ھىجرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى ساقلىشىدا ئەڭ چوڭ رىقابەت -نوپۇسنىڭ ئاز ۋە تارقاق بۆلىشى
2012.10.02
خەلقئارا قەلەمكەشلەر تەشكىلاتى شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ۋە يېزىقىنى قوغداش جەھەتتە خەلقئارادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلاتلار چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلنى قوغداش ھەرىكىتىگە ئورتاقلىشىشىنى شۇنداقلا ئۆزلىرى ياشاۋاتقان ئەللەردىكى ئەۋزەللىكلەردىن ۋە قانۇنلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ ئانا تىل قوغداش ھەرىكىتىنى يەنىمۇ جانلاندۇرۇشنى، ئەمەلىي ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
تىل ئالاقە قورالى، كەڭ ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولۇش يەنى ئۇنىڭ ئىستېمالى، تىلنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىنىڭ دەسلەپكى شۇنداقلا ئەڭ مۇھىم شەرتى. گۈزەل ۋە جەزبدار ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىياتى تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك بىباھا پاكىتلار بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇكى ئۇيغۇر تىلى نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئوخشىمىغان دەۋر ۋە شارائىتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستېمالىدىن چۈشۈپ قالمىغاچقا ھازىرغا قەدەر يېتىپ كېلەلىگەن.
نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىل مائارىپ سىياسىتى ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپىغا ئېلىپ كېلىۋاتقان غەلىتىلىك ۋە قالايمىقانچىلىقتىن، ئۇيغۇرلار ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئانا تىلىنى ئۆگىتىشتە گاڭگىراش ھېس قىلدۇرغان بولسا، ئۇيغۇر مەدەنىيەت توپىدىن ئايرىلغان ئوخشىمىغان تىل شارائىتلىرىدا،چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاتا ئانىلارمۇ ئوخشاشلا ياد تىل ۋە ياد مەدەنىيەت شارائىتىدا پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا ۋارىسلىق قىلىش ھەققىنى قانداق قىلىپ قوغداش يولىدا قايغۇرىدۇ.
خەلقئارا قەلەمكەشلەر تەشكىلاتى تىل ۋە تەرجىمە ھوقۇقى بۆلۈمى مەسئۇلى قەيسەر ئۆزھۇن ئەپەندى، ئوخشىمىغان ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ، خەلقئارا قەلەمكەشلەر تەشكىلاتىنىڭ يېقىندا ماقۇللىغان "ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى ئىشلىتىش ۋە ئۆز تىلىدا مائارىپ ئېلىپ بېرىش ھوقۇقىنى قوغداش" قارار لايىھىسىگە ئوخشاش ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق ئەھدىنامە ۋە قانۇنلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.
گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ ھىجرەتلىك ھاياتىنى باشلىشى تېخى يېقىنقى تارىخ بولسىمۇ، بولۇپمۇ مەدەنىيەت رىقابىتى قۇچاقلاشما جەڭ ھالىتىگە كىرگەن بۈگۈنكى ئامېرىكا ياۋروپا ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، ئۆز ئانا تىلىنى ساقلاش ۋە ئۇنى پەرزەنتلىرىگە ئۆز گۈزەللىكى ئالاھىدىلىكى بويىچە مىراس قالدۇرۇشنى ئۆزىنىڭ پەرزەنتى ۋە مىللەت ئالدىدىكى ئەڭ يۈكسەك مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتمەكتە شۇنىڭدەك بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە يارىشا ھەرىكەت قوللانماقتا.
ئەمما دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن نوپۇسنىڭ ئاز ۋە تارقاق بولۇشى ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاشتىكى ئەڭ ئەجەللىك بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
روشەنكى ئۈمىد ئەپەندى چۈشەندۈرگەندەك ھەر قايسى ئەللەردە ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ۋە شارائىتى ئوخشىمىسىمۇ ئەمما نۆۋەتتە ھەر قانداق تىل شارائىتىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇر ئۇيۇشمىلىرى ۋە جەمئىيەتلىرى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئۆز ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىتىشنى ئەڭ مۇھىم پائالىيەتلەر قاتارىغا قويماقتا. شۇنداقلا ئۇيغۇر جەمىيەتلىرىدە تىل ئۆگىنىشنى ۋە قوللىنىشنى بىر مەدەنىيەت ھېسابىدا ئومۇملاشتۇرۇشقا تىرىشماقتا.