ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بۇنىڭ بېرما خەلقىنىڭ ئەركىنلىكىگە ئېرىشىش يولىدىكى تۇنجى قەدەم بولۇپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلىشتى.
21 يىللىق سىياسىي ھاياتىنىڭ 15 يىلىنى تۈرمىلەردە ئۆتكۈزگەن بېرمىلىق ئايال لىدېر، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ئاڭساڭ سۇكى 13 - نويابىر كۈنى قويۇپ بېرىلدى. ئاڭساڭ سۇكىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۇنىڭ بېرما ۋە دۇنيا مىقياسىدىكى قوللىغۇچىلىرىنى قاتتىق ھاياجانغا سالدى.
بېرمىنىڭ دىكتاتور جۇنتا ھاكىمىيىتى ئاڭساڭ سۇكىنى تۈرمىدىن ئازاد قىلىشى بىلەن ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى كوچىلارغا چىقىپ بۇ خەۋەرنى تەبرىكلەشكەن. ئاڭساڭ سۇكى ئۆيىنىڭ ئالدىغا يىغىلغان مىڭلارچە ئاممىغا نۇتۇق سۆزلەپ، "ھەممىمىز بىرلەشكەندىلا مەقسىتىمىزگە يېتەلەيمىز، نىشانىمىزغا يېتىش ئۈچۈن كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىمىز " دەپ چاقىرىق قىلدى. مىڭلارچە كىشى بىردەك "بىز ھەممىمىز ساڭا ئەگىشىمىز" دەپ ئۇزۇنغىچە شۇئار توۋلىغان.
ئاڭساڭ سۇكى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئامېرىكا، بېرىتانىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق ھەرقايسى دېموكراتىك ئەللەر رەھبەرلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، ئاڭساڭ سۇكىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ئۇنىڭغا "قەلبىمدىكى قەھرىمان" دەپ باھا بەردى ۋە بۇنىڭ بېرما خەلقىنىڭ ئەركىنلىكىگە ئېرىشىش يولىدىكى بىر قەدەم بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ شۇنداقلا بېرما تۈرمىلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 2000 دىن ئارتۇق سىياسىي جىنايەتچىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.
ئۇنداقتا كىم بۇ ئاڭساڭ سۇكى؟ ئاڭساڭ سۇكى بېرما دېموكراتىك بىرلىكى پارتىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇپ، ئۇ بېرمىنىڭ ئەركىنلىك قەھرىمانى دەپ بىلىنىدىغان گېنېرال ئاڭساڭنىڭ قىزى. گېنېرال ئاڭساڭ 1947 يىلى يەنى بېرما بېرىتانىيە ئىمپېرىيىسىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىللىقىغە ئېرىشىشىدىن 6 ئاي بۇرۇن سۇيىقەستكە ئۇچراپ ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇ ئاپىسى ۋە قېرىنداشلىرى بىلەن بىللە چوڭ بولغان. ئۇ ئاپىسى داۋ خىنكى 1960 - يىلى بېرمىنىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بولۇپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن ھىندىستانغا كەلگەن ۋە يېڭى دېلھىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. 1964 - يىلىدىن 1967 - يىلىغىچە ئەنگىلىيە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا پەلسەپە ئوقۇغان. ئۇ بىر مەزگىل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا خىزمەت قىلغان.
ئاڭساڭ سۇكى 1988 - يىلى بېرمىغا قايتىپ، ئۆزىنىڭ پارتىيىسى بولغان بېرما دېموكراتىيە بىرلىكى پارتىيىسىنى قۇرغان. 1990 - يىللاردا ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا ئاڭساڭ سۇكىنىڭ پارتىيىسى ناھايىتى زور ئۈستۈنلۈك بىلەن سايلامنى ئۇتۇپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما 1962 - يىلىدىن بېرى ھەربىي ئۆزگىرىش بىلەن ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان ھەربىي جۇنتا ھاكىمىيىتى سايلام نەتىجىسىنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭ پرېزىدېنت بولۇشىغا رۇخسەت قىلمىغان.
جۇنتا ھاكىمىيىتى ئارقىدىنلا ئاڭساڭ سۇكىنى 1990 - يىلىدىن 1995 - يىلىغىچە ئۆز ئۆيىدە نەزەربەند ئاستىغا ئالغان.
ئاڭساڭ سۇكى نەزەربەند ۋاقتىدا يەنى 1991 - يىلى ھەربىي جۇنتا ھاكىمىيىتىگە قارشى چىقىپ، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنى قوغدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا نوبېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بېرىلگەن. ئاڭساڭ سۇكى 1995 - يىلى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، نوبېل كومىتېتىدىن بېرىلگەن بىر يېرىم مىليون دوللار مۇكاپاتنى بېرما خەلقىنىڭ سالامەتلىك ۋە مەكتەپ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا ئىشلەتكەن ۋە بۇ جەرياندا دېموكراتىك پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلغان.
