رادىئومىز ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر ۋە ئىلى قاتارلىق جايلىرىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاقسۇدا ۋەقە يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، جايلاردا قاتناش قورالى بار پۇقرالارنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسى قايتىدىن تىزىمغا ئېلىنىپ، يېزىلاردىن شەھەرلەرگە كىرگەن يولۇچىلارنىڭ كىملىكى قاتتىق تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.
قەشقەر تەۋەسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر ئۇلارنىڭ يېزىسىدا ياشلار ئەگەر كىملىكى بولمىسا ھېچ يەرگە بارالمايدىكەن. بولۇپمۇ 19 - ئاۋغۇست ئاقسۇدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدىن كېيىن، ھەرقايسى قاتناش تۈگۈنلىرىدە يولۇچىلارنىڭ كىملىكى ۋە نەرسە -كېرەكلىرى قاتتىق تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.
بۇ خانىم يەنە، يېزىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىخەتەرلىك خادىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ يېزىسىدا ھەر بىر مەھەللىگە بىردىن چارلاش خادىمى قويۇلۇپ، ئۇلاردىن مەھەللىدىكى گۇمانلىق كىشىلەرنى يۇقىرىغا مەلۇم قىلىش تەلەپ قىلىنماقتا ئىكەن.
رادىئومىز، ئىلى تەۋەسىدىكى يېزىلارغا تېلېفون قىلىش ئارقىلىق، ئىلى رايونىدىمۇ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۆپەيتىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئىنكاسلارنى ئىگىلىدۇق. غۇلجا ناھىيىسىدىكى بىر دېھقاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر ناھىيىدىن شەھەرگە كىرمەكچى بولغان كىشىلەرنىڭ كىملىكى يولدىكى چارلاش ساقچىلىرى تەرىپىدىن بىر تۇتاش يىغىۋېلىنىپ تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاندىن ئۇلارنىڭ شەھەرگە كىرىشىگە يول قويۇلىدىكەن.
بۇ دېھقان يەنە، ئۇلارنىڭ يېزىسىغا ھازىر مەخسۇس بىخەتەرلىكنى ساقلاش ئۈچۈن يۇقىرىدىن كادىرلارنىڭ كەلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئاساسەن يېزىغا سىرتتىن كەلگەن مېھمانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆي - ئۆيگە كىرىپ تەكشۈرۈپ تۇرۇش ھەم يېزىدىكى گۇمانلىق ئەھۋاللارنى يۇقىرىغا مەلۇم قىلىشقا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بۇ خىل قاتتىق تەكشۈرۈش "19 - ئاۋغۇست ئاقسۇ ۋەقەسى" دىن كېيىنلا يولغا قويۇلۇۋاتقان بولماستىن، بەلكى بۇلتۇر "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن باشلاپلا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال ئىكەن.
دىلشات رىشىت سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ خىل قاتتىق تەكشۈرۈشنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ئۆزى قول قويغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىغا قىلىنغان ھاقارەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى.
ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇلتۇر "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە "ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ۋەزىيەت ئەسلىگە كەلدى، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق رايوندا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىككە كاپالەتلىك قىلىمىز" دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن 19 - ئاۋغۇست ئاقسۇدا يۈز بەرگەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا تىنچسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.