭ ئىچىدە ئىئوردانىيە، ھىندونېزىيە، مىسىرلاردا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباماغا بولغان قىزىقىش بۇلتۇرقىدىن تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە بولسا، كۆپىنچە ئادەمدە ئامېرىكىنى كەلگۈسىدىكى تەھدىت دېگەن كۆز قاراش پەيدا بولغانلىقى يەنە بىر ئالاھىدىلىك.

'ئەمما، ئوساما بىن لادىننىڭ ئەلقائىدىسىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ئادەم چىقمىدى'

ئەمما بۇ دۆلەتلەردە، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش شەكلى بىلەن ھۇجۇم قوزغاشنى قوللايدىغان ئادەم ئاز، لىۋاندا 39%، تۈركىيىدە 5%. ئەمما بۇ قېتىمقى راي سىناشتا، ئوساما بىن لادىننىڭ ئەل -قائىدىسىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ئادەم چىقمىغانلىقى يەنە بىر ئالاھىدىلىك.

'گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئامېرىكىنى قوللايدىغان ئادەم سانى كۆپەيگەن، ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان بىلەن ئىراققا قاراتقان سىياسىتىگە بولغان قارشىلىق ناھايىتى جىددىي'

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، يۇقىرىدا نامى تىلغا ئېلىنغان يەتتە دۆلەتتىن باشقا دۆلەتلەردە، يەنى گېرمانىيە، ئىسپانىيە، رۇسىيە، خىتاي، فرانسىيە، ئارگېنتىنا، جەنۇبىي كورىيە، ياپونىيىلەردە ئامېرىكىنى قوللايدىغان ئادەم سانى بۇلتۇرقىدىن كۆپەيگەن. بۇنىڭ ئىچىدە گېرمانىيە بىلەن ئىسپانىيىدە 60%گە يەتكەنلىكى، بۇ دۆلەتلەردە گەرچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىناۋىتى ئۆسكەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان بىلەن ئىراققا قاراتقان سىياسىتىگە بولغان قارشىلىق ناھايىتى جىددىي ئىكەنلىكى بىر ئالاھىدىلىك.

'پەقەت خىتايدىلا 90% ئادەم ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىنى ياخشى دەپ پەخىرلىنىدۇ'

يەنە بىر ئالاھىدىلىك شۇكى، پولشا، خىتاي، برازىلىيىدىن باشقا دۆلەتلەردە، خەلق ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىنى ياخشى دېمەيدۇ. پەقەت خىتايدىلا 90% ئادەم ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىنى ياخشى دەپ پەخىرلىنىدۇ.

'مۇتلەق كۆپ سانلىق دۆلەت ئىرانغا قارىتا ھەربىي ئەمەس، ئىقتىسادىي جازا قوللىنىشنى قوللايدۇ'

بۇ قېتىمقى راي سىناش دائىرىسىدىكى مۇتلەق كۆپ سانلىق دۆلەت، ئىرانغا قارىتا ھەربىي جەھەتتىن ئەمەس، بەلكى ئىقتىسادىي جەھەتتىن جازا قوللىنىشنى قوللايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە 16 دۆلەت، ئىران بىلەن ھەربىي توقۇنۇشتىن ساقلىنىش كېرەك دەپ قارايدۇ.

'مېكىسكىدا ئامېرىكىنى قوللايدىغان ئادەم 62% دىن 44% گە چۈشۈپ قالغان'

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە يەنە، ئامېرىكىنىڭ ئارىزونا شىتاتىدا قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە زەربە بېرىدىغان قانۇن ماقۇللىنىشتىن بۇرۇن، مېكىسكىدا ئامېرىكىنى قوللايدىغان ئادەم 62% بولۇپ، ھازىر 44% كە چۈشۈپ قالغان.

'مۇسۇلمانلارنىڭ ئوبامادىن ئۈمىدسىزلىنىشكە باشلىغانلىقى مەلۇم بولدى'

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، 'پېۋ' تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى ئاندىرۇ كوخۇت بۈگۈن ۋاشىنگتوندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ۋە ئامېرىكا خەلقىغە، 4‏ -ئايدىن 5‏ - ئايغىچە 21 دۆلەتتە ئېلىپ بېرىلغان راي سىناش ئەھۋالىنى، بولۇپمۇ دۇنيا خەلقنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بولغان كۆز قارىشىنى ئاشكارا چۈشەندۈردى.

ئاندىرۇ كوخۇت بۇ قېتىمقى راي سىناش نەتىجىسىنى تونۇشتۇرغاندا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما 'مەن ئامېرىكا خەلقنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارغا دوستلۇقىنى ۋە سالامىنى يەتكۈزگەنلىكىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن"! دېگەندە گۈلدۈراس ئالقىش لەرزىگە چىققان ئىدى. ئەمما بۇ قېتىمقى راي سىناشتا، شۇنىڭدىن كېيىن، دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار ئۇنىڭدىن ئۈمىدسىزلىنىشكە باشلىغانلىقى مەلۇم بولدى' دېدى.

'ئوباما ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى ياخشى بىرتەرەپ قىلمىدى دېگەن سەلبىي كۆز قاراش مەۋجۇت'

'پېۋ' تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى ئاندىرۇ كوخۇت بۇ قېتىمقى راي سىناش نەتىجىسىنى تونۇشتۇرغاندا يەنە 'بۇ قېتىمقى راي سىناشتا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مۇسۇلمانلار ئىچىدە، ئامېرىكىنى بىر تەرەپلىمە دۆلەت، ھەربىي تەھدىت، ئافغانىستان ۋە ئىران مەسىلىسىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلمىدى دەپ قاراۋاتقان ئادەم كۆپ، تېخىمۇ يامىنى، ئوبامانى ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى ياخشى بىر تەرەپ قىلمىدى دېگەن سەلبىي كۆز قاراش مەۋجۇت' دېدى.

'ئوباما دۇنيادا ھۈرمەتكە سازاۋەر بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئوبرازى ھازىر دۆلەت ئىچىدە مەسىلىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ'

ئامېرىكا ئاۋازى بۈگۈن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە يەنە 'گەرچە پرېزىدېنت ئوباما دۇنيادا ئومۇمىي جەھەتتىن يەنىلا ھۈرمەتكە سازاۋەر بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئوبرازى ھازىر دۆلەت ئىچىدە مەسىلىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، ئامېرىكىدا قارشىلىق ئىپادىلەپ نامايىش قىلغان كىشىلەر، بىزگە سوتسىالىزمچى مۇستەبىت كېرەك ئەمەس، دېگەندەك شۇئارلارنىمۇ توۋلاپ قويدى' دەپ بايان قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.