خىتاي بولسا ئامېرىكا پاراخوتىنىڭ رايوندىكى مەشغۇلاتىنى قانۇنسىز، دەپ ئېلان قىلىپ، ئىغۋاگەرچىلىك قىلغانلىقىنى رەت قىلغان ئىدى. لېكىن ئامېرىكا ئاخبارات ساھەسىدىكى ئەمەلدارلار بۇ ۋەقە 2001 - يىلدىكى خىتاي - ئامېرىكا ھەربىي ئايروپىلانلىرىنىڭ سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسىدىن كېيىن يۈز بەرگەن ئەڭ جىددى ھادىسە، دەپ قارىماقتا.
يېقىندا جەنۇبى دېڭىزدا يۈز بەرگەن 5 دانە خىتاي چارلاش پاراخوتىنىڭ رايوندا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئامېرىكا تەكشۈرۈش پاراخوتىنى توسۇش ۋە ئىغۋاگەرچىلىك ۋەقەسى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا ئاخبارات ئەمەلدارى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ۋە دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ۋەقەلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى بۇ ۋەقەنى 2001 - يىلى يۈز بەرگەن ئامېرىكا ۋە خىتاي ھەربىي ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۆزارا سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئەڭ جىددى ۋەقە، دەپ تەرىپلىگەن.
ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات باش مۇدىرى دېننىس بلائىير، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ھەربىي ئىشلار كومىتېتىدىكى بىر سۆزىدە يەكشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن 5 دانە خىتاي چارلاش پاراخوتىنىڭ ئامېرىكا تەكشۈرۈش پاراخوتى بىلەن قارشىلىشىش ۋەقەسى خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى كېڭەيتىشكە ئىنتىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مەزكۇر مەسئۇلى چارشەنبە كېڭەش پالاتاسى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى گۇۋاھلىقىدا جەنۇبىي دېڭىزدىكى قارشىلىشىش ۋەقەسىنى چۈشەندۈرۈپ، " ئۇلار(خىتاي) ھەربي ھەرىكىتىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك تۈسىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ھەربىي جەھەتتىكى تەرەققىياتىنى خەيرلىك ئىشلارغا ئىشلىتەمدۇ ياكى باشقىلارغا بېسىم ئىشلىتىشكە قوللىنامدۇ، دېگەن مەسىلىدىكى تالاش - تارتىش داۋاملاشماقتا،" دېگەن.
دېننىس بلايىر كېڭەش پالاتاسى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىدىكى گۇۋاھلىقىدا يەنە ئامېرىكا پاراخوتى بىلەن خىتاي چارلاش پوئاراخوتلىرىنىڭ ئارىسىدىكى قارشىلىشىش ۋەقەسىنى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ھەربىي ئايروپىلانلىرىنىڭ 2001 - يىلى خەينەن ئارىلى ئەتراپىدىكى خەلقئارا ھاۋا تەۋەلىكىدە سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئەڭ جىددى ھەر بى ئىختىلاپ، دەپ تەرىپلىگەن.
2001 - يىلى 4 - ئايدا يۈز بەرگەن شۇ قېتىمقى ۋەقەدە بىر ئامېرىكا رازۋېتكا ئايروپىلانى بىلەن خىتاينىڭ بىر كۈرەشچى ئايروپىلانى سوقۇلۇپ كېتىپ، خىتاي كۈرەشچى ئايروپىلانى دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن. ئامېرىكا رازۋېتكا ئايروپىلانى خەينەندىكى بىر ھەربىي ئايرودرومغا مەجبۇرى قونغان، خىتاي بولسا ئامېرىكا رازۋېتكا ئايروپىلانى ۋە ئايروپىلاندىكى 17 نەپەر خادىمنى 11 كۈن گۆرۈدە تۇتۇپ تۇرغان ئىدى.
بۇ قېتىمقى ۋەقە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلىپ، چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارى كلىنتون بىلەن كۆرۈشىدىغان نازۇك بىر مەزگىلدە يۈز بەرگەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ بايانانچسى روبېرت ۋۇد تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كلىنتوننىڭ چارشەنبە كۈنى ياڭ جيېچى بىلەن كۆرۈشكەندە بۇ ۋەقەنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. كلىنتون خانىم چارشەنبە كۈنى ياڭ جيېچى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە تەرەپلەرنىڭ بۇ تۈردىكى ۋەقەلەر يەنە تەكرار يۈز بەرمەسلىكى كېرەك، دېگەن تونۇشقا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
چارشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ياڭ جيېچىنىڭ زىيارىتىنى " ئىجابىي تەرەققىيات" دەپ تەكىتلىگەن كلىنتون خانىم، "بىز ئىككى تەرەپ بۇ تۈردىكى ۋەقەلەرنىڭ كەلگۈسىدە يەنە يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، دېگەن تونۇشقا كەلدۇق،" دەپ كۆرسەتتى. ئاقساراينىڭ باياناتچىسى روبېرت گىبس بولسا پرېزىدېنت ئوبامانىڭ پەيشەنبە كۈنى ياڭ جيېچىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، قوبۇلدا ئوبامانىڭ يەر شارى ئىقتىسادىي كرىزىسىنى مۇزاكىرىگە قىلىپلا قالماي جەنۇبى دېڭىزدا يۈز بەرگەن يېقىنقى ۋەقەنى ئوتتۇرىغا قويۇدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بولسا خىتاينىڭ ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىنى توسۇش ھەرىكىتىنى " ئىغۋاگەرچىلىك ۋە خەتەرلىك" قىلمىش، دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى گەئوفف مورەلل، ئامېرىكىنىڭ "بېيجىڭ ۋە ۋاشىنگتوندا يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ، بۇ ۋەقەدىكى ئۇقۇشماسلىقلارنى ئۇزۇن بىر ۋاقىت ئىچىدە ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى" بىلدۈرگەن. لېكىن ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىنىڭ رايوندىكى مەشغۇلاتىنى "قانۇنسىز،" دەپ ئەيىپلىگەن خىتاي ھۆكۈمىتى، ئامېرىكىنىڭ "خىتاي ئىقتىسادى مەنپەئەت رايونىدىكى مەشغۇلاتىنى توختىتىشى"نى، خىتاينىڭ "ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك مەنپەئەتى"گە ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلماقتا. خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى خۇئاڭ شۆپىڭ چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى باياناتىدا "بىز ئامېرىكىنى بىزنىڭ قانۇنى ۋە بىخەتەرلىك مەنپەئەتىمىزگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىمىز،" دېگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئەرباپلار بولسا خىتاينىڭ ئامېرىكا كېمىسىنى توسۇش ۋەقەسىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇشىنى تەلەپ قىلماقتا.
كېڭەش پالاتاسىنىڭ ھەربىي ئىشلار كومىتېتىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېم ۋەب ۋەقەگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، " مەن يېقىندا يۈز بەرگەن ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدىكى پاراخوت ۋەقەسىگە دىققەت قىلىۋاتىمەن. خىتاي ئىقتىسادىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشكە بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا خىتاينىڭ جەنۇبى دېڭىزدىكى ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىدۇ،" دەپ تەكىتلىگەن.
لېكىن ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى مارك كېرك، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ خىتايغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان ئامېرىكا سىياسەتچىلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن باياناتىدا خىتاينىڭ "ئوباما بىلەن خۇ جىنتاۋ باشلىقلار سۆھبىتى ئېلىپ بارىدىغان مەزگىلدە ئامېرىكا پاراخوتىغا ئىغۋاگەرچىلك قىلىشى كىشىنى ئەجەپلەندۈرىدۇ،" دېگەن.