بېرما دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ سىمۋولى ھالىغا كەلگەن ئاڭساڭ سۇكى 2000 - يىلى قايتىدىن نەزەربەنتكە ئېلىنىپ 2002 - يىلى قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما بىر يىلدىن كېيىن يەنى 2003 - قايتا قولغا ئېلىنغان. ئاڭساڭ سۇكى خانىم ئاخىرقى قېتىم قولغا ئېلىنىپ 7 يىل ئارىدىن كېيىن 2010 - يىلى 13 - نويابىر كۈنى قويۇپ بېرىلدى. ئاڭساڭ سۇكىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى خەۋىرى دۇنيادىكى بارلىق دېموكراتىيە تەرەپدارلىرىنى مەمنۇن قىلدى. ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بېرما ھۆكۈمىتىدىن قالغان سىياسىي مەھبۇسلارنىمۇ قويۇپ بېرىشكە چاقىرىپ، بېرما خەلقىنىڭ ئۆز ئىرادىسى بويىچە ياشىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىشتى. خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن بۇ خەۋەر دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا قىززىق تېمىغا ئايلانغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا بۇ خەۋەرلەر ئاساسەن ئېلان قىلىنمىغان.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ شىنخۇا ئاخباراتىنىڭ خەۋەرنى "بېرمىدىكى بىر سىياسىي ئەرباب قويۇپ بېرىلدى" دەپ خەۋەر قىلىشى ئالاھىدە دىققەت تارتقان.
ئاڭساڭ سۇكى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئامېرىكا، بېرىتانىيە، ئاۋسترالىيە دۆلەت رەھبەرلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا بايانات ئېلان قىلدى. ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى داۋىد كامېرون باياناتىدا ئاڭساڭ سۇكىنى تەبرىكلىگەندىن كېيىن، بېرما خەلقى ئۆزىنىڭ لىدېرىنى سايلاش ھوقۇقىغا ئېرىشىشى كېرەك، دېدى.
ئاڭساڭ سۇكىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى بېرمىدىكى جۇنتا ھاكىمىيىتىنىڭ قاتتىق قوللۇق سىياسىتى ئاستىدا يەتكۈچە ئېزىلگەن بېرما خەلقىنىڭ ئەركىنلىككە ۋە دېموكراتىيىگە بولغان تەلپۈنۈشىگە بىر ئۈمىد چىرىقى ياقتى. ئۇ ھەم دۇنيادىكى باشقا دېموكراتيىلىك ھەرىكەتلەرگە بىر ئىلھام مەنبەسى بولدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئاڭساڭ سۇكى خانىم بېرما جۇنتا ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن نەزەربەند قىلىنغاندىن بېرى ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەر ئىزچىل ھالدا بېرمىغا ئاڭساڭ سۇكىنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىپ كەلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىش ۋاقتى نوبېل مۇكاپاتىنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمى ۋە ئاسىيا تېنچ - ئوكيان ئىقتىساد ھەمكارلىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مەزگىلىگە توغرا كەلگەن بولۇپ، مانا مۇشۇنىڭدەك بىر قاتار ئامىللارنىڭ ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكى مەلۇم بولماقتا. گەرچە، بېرما جۇنتا ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلىشىغا يول قويۇدىغان - قويمايدىغانلىقى، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بىخەتەرلىكىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى يەنىلا ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھازىر نەزەربەندتىن ئازاد قىلىنغانلىقى بېرمىدىكى خەلق ئۈچۈن بىر غەلىبە دەپ قارالماقتا.
ھازىر ئاڭساڭ سۇكى خانىمغا ئوخشاش دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ھەرىكەتلىرىدە ئاكتىپ رول ئېلىپ كېلىۋاتقان ئاياللارمۇ ئاز ئەمەس. ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىممۇ ئەنە شۇنداق ئاياللارنىڭ بىرى. رابىيە خانىممۇ خىتاي تۈرمىلىرىدە ياتقان، ئۇمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن قىلغان كۈرەشلىرى ئۈچۈن نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەن بىر قەھرىمان ئايال. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەركىنلىككە، دېموكراتىيىگە بولغان تەلپۈنۈشى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى مەزگىلىدە يەنە بىر قېتىم نامايەن بولدى. نامايىشقا چىققان ئۇيغۇر قىز - ئاياللىرى ۋەقەنىڭ خەلقئارادا توغرا تونۇلۇشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئويناپ، ئاياللارنىڭ دېموكراتىيە ھەرىكىتىدىكى رولىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلىپ بەردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.