«ئاسىيا دۆلەتلىرىدە مىللەتچىلىك ئۇلغايماقتا»
2013.01.04
كۆزەتكۈچىلەر، ئۆتكەن بىر يىلدا دۇنيانىڭ دىققىتى مەركەزلەشكەن ياۋرۇپادىكى ئىقتىسادى كرىزىس، ئىران - ئىسرائىلىيە ئارىسىدىكى جىددىيلىك قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەردە بۇ يىلمۇ جىق ئۆزگىرىش يۈز بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇلار 2013 - يىلى ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە. بولۇپمۇ،ئۇلار ئاسىيا دۆلەتلىرىدە 2013 - يىلى مىللەتچىلىكنىڭ ئالدىنقى پىلانغا چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تۆۋەندە سىلەر بۇنىڭ تەپسىلاتىنى مۇخبىرىمىز ئىرادەدىن ئاڭلىغايسىلەر.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بۈگۈن ئېلان قىلىنغان ماتېرىياللاردا ئوتتۇرا شەرق، ياۋرۇپا ۋە ئاسىيا قاتارلىق قىتئە ۋە رايونلارنىڭ يېڭى يىلدىكى ئەھۋالى ھەققىدە تۈرلۈك تەخمىنلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەسىلەن، كۆزەتكۈچىلەر 2013 - يىلى ئوتتۇرا شەرقتىكى ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىدىغانلىقىنى، ئىراندىن سىرت مىسىر، تۈركىيە ۋە ھەتتا سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭمۇ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن يادرو پائالىيەتلىرىنى باشلاش ئېتھىمالى بارلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
ئۆتكەن يىلى 11 - ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 67 - قېتىملىق ئومۇمىي قۇرۇلتىيىدا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنجامىن نېتانياخۇ، ئىراننىڭ ھازىر يادرو قوالى ياساپ چىقىشقا ئىنتايىن يېقىنلاپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانى بۇنىڭغا قارشى بىر تەدبىر ئېلىشقا چاقىرغاننىڭ سىرتىدا، ھەدەپ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن تەھدىت سېلىپ كەلگەن ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر بۇ يېڭى يىلدا ئىران - ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ داۋاملىق كەسكىنلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار ئەگەر ئىسرائىلىيە ھەقىقەتەن ئىرانغا ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە، بۇنىڭ ھەربىي تەسىرىدىن بەك سىياسى تەسىرىنىڭ كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ھەتتا غەرب ئەللىرىنىمۇ ئۇرۇش ئىچىگە سۆرەپ كىرىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.
2012 - يىلى بولسا ياۋرۇپا ئىقىتىسادى كرىزىس بىلەن بوغۇشقان ئىدى. ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئىقتىسادى كرىزىستىن قۇتۇلۇپ چىقىش ئۈچۈن بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى يولغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ پايدىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجېلا مېركېلنىڭ، يېڭى يىللىق باياناتىدا بۇ نۇقتىنى ئەسكەرتىپ، 2013 - يىلىدا ئىقتىسادنى ياخشىلىنىدۇ دەپ ئىجابىي سۆز قىلىشنىڭ ئورنى يوقلۇقىنى، ياۋرۇپانىڭ ئىقتىسادى كرىزىستىن تېخى چىقىپ بولالمىغانلىقىنى ئېيتىشى، گەرچە خەلقنى بىئارام قىلغان بولسىمۇ، كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ ھەقىقەتلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
ئەمما بۈگۈن ۋالسىترىت ژۇرنىلى گېزىتى بولسا دۇنيا يۇقىرىدىكى ئەھۋاللارنى تالاش - تارتىش قىلىۋاتقاندا، ئاسىيادا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يېڭى بىر ئېقىمنىڭ شەكىللىنىۋاتقانلىقىنى، ئەگەر بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىلمىگەندە، رايون خاراكتېرلىك ۋە ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى. ۋالسىترىت ژۇرنىلى گېزىتى دەۋاتقان بۇ ئېقىم - مىللەتچىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئاسىيا ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى مايكىل ئاسلىننىڭ قارىشىچە، ئاسىيادا يېڭى ئالماشقان رەھبەرلەر قانداقتۇ ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدا ئەمەس، بەلكى مىللەتچىلىكنى ئۇرغىتىش ھەققىدە كۆپرەك توختىلىشقا ۋە بۇ ئارقىلىق خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشكە باشلىدى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، شىمالىي كورىيە لىدىرى كىم جۇڭئۇن ئۆتكەن يىل ئىچىدە قىلغان سۆزىدە ئوفىستېر، گېنېراللارنى پارتىيىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇشقا چاقىرغان. خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يېڭى رەھبىرى شى جىنپىڭ ۋە ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې ھەر ئىككىلىسى تېخى قولغا چىققۇدەك ئىقتىسادىي ئىسلاھات پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باققىنى يوق. گەرچە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئاسىيانىڭ ئەھۋالىنى بەك قاراڭغۇ دېيىشكە بولمىسىمۇ، ئەمما سىياسىي جەھەتتىن دېيىشكە بولىدىكەن.
چۈنكى، ئاپتور شىمالىي كورىيىنىڭ يېقىندا ئېلىپ بارغان راكىتا سىناقلىرى ئۇنىڭ يادرو ئوق بېشى ياساپ چىقىشقا ئاز قالغانلىقىنىڭ بىشارىتى، دەپ قارايدىغان بولۇپ، ئۇ بۇ تەرەققىياتنىڭ ئەلۋەتتە ئامېرىكىنى بىئارام قىلىدىغانلىقى، ئامېرىكىنىڭ ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيىگە يادرو قالقىنى قۇرۇلۇش پىلانىنىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى ئىسپاتلاش بېسىمىغا دۇچ كېلىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ يەنە خىتاي بىلەن خىتاينى شىمالىي كورىيە تەرەپدارى دەپ قارايدىغان قوشنىلىرى ئارىسىدىكى جىددىيلىكنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەمما ئۇنىڭ قارىشىچە، ئاسىيادىكى ئەڭ مۇھىم زىددىيەت ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بولۇپ، نۇرغۇن باشقا كۆزەتكۈچىلەر بۇ مەسىلىنىڭ كېيىن توقۇنۇش پەيدا قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. بولۇپمۇ، ياپونىيىنىڭ يېقىندا سېنكاكۇ ئارىلىغا مەخسۇس ئالاھىدە دېڭىز قىىسملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى ۋەزىر شىنزو ئابېنىڭ مىللەتچى بىرى بولۇشى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يېڭى رەھبىرى شى جىنپىڭمۇ ھازىر خىتايدا مىللەتچىلىكنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش توغرىىسدا سۆز قىلىدىغان بوپقېلىشى ۋە سېنكاكۇ مەسىلىسىدە قاتتىق تەلەپپۇز قوللىنىشى بۇ خىل ئېھتىمالنى كۈچلەندۈرىدىغان ئامىللار ئىكەن.
بۇنىڭدىن سرت، خىتاينىڭ پاراسېل ۋە سېپىراتېل ئاراللىرى مەسىلىسىدىكى تالاش - تارتىشىمۇ رايون ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋاتقانلىقىنى، شۇڭا خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى قوشنىلىرىنىڭمۇ ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇشقا قاراپ ماڭغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاپتور مۇلاھىزىسىدە، يۇقىرىدىكىدەك ۋەزىيەتكە قارىماي، بۇ دۆلەت ۋە رايونلاردا مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ھېچقانداق چارىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقمايۋاتقانلىقىنى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ زىددىيەتنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىر يەرگە يىغىلمىغانلىقىنى، ھېچقانداق بىر دىپلوماتىك قەدەملەرنىڭ ئېتىلمىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئورنىغا ھەر دۆلەتنىڭ ئۆز خەلقى ئارىسىدا مىللەتچىلىكنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى، مەيلى ئامېرىكا ۋە مەيلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭمۇ بۇنىڭغا قارىتا بىر ئۈنۈملۈك تەدبىر ئالمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئاسىيادىكى بۇ ئۆزگىرىشنىڭ رايون ۋەزىيىتى ۋە شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا پايدىلىق ئەمەسلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان.