كىچىك ماھىرە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتى

خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدىكى دېھقان ئوسمانجان، ئاق قان كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان 9 ياشلىق قىزى ماھىرەنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئېغىر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن.

0:00 / 0:00

بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مۇرات شۇنىڭدەك " شىنجاڭ ئالتىشەھەر رەپ گۇرۇپپىسى" نىڭ باشقۇرغۇچىسى ئىليار قاتارلىق ياشلار، جەمئىيەتتە سەپەرۋەرلىك قوزغاپ، ماھىرەنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن ئىقتىساد توپلاش پائالىيىتىنى باشلىۋەتكەن.

نۆۋەتتە ماھىرەنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن يەنە 400 مىڭ يۈەن پۇل كېرەك بولۇپ، مۇرات ۋە ئىليارلار ئۈزلۈكسىز ئىئانە توپلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆزلىكىدىن كۆرسەتكەن بۇ ياردەملىرى ماھىرە ۋە ئۇنىڭ ئاتا ‏ - ئانىسىنىڭ ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز رەھمىتىگە سازاۋەر بولغان.

" ئالتىشەھەر رەپ گۇرۇپپىسى" جىددىي داۋالىنىشقا مۇھتاج بولغان، ئاق قان كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان 9 ياشلىق دېھقان قىزى ماھىرە ئۈچۈن ئاتاپ بىر ناخشا تەييارلىغان بولۇپ، ئۇلار كىچىك سىڭلىسى ماھىرەنىڭ سەللىمازا ساقىيىپ كېتىشىنى چىن قەلبىدىن ئۈمىد قىلماقتا.

" ئالتىشەھەر رەپ گۇرۇپپىسى" نىڭ باشقۇرغۇچىسى ئىليارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ماھىرەنىڭ ئەھۋالىنى ناتونۇش بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن ئاڭلىغاندىن كېيىن، گەرچە مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ كۆپ پۇلى بولمىسىمۇ، ئەمما پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، بۇ كىچىك سىڭلىسىنى قۇتقۇزۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەڭ دەسلەپ " ھايات بىر ئۈمىد " نامىدا ئىئانە توپلاش سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن ۋە 40 مىڭ يۈەن پۇل توپلىغان.

ئىلياردىن ماھىرەنى داۋالاش ئۈچۈن ياردەم سورىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مۇرات ساۋاقداشلىرى، ئاق كۆڭۈل ياردەم سۆيەر ئىنسانلار شۇنىڭدەك ئۈرۈمچى خەيرى - ساخاۋەت مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلارغا بېرىپ ماھىرەنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن يەنە 70 مىڭ يۈەن پۇل يىققان.

ئەمما ماھىرەنىڭ داۋالىنىش خىراجىتى ئۈچۈن يەنە 400 مىڭ يۈەن ھازىرلىنىشى كېرەك، بۇ پۇللارنى قانداق توپلاش كېرەك؟ ئىليار " ئالتىشەھەر رەپ گۇرۇپپىسى" نىڭ داۋاملىق سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، پۇل يىغىشقا كىرىشىدىغانلىقىنى، مۇرات بولسا ھەر قايسى ئالىي مەكتەپ ۋە جەمئىيەتتىن ياردەم سوراشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ماھىرەنىڭ ئاتا ‏ - ئانىسى ئۇيغۇر ياشلىرى كۆرسەتكەن ياردەمدىن ئىنتايىن سۆيۈنگەن بولۇپ، ئۇلار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز تەسىراتىنى ئىپادىلىدى.

كىچىك ماھىرە بولسا رادىئو دولقۇنلىرى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە ياردەم قولىنى سۇنۇشىنى سورىدى.