ئارزۇگۈل تۇرسۇن ۋە ئائىلە - تاۋاباتىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى

ئارزۇگۈل تۇرسۇن دوختۇرخانىدىن قويۇۋېتىلگەندىن كېيىن، دەسلەپكى بىر ھەپتىدە سالامەتلىكى ياخشى بولمىغان، بولۇپمۇ روھىي كەيپىياتىدا ئېغىر تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلگەن.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2008.12.05
Uyghur-boway1-305.jpg ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻮﯞﺍﻳﻨﯩﯔ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
RFA Photo

 بۇنىڭغا دوختۇرخانىدىن قېچىش ۋە ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇش جەريانىدىكى ئەنسىزچىلىك سەۋەپ بولغان. ئارىدىن 10 كۈن ئۆتكەندە سالامەتلىكى بىراز ياخشىلانغان.

ئارزۇگۈل دوختۇرخانىدىن قويۇۋېتىلگەندىن كېيىن، دەسلەپكى بىرقانچە كۈندە ئائىلە - تاۋاباتى ساقچىلارنىڭ ئاۋارىچىلىقىغا ئۇچرىغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ دادىسى تۇرسۇن ھەسەن بىلەن ئىنىسى ھېيتەم تۇرسۇن ئارقا - ئارقىدىن سوراققا تارتىلغان.

سوراق جەريانىدا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خاتا ئىش قىلمىغانلىقىنى، پەقەت بىر جاننى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەركەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ساقچىلار چەكتىن ئاشۇرۇپ قوپاللىق قىلغاندا قارشىلىق بىلدۈرگەن.

تۇرسۇنجان ھەسەننىڭ 8 بالىسى بولۇپ ، بۇلاردىن 4 نەپىرى پىلاندىن سىرت تۇغۇلغان. پىلانلىق تۇغۇتقا خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەپلىك يېزىلىق ھۆكۈمەت ئۇنى تۈرلۈك ياردەم ۋە نەپىقىلەردىن مەھرۇم قالدۇرۇپ كەلگەن.

تۇرسۇنجان ھەسەن قىزى ئارزۇگۈلنىڭ ئىشىنى ئوڭۇشلۇق پۈتتۈرگەندىن كېيىن، نۆۋەتتە ئۇ ئۆزى بەھرىمان بولۇشقا تېگىشلىك ھەق - ھوقۇقلىرىنى سۈرۈشتە قىلماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.