چۆلنى بوستان قىلىۋاتقان - ھاشاغا ئىشلەۋاتقان دېھقاننىڭ قان تەرى

باھار پەسلى كۆكەرتىش مەزگىلى، يەنى ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ جاي جايلاردا كوللېكتىپ شەخسىي كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلماقتا. سەيشەنبە كۈنى شىنخۇئا ئاگېنتلىقى ئاقسۇدا يېزا كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ شەھەرگە كىرىپ بەستە - بەستە كۆچەت سېتىۋېلىپ ماكانىنى كۆكەرتىشكە ئاتلانغانلىقىدەك بىر خەۋەرنى ئېلان قىلدى.

0:00 / 0:00

مەزكۇر ئۇچۇرغا ئاساسەن ئاقسۇنىڭ يېزىلىرىغا تېلېفون ئۇلىغىنىمىزدا، ئەسلىدە دېھقانلارنىڭ كۆچەت تىكىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى شۇنىڭدەك ھاشارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىدەك ئەمەلىي ئەھۋاللار ئاشكارلاندى.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قانچە خىتاي خەۋەر تورلىرىدا بېرىلىۋاتقان خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممە جايلىرىدا دېگۈدەك كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلماقتا. ئورمان بىنا قىلىش ئىنسانلارنىڭ ياشاش مۇھىتى، تەبىئەت ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولغان بىر پائالىيەت ئەلۋەتتە. گەرچە ئىنسانلار ئۈچۈن ھاياتىدا كۆچەت تىكىپ تەبىئەتكە، ھاياتلىققا ئاز بولسىمۇ ئەمەلىي تۆھپە قوشۇش بىر ئىنسانىي مەجبۇرىيەت بولسىمۇ ئۇ ئەلۋەتتە ئىختىيارى ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر ئەمگەك.

شىنخۇئا تورى قاتارلىق بىر قانچە خىتايچە ئۇچۇر تورلىرىغا قارىساق ئاقسۇدا نۆۋەتتە دېھقانلارمۇ يېزا - يېزىلاردىن شەھەرگە كېلىپ كۆچەت سېتىۋېلىۋاتقانلىقىدەك سۈرەتلىك بىر خەۋەر بېرىلدى، خەۋەردە ئېيتىلىشىچە،ئاقسۇ شەھرى 2008 - يىلىدا خىتاي بويىچە غەربىي شىمال رايونىدىكى تۇنجى "ئورمان شەھەر" باھالانغان شەھەر ھېسابلىنىدىكەن.

مەلۇم بولغاندەك ئاقسۇنىڭ كۆپلىگەن يېزىلىرى تا - ھازىرغا قەدەر نامراتلىقتىن قۇتۇلغىنى يوق، بولۇپمۇ ھازىرقىدەك پەسىل دېھقانلارنىڭ ئاشلىق - تۈگۈللىرى ئاخىرلىشىپ،يازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقى ئۈچۈن ئۇرۇق ۋە ئوغۇتلارنى سېتىۋالىدىغان، غورىگۈل مەزگىلى مۇنداق پەيتتە ئۇلارنىڭ بەستە - بەستە كۆچەت سېتىۋېلىشىنىڭ جىددىي ھاجىتى بارمۇ ؟

بۇ ھەقتە بىزنىڭ ئاقسۇنىڭ قۇمباش يېزىسىغا قاراتقان تېلېفون زىيارىتىمىزدىن، تەلىماكان قۇملۇقىنىڭ شىمالىدىكى بۇ شەھەرنىڭ يەنىلا دېھقانلارنىڭ قان تەرى بىلەن ئورمانلىققا ئايلىنىۋاتقانلىقى، دېھقانلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ كۆكەرتىش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاران ئېشىنغان پۇللىرىغىمۇ كۆچەت ئېلىپ، ھاشارغا ئىشلەپ بۇ ماكاننى كۆكەرتىۋاتقانلىقى ئاشكارلاندى. بۇ ھەقتە ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر دېھقاننىڭ ئېيتقانلىرى يۇقۇرقىلارنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.

ئۇيغۇر يېزىلىرىدىن ئىگىلەپ كېلىۋاتقان مەلۇماتلىرىمىزدىن ئاشكارىكى گەرچە خىتاي دائىرىلىرى مەجبۇرى ھەقسىز ئەمگەك بولغان ھاشانى 2005 ‏ - يىلىنىڭ ئاخىرغىچە پۈتۈنلەي ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، يەر شارىدا پەقەت ۋە پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدە مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش "كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش قۇرۇلۇشى"، "قۇمنى تىزگىنلەش"، "يوللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش"، "سۇ قۇرۇلۇشى" ھەتتا "كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش" دېگەندەك ناملار بىلەن نامى ئۆزگەرتىلىپ داۋاملاشماقتا.