فەرۇخ: «ئانا تىلىم مېنى خىتايلىشىشتىن ساقلىدى»
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى قەدىرلەش ئېڭىنىڭ ئويغىنىشى، قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ خىتايمۇ ماس ھالدا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قوللىنىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ نامىدىكى خىتايچىلاشتۇرۇش مائارىپ سىياسىتى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرماقتا.
-
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2013-01-10 -
-
-
قوش تىللىق مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دوسكىغا چىقىپ خەت يېزىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2006-يىلى 13-ئۆكتەبىر، خوتەن.
AFP
Your browser doesn’t support HTML5 audio
ئەمما مەلۇمكى، قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئىكەنلىكى ئۇيغۇرلار بىردەك تونۇپ يەتكەن بىر مەسىلە.
خىتايچىلاشتۇرۇش مائارىپ سىياسىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، يېقىندا ئامېرىكىغا كەلگەن فەرۇخ بۇ نۇقتىنى ئۆزىنىڭ تولۇق ئوتتۇرىدىن باشلاپ قوش تىل مائارىپىنى قوبۇل قىلىش جەريانىدا تونۇپ يەتكەنلىكىنى ھەمدە ئانا تىلىغا پىششىق بولغاچقىلا ئۆزىنىڭ خىتايلىشىشتىن ساقلىنىپ قالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، فەرۇخنىڭ ئانا تىلىنى، ئۆزىنى ئىزدەش ھېكايىسىنى، ئۇنىڭ مۇخبىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلايلى.