سېبىن ۋېلىت، ئۇيغۇرلارغا ئاتاپ شېئىر يازغان تۇنجى ئامېرىكىلىق

گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئامېرىكا خەلقى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇشتۇرۇشنى ئۆزىنىڭ ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم نىشانى دەپ بېكىتكەن ۋە ئۆزىنى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بىر ئەزاسى دەپ قارايدىغانلىقىنى جاكارلىغان سېبىن ۋېلىت، ئۇيغۇرلارغا ئاتاپ شېئىر يازغان تۇنجى ئامېرىكىلىق زىيالىي ھېسابلىنىدۇ.
يېقىندا، ۋاشىنگتون رايوندىكى ئامېرىكا فېدېرال ئەرزىيەت سوت مەھكىمىسىدە، گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنى ئاقلىغان سېبىن ۋېلىت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە چېتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىدىن ئەندىشىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بېرى، غەرب دۆلەتلىرىدە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە مەزكۇر تەشكىلاتلار ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن سۆز - ئىبارىلەرنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىشلىتىش ئارقىلىق، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كاللىسىدا، ئۇيغۇر تېررورچى ئوبرازىنى يارىتىش ئۈچۈن جىددىي تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.
سېبن ۋېلىتنىڭ دېيىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئۇيغۇرلارنىڭ، خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن، بولۇپمۇ غەرب دۇنياسى قاتتىق نەپرەت بىلەن قارايدىغان ئايروپىلان پارتلىتىش ۋە ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى جەريانىدا تەنھەرىكەتچىلەرنى گۆرۈگە ئېلىش قاتارلىق سۈيىقەستلەرنى پىلانلىغانلىقىنى جاكارلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادا ئەمدىلا تونۇلۇشقا باشلىغان ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان سۇيىقەستلىك باياناتلار بولۇپ، بۇنداق سەزگۈر بىر پەيتتە ئۇيغۇرلار، مەسىلىلەرگە ھوشيارلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، قايسى مەقسەت ۋە نىيەت بىلەن بولسۇن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇددىئالىرىنى ھەقلىق كۆرسىتىدىغان ھەرىكەتلەردىن ئۆزىنى قەتئىي قاچۇرۇشى كېرەك.
" بېيجىڭ ئولىمپىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئالاھىدە بىر پۇرسەت ھەم خەتەرلىك بىر پۇرسەت"
سېبىن ۋېلىت مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا بىر مۇلاھىزە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ " ئولىمپىك ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر پۇرسەتمۇ ياكى خەتەرمۇ" ماۋزۇلۇق مۇلاھىزىسىدە مۇنداق دەيدۇ ": بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئالاھىدە بىر پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. لېكىن بۇ خەتەرلىك بىر پۇرسەت ھېسابلىنىدۇ."
ئۆزىنىڭمۇ ھاياتىدا، غەرب دۆلەتلىرىدىكى نۇرغۇنلىغان كىشىلەر گە ئوخشاش ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن سېبن ۋېلىت مۇنداق دەيدۇ ": بۇ ۋەزىيەت 2005 - يىلى بىزنىڭ قانۇن شىركىتىمىز، گۈەنتانامودا گۇناھسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ داۋاسىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزگەردى. ئاندىن مەن ئۇيغۇرلارنىڭ
1949 - يىلى ماۋزېدۇڭنىڭ ئىشغالىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن قانداق ئازاپ - ئوقۇبەتكە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئۆگىنىشكە باشلىدىم. خىتاي زۇلمىنىڭ قۇربانلىرى بىلەن كۆرۈشتۈم. رابىيە قادىر خانىم بىلەن كۆرۈشۈش ۋە ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق ھايات ھېكايىسىنى ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلاش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم . بۇنىڭدىن سىرت مەن يەنە، ئانىسىنىڭ ۋەتىنىنى تاشلاپ قېچىشى نەتىجىسىدە، خىتاي پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرىنىڭ پىچىقىدىن قۇتۇلۇپ قالغان 6 ياشلىق چىرايلىق بىر ئۇيغۇر قىزى بىلەن ئۇچراشتىم شۇنىڭدەك گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان جاسارەتلىك ۋە شەرەپلىك ئۇيغۇر مەھبۇسلار بىلەن كۆرۈشتۈم."
"غەرب مەتبۇئاتىنىڭ سەھىپىلىرىنى ئۈرۈمچى، قەشقەر، غۇلجا ۋە خوتەن قاتارلىق ناملار قاپلاپ كېتىشى مۇمكىن"
لېكىن، غەرب دۆلەتلىرىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تېخى بۇ مەسىلىلەرنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن سېبىن ۋېلىت، بۇ ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ماقالىسىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ": ئالدىمىزدىكى ھەپتىلەر ۋە ئايلاردا، غەرب جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتى خىتاينىڭ غەربىي ئۆلكىلىرىگە بۇرۇلۇشى مۇمكىن. تىبەتلەرنىڭ ئەھۋالى ئاللىقاچان ئامېرىكا مەتبۇئاتنىڭ باش سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى. ئالدىمىزدىكى ئايلاردا غەرب مەتبۇئاتىنىڭ سەھىپىلىرىنى ئۈرۈمچى، قەشقەر، غۇلجا ۋە خوتەن قاتارلىق بۇرۇن غەرب جامائەتچىلىكى ئاڭلاپ باقمىغان جايلارنىڭ ئىسىملىرى قاپلاپ كېتىشى مۇمكىن."
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۇيغۇرلارنى قارىلاش پائالىيىتىنى ئاللىقاچان باشلىۋەتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن سېبىن ۋېلىت مۇنداق دەيدۇ" بېيجىڭ ھۆكۈمىتى 2002 - يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشكە قايىل قىلغاندەك، تېررورلۇق ھېكايىلىرىگە قاتتىق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان خەلقئارا جامائەتكە، ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇملىرى پىلانلىغانلىقىنى سۇنۇشقا باشلىدى.
غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تېررورلۇق پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىدىن پايدىلىنىشنى ياخشى بىلگەن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئايروپىلان پارتلىتىشنى پىلانلىغانلىقى ھەققىدىكى باياناتلىرى، بۇنداق خەۋەرلەرگە قاتتىق قىزىقىدىغان غەرب مەتبۇئاتلىرىدا مۇھىم خەۋەر سۈپىتىدە ئورۇن ئالدى."
غەرب دۆلەتلىرىنىڭ دىققىتى ئۇيغۇر ئېلىگە بۇرالغان بىر مەزگىلدە، ئۇيغۇرلارنىڭ غەرب جامائەتچىلىكىنىڭ كۆزىدە قانداق كۆرۈنۈشىنىڭ ناھايىتى مۇھىم بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئاپتۇر مۇنداق دەيدۇ ": نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى تىنچلىق بىلەن ئېلىپ بېرىش غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغايدۇ ھەمدە خىتاينىڭ ئەپتى - بەشىرىسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە پاش قىلىشتا زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىدىن چوڭ رول ئوينايدۇ. لېكىن ئەڭ كىچىك تىپتىكى بىر زوراۋانلىق ھەرىكىتى، غەرب ئەللىرىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتا كۈچىيىشكە باشلىغان ھېسداشلىقنىڭ پۈتۈنلەي يوق بولۇپ كىتىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن."