
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ 24 - ئىيۇل ئېلان قىلىشىچە، بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنىڭ 50% ئى ئىشقا ئورۇنلاشقان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر ئېلىدە ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ بۇلتۇرقىغا قارىغاندا 13% ئۆرلىگەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن. شۇنداقلا بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 35. 7% ئىشقا ئورۇنلاشتى دەپ كۆرسىتىلگەن.
تەشۋىقات ۋە ئەمەلىيەت
گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مائارىپ ھەمدە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھەر يىلىدىكىگە ئوخشاش بۇ يىلمۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ بۇلتۇرقىدىن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ ستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلار بىلەن تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما، ئۇيغۇرلار بۇ ستاتىستىكىلىق سانلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا ئىش پۇرسىتىنىڭ تەگمەيۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئانا تىلىدا مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنىڭ چىقىش يولى تاپالمايۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلماقتا.
خوتەندە ئۇيغۇر پىداگوگىكا كەسپىدە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، خىزمەت كۈتۈۋاتقىنىغا ئۈچ يىل بولغان بىر ئۇيغۇر قىز ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچى بولۇش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ئەمما، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىل مائارىپى سىياسىتى بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىتاي تىلى سەۋىيىسىگە ئالاھىدە يۇقىرى تەلەپلەر قويۇلۇۋاتقاچقا ئۆزىگە ئوخشاش ئۇيغۇر تىلىدا مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنىڭ خىزمەت تېپىشى يەنىمۇ تەسلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بىر يېزا مۇئەللىمىنىڭ ئانا تىل ھەققىدە ئېيتقانلىرى
ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە خىتايچىلاشتۇرۇش مائارىپىنى بارغانچە كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىشى بىلەن تەڭ، ئۇيغۇر ئانا تىلىدا مائارىپ قوبۇل قىلغانلارغا ئىش تېپىشنى مۈشكۈللەشتۈرۈشى، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنى خىتايچە مائارىپ قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر قىلىۋاتقان بولۇپ بۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىنلا تەرەققىي قىلدۇرۇلمايۋاتقان ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپىنىڭ چىقىش يولى تارايماقتا ئىكەن. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر يېزا ئوقۇتقۇچىسى ئۆزىنىڭمۇ پەرزەنتلىرىنى خىتاي مەكتىپىگە بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ خىتاي تىلىنى ئانا تىلى دەپ تەبىر بەردى. بۇ يېزا مۇئەللىمى گەرچە ئۇيغۇر مەكتىپىدە ئۇيغۇر تىلىدا دەرس بېرىۋاتقان مۇئەللىم بولسىمۇ ئەمما، دۆلەت تىلى بىلەن ئانا تىلنىڭ پەرقىگە نىسبەتەن ئۆزىدىمۇ توغرا چۈشەنچە يوق ئىكەن. بەلكىم بۇ كىچىككىنە مىسال ئۇيغۇر ئانا تىلى مائارىپىنىڭ قايسى يولغا قىستىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرسە كېرەك.
ئۇيغۇرلار ھەرخىل بېسىملار تۈپەيلى خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇشنى تاللىماقتا
نۆۋەتتە ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ بارغانچە خىتايچىلاشتۇرىلىشى ھەمدە جەمئىيەتتە ئۇيغۇر ئانا تىلىدا مەلۇمات ئالغانلارغا چىقىش يولىنىڭ تار بولۇشى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇيغۇرلاردا كېلىپ چىقىۋاتقان ئۇيغۇر ئانا تىلى مائارىپىغا قارىتا ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتى ئاتا - ئانىلارنى پەرزەنتلىرىنى ئۆزلىگىدىن خىتايچە مەكتەپلەرگە بېرىشكە مەجبۇرلاۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇ خىل زەنجىرسىمان يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىنى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرگەندىن باشقا، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيتىنىڭ ساقلىنىشى ھەمدە تەرەققىياتىغىمۇ زور توسقۇنلۇق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بولسا، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئەندىشە قىلىۋاتقان ئانا تىلنىڭ چىقىش يولى تاپالماسلىق مەسىلىسىنىڭ، دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەدەنىي مائارىپ جەھەتتىن ئاسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلغان سىياسەتلىرىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. (گۈلچېھرە)