"ئاسىيا ھەپتىلىك ژۇرنىلى" نىڭ مۇخبىرى غەيرەت نىيازنى زىيارەت قىلىش جەريانىنى ئاشكارىلىدى (2)
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﮭﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.08.04
2010.08.04
RFA
مۇخبىر ماقالىسىدە، "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"، 8 - ئايلاردىكى "يىڭنە سانجىش ۋەقەسى" ۋە "3 - سېنتەبىر خىتايلار نامايىشى" مەزگىلىدە غەيرەت نىياز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرى ھەمدە ئەينى چاغدا ئۆزى ئىگىلىگەن بەزى ئەھۋاللارنى بايان قىلغان.
ئاپتور لى يۇڭفېڭ" غەيرەت نىيازنى زىيارەت قىلىش جەريانىم" ناملىق ماقالىسىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ مۇخبىر غەيرەت نىيازنى،" چەتئەل مۇخبىرلىرىغا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغان"،" دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغان" دېگەن جىنايەتلەرنى ئارتىپ، ئۇنى 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشىنىڭ پۈتۈنلەي ئاساسى بولمىغان تۆھمەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
" ئاسىيا ھەپتىلىك ژۇرنىلى" مۇخبىرى لى يۇڭفېڭ ماقالىسىنىڭ كېيىنكى قىسمىدا، غەيرەت نىيازنى 1 - قېتىم زىيارەت قىلغان ماقالىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، غەيرەت نىياز يولۇققان ئاۋارىچىلىكلەر، 2009 - يىلى 8 - ئايدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن "يىڭنە ۋەقەسى"،" 9 - ئايدا يۈز بەرگەن "3 - سېنتەبىر خىتايلار نامايىشى"دىن كېيىن، غەيرەت نىيازنى قايتا زىيارەت قىلىش جەريانى، غەيرەت نىيازنىڭ بۇ نۆۋەت مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە دېگەن گەپلىرى ھەم ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ غەيرەت نىيازغا 15 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى پۇقرالارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇش بىلەن ئەيىبلىگەن.
ئاپتور غەيرەت نىيازنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلغاندىن كېيىنكى ئەھۋاللارنى مۇنداق بايان قىلىدۇ.
" 2009 - يىلى 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى مەن غەيرەت نىيازغا تېلېفون قىلىپ، مېنىڭ خەۋىرىمنىڭ ئۇنىڭغا قانداق ئاۋارىچىلىكلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى سورىغىنىمدا، غەيرەت نىياز ماڭا ئۆزىنىڭ چوڭ ئاۋارىچىلىككە يولۇققانلىقىنى، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئۇنى 2 قېتىم ئىزدەپ كېلىپ، ئۇنىڭدىن " 5 - ئىيۇل نامايىشى" ھەققىدىكى پەرىزى ھەققىدە سورىغانلىقىنى دېدى. بۇ چاغدا مەن غەيرەت نىيازنىڭ ئەھۋالىدىن بەكلا ئەنسىرىدىم. ئەمما، غەيرەت نىياز ئەينى چاغدا مېنى خاتىرجەم قىلىپ، "بۇ ئىش ئۆتۈپ كەتتى، ئەمدى ھېچ ئىش بولمايدۇ" دېگەن ئىدى. مەن غەيرەت نىيازنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپتىمەن."
مۇخبىر لى يۇڭفېڭ 2009 - يىلى 8 - ئاينىڭ ئاخىرى 9 - ئاينىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بەرگەن " يىڭنە ۋەقەسى ۋەھىمىسى"،" 3 - سېنتەبىر خىتايلار نامايىشى" مەزگىلىدە، غەيرەت نىيازنى قايتا زىيارەت قىلىش قارارىغا كېلىشىگە، ئەينى چاغدا رايون تەۋەسىدىن زىيارەتنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغان باشقا ئۇيغۇرلارنى تاپالمىغانلىقى سەۋەبىدىن بولغان دەپ ئىزاھلىغان.
" 9 - ئاينىڭ بېشىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا " يىڭنە ۋەقەسى ۋەھىمىسى" پەيدا بولدى.3 - سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدە 10 مىڭلىغان خىتاي پۇقرالىرى كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلدى. خىتاي پۇقرالىرى نامايىشتا " ۋاڭ لېچۈەن تەختتىن چۈشسۇن!"،"چىرىكلىككە قارشى تۇرايلى!"دەپ شوئار توۋلاشتى. مەن 4 - سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا 2 - قېتىم زىيارەتكە باردىم. دەسلەپ ئۈرۈمچىگە كەلگەن كۈنلەردە، مەن ئەسلى غەيرەت نىيازنى زىيارەت قىلىشنى ئويلاشمىغان ئىدىم. گەرچە ئۇ ماڭا مېنىڭ 1 - قېتىملىق زىيارىتىمدىن كېيىن" ھەممە ئىش ئۆتۈپ كەتتى" دېگەن بولسىمۇ، مەن يەنىلا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشسام، ئۇنىڭغا ئاۋارىچىلىك تېپىپ بېرىشتىن ئەنسىرىگەن ئىدىم. ئەمما، ئۈرۈمچىدە زىيارەت قىلىش جەريانىمدا ئۆتكەنكىگە ئوخشاشلا ئەھۋالغا يولۇقتۇم، ئۇيغۇرلار مېنىڭ زىيارىتىمنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى. مەن ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى ياخشى بىلىدىغان دوستلىرىمدىن ياردەم سورىغىنىمدا، ئۇلار ماڭا غەيرەت نىيازنى زىيارەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، غەيرەت نىياز رايون ۋەزىيىتىنى ياخشى بىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن مەن 2 - قېتىم غەيرەت نىيازغا تېلېفون قىلدىم."
مۇخبىر لى يۇڭفېڭ غەيرەت نىيازنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، 2009 - يىلى " 3 - سېنتەبىر خىتايلار نامايىشى" مەزگىلىدە، خىتاي پۇقرالىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەم غەيرەت نىياز بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ.
" مەن غەيرەت نىيازنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، ئۇدۇللا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا، يەرلىك ئۇيغۇرلار 2 - دوختۇرخانا دەپ ئاتايدىغان دوختۇرخانىنىڭ 12 - قەۋىتىگە، 3 - سېنتەبىر كۈنى خىتايلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن باردىم. 7 - سېنتەبىر كۈنى چۈشتە مەن 3 - سېنتەبىر كۈنى خىتايلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغان، غەيرەت نىيازنىڭ دوستى فوتوگراف قاينام جاپپارنىڭ ياتىقىدا، بىر نەچچە ئۇيغۇر كادىرلىرى ھەم زىيالىيلارنى كۆردۈم. ئۇلار قاينام جاپپارنى يوقلىغىلى كەلگەنلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ شۇ چاغدىكى كەيپىياتى تولىمۇ تۆۋەن ئىدى. مەن بولسام " 3 - سېنتەبىر خىتايلار نامايىشى " مەزگىلىدە، خىتايلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلغان تۇنجى مۇخبىر ئىدىم. ھەر بىر يارىلانغان ئۇيغۇرنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى مېنىڭ زىيارىتىمنى قوبۇل قىلىپ، يۈز بەرگەن ئەھۋاللارنى ماڭا ئىنكاس قىلىشتى. 10 مىنۇتتىن كېيىن غەيرەت نىيازمۇ دوختۇرخانىغا يېتىپ كەلدى، مەن غەيرەت نىياز بىلەن ئاددىيلا سالاملاشقاندىن كېيىن، باشقا ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىش ئىشىمنى داۋاملاشتۇرىۋەردىم. بۇ مېنىڭ غەيرەت نىيازنى 2 - قېتىم كۆرۈشۈم ئىدى."
لى يۇڭفېڭ 2009 - يىلى 11 - سېنتەبىر كۈنى غەيرەت نىيازنى 2 - قېتىم زىيارەت قىلغان چاغدىكى ئەھۋالنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ.
"11 - سېنتەبىر دۈشەنبە كۈنى ئۈرۈمچى ۋەزىيىتى تىنچلاندى. نۇرغۇنلىغان مۇخبىرلار قايتىشقا باشلىدى. گەرچە ئەينى چاغدا ژۇرنىلىمىز باش مۇھەررىرى مېنىڭ ئۈرۈمچىدە 14 - سېنتەبىر دۈشەنبە كۈنىگىچە قېلىشىمنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، ئەمما مەن باشقىلاردىن ئىككى يوچۇن كىشىنىڭ سىنئالغۇ ئاپپاراتى ئارقىلىق مېنىڭ ھەرىكىتىمنى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۆزۈمدىن ئەنسىرەشكە باشلىدىم ھەم شىنجاڭدىن ئايرىلىش قارارىغا كەلدىم. مەن غەيرەت نىيازغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم. غەيرەت نىياز ئۆزىنىڭ خەيدﯤ مېھمانخانىسى ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى، مېنىڭ ئۇنى مېھمانخانىدا ساقلىشىمنى ئېيتتى. چۈشتە سائەت 12 ئەتراپىدا، مەن خەيدﯤ مېھمانخانىسىنىڭ زالىدا غەيرەت نىياز بىلەن كۆرۈشتۈم. ئەينى چاغدا خەيدﯤ مېھمانخانىسى ئۈرۈمچىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش مەركىزى بولۇپ، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئىنتېرنېت ھەم تېلېفون ئالاقىسىنى ئۈزۈۋەتكەندىن كېيىن، پەقەت مۇشۇ جايدىلا تورغا چىقىش ئىمكانىيىتى بار ئىدى. بۇ يەرگە ئۇيغۇرلار بەك ئاز كېلىدىغان بولغاچقا، مېنىڭ زالدا غەيرەت نىياز بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرۇشۇم ئەلۋەتتە نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ دىققىتىنى تارتاتتى. مەن غەيرەت نىياز بىلەن 10 مىنۇت ئەتراپىدىلا پاراڭلىشالىدىم. 6 - ئىيۇلدىن كېيىن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى رايوننىڭ ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىغانلىقى ئۈچۈن، مەن ئۇنىڭغا توردا ئېلان قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا دائىر مەسىلىلەرنى بايان قىلىپ بەردىم. ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ مېنى تاماققا تەكلىپ قىلالمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم كېلەر قېتىم يەنە كەلگىنىمدە مېنى مىللەتلەر كوچىسىدا ئۇيغۇر تائاملىرى يېيىشكە تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئايرىلىش ئالدىدا ئۇ ماڭا، 2 پارچە ماقالە بەردى. بۇلارنىڭ بىرى "فوتوگراف قاينام جاپپارنىڭ ئەرز خېتى"، يەنە بىرى ئۆزى تەييارلىغان "3 - سېنتەبىر خىتايلار نامايىشى" مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلۇش ۋەقەسىگە ئائىت خەۋەرلەر ئىدى. ئۇنىڭ " 3 - سېنتەبىر خىتايلار نامايىشى" غا ئائىت ماقالىسى كېيىن تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىندى. بەلكىم بۇ خەۋەرنى غەيرەت نىياز تېلېفون ئارقىلىق بېيجىڭدىكى دوستلىرىغا دەپ بەرگەندىن كېيىن ئۇلار توردا ئېلان قىلغان بولۇشى مۇمكىن."
ئاپتور غەيرەت نىياز بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئاۋارىچىلىك تېپىپ بەرمەسلىك ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىلەن قايتا ئالاقە قىلمىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئاپتور 2009 - يىلى 10 - ئاينىڭ ئاخىرى غەيرەت نىيازنىڭ قولغا ئېلىنغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن شېنجىن شەھىرىگە كېلىپ ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:
" 10 - ئاينىڭ ئاخىرى مەن توردا غەيرەت نىيازنىڭ قولغا ئېلىنغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىدىم. ئەينى چاغدا مەن ناھايىتى چۆچۈپ كەتتىم ھەم شېنجىن شەھىرىگە بېرىپ، غەيرەت نىياز ماڭا قالدۇرغان بىرنەچچە نومۇر ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىشكە ئۇرۇندۇم. مەن ئۇنىڭ قول تېلېفونىغا ئۇرسام تېلېفون ئېتىكلىك ھالەتتە ئىكەن، ئۆيىگە تېلېفون قىلسام ئۆيىنىڭ تېلېفونى، پۇل تۆلىمىگەچكە توختاپ قالدى دەپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئامال قىلىپ ئۇنىڭ بېيجىڭدىكى دوستى ئىلھام توختى بىلەن ئالاقىلاشتىم. بۇ مېنىڭ ئىلھام توختى بىلەن 1 - قېتىم ئالاقىلىشىشىم ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن مەن قايتا - قايتا سىناش ئارقىلىق غەيرەت نىيازنىڭ ئايالى بىلەن تېلىفونلاشتىم، ئۇ مەن بىلەن جىق سۆزلىشىشنى خالىمىدى، پەقەتلا ئەگەر يېڭى ئەھۋال بولسا ماڭا خەۋەر قىلىدىغانلىقىنى دەپ تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتى. مەن قەرەللىك ھالدا غەيرەت نىيازنىڭ ئۆيىگە تېلېفون قىلىپ تۇردۇم. بىر قېتىم تېلېفوننى ئۇنىڭ قىزى ئېلىپ، " دادام كاماندروپكىغا چىقىپ كەتتى." دېدى. بۇ جاۋاب مېنى بىرئاز خاتىرجەم قىلغان بولدى. كېيىن بېيجىڭدا ئىلھام توختى بىلەن كۆرۈشكەن چېغىمىزدىمۇ غەيرەت نىيازنى قويۇۋېتىش ئېھتىمالى بارلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىغان ئىدۇق."
ئاپتور غەيرەت نىيازنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى تەرىپىدىن 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى ھىسياتىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ.
" تاكى ھازىرغىچە، مەن غەيرەت نىيازنىڭ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىق خەۋىرىگە ئىشىنەلمەيۋاتىمەن. ماڭا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بەزى كىشىلەر بۇنداق خەۋەرلەرنى تارقىتىش ئارقىلىق بىزگە ئوخشاش ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرنى ئوينىتىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىۋاتىدۇ، ھەقىقىي ھۆكۈم بۇنداق بولماسلىقى كېرەك ئىدى."
ئاپتور ئاخىرقى بايانلىرىدا خىتاي قانۇن دائىرىلىرىنىڭ غەيرەت نىيازنى " چەتئەل مۇخبىرلىرىغا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغان" دېگەن تۆھمەتنى ئارتقانلىقىنى ئەيىبلەپ، غەيرەت نىياز ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلغان.
"ھەر قېتىم شىنجاڭغا زىيارەت قىلغىلى بارغان چېغىمدا، قولۇمدا" جۇڭگو خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى تارقاتقان "خوڭكوڭ - ئاۋمىن مۇخبىرلىرى زىيارەت كىنىشكىسى" بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت تارقاتقان" ۋاقىتلىق زىيارەت قىلىش كىنىشكىسى" بار ئىدى. ئەگەر مېنىڭ زىيارەت قىلغانلىقىم سەۋەبىدىن، غەيرەت نىياز" دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەن" دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنسا، ئۇ ھالدا خىتاي قانۇنى ھەقىقەتەن ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىغان بىر كېرەكسىز قەغەز ئىكەن خالاس! بۇنداق ھاماقەتلەرچە ھۆكۈم، مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدىن ھالقىپ كەتتى."
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.