يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇش ۋە يادرو قوراللىرىنى چەكلەش ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن ئېتىبارەن دۇنيا سىياسىتىدىكى مۇھىم كۈنتەرتىپلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە. 20-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا خىتايمۇ ئاتوم بومبىسىغا ئىگە بولۇش سېپىگە قوشۇلغان بولۇپ، ماۋ زېدوڭ باشلىق خىتاي كومپارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئەڭ زور ئارزۇسى ئاتوم بومبىسىغا ئىگە يادرو دۆلىتى بولۇش ئىدى. مۇتەخەسسىسلەر دەل بۇ مەسىلىنىڭ سوۋېت-خىتاي دوستلۇقىنى بۇزغان ۋە دۇنيانىڭ تىنچ ۋەزىيىتىگە تەسىر يەتكۈزگەن مۇھىم ئامىل بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.
ئاتوم بومبىسى دوستلۇقنى بۇزغۇچى ئامىل بولدى
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رۇسىيە ۋە خىتاي تارىخچىلىرى ئارىسىدا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى مۇناسىۋەتلىرى، جۈملىدىن مەزكۇر ئىككى "ئاكا-ئۇكا" دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقداشلىق ۋە ھەمكارلىقتىن تەدرىجىي تۈردە رەقىبلىك ۋە دۈشمەنلىككە ئايلىنىش جەريانى ھەمدە بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەب ۋە ئامىللار ھەققىدە ئىزدىنىشلەر كۆپەيدى.
يېقىندا موسكۋادا ئىشلەنگەن "ماۋ ۋە ستالىن" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم بۇ مەسىلىلەرگە بىر قەدەر پاكىتلىق ۋە جانلىق شەكىلدە جاۋاب بەرگەن بولۇپ، مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ بىرىنچى قىسمىدا قانداق قىلىپ، ماۋ زېدۇڭنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى جۈملىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى ستالىننىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقدىشىغا ئايلانغانلىقى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ غەلىبە قازىنىشى ۋە خەلقئارا سەھنىدە قەد كۆتۈرۈشىدە ستالىننىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولسا، ئىككىنچى قىسمىدا ماۋنىڭ نېمە سەۋەبتىن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن يۈز ئۆرۈگەنلىكى، ماۋ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ستالىندىن كېيىنكى رەھبىرى خرۇشېۋنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ھەمدە ماۋ زېدۇڭنىڭ ئاتوم بومبىسى پىلانىدا خرۇشېۋنىڭ ئوينىغان رولى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلىدۇ.
ئۇنداقتا، 1950-يىلى، 14- فېۋرالدىكى سوۋېت -خىتاي دوستلۇق شەرتنامىسىنىڭ ئىمزالىنىشىدىن تارتىپ تاكى 1960-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى سوۋېت-خىتاي دوستلۇق، ئىتتىپاقداشلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرلىشىپ، تاكى 1989-يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى مىخائىل گورباچېۋنىڭ بېيجىڭ زىيارىتىگە بولغان تەخمىنەن 30 يىلغا يېقىن رەقىبلىك دەۋرىنى باشتىن كەچۈرۈشىگە سەۋەب بولغان ئاساسلىق ئامىل نېمە؟
سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە ئائىت ئىلگىرى مەخپىي تۇتۇلغان ئارخىپلار بويىچە ئىزدەنگەن رۇسىيە تارىخچىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ بىرلىككە كەلگەن يەكۈنى شۇكى، موسكۋا-بېيجىڭ ھەمكارلىقىنىڭ بۇزۇلۇشىدا ماۋنىڭ ئاتوم بومبىسى ياساشتىن ئىبارەت يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇش پىلانىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئاخىرغىچە قوللاشقا ئېرىشەلمىگەنلىكى، يەنى، خرۇشېۋنىڭ ماۋغا ئەڭ نازۇك ۋە ئەڭ تولۇق ئاتوم تېخنىكىلىرىنى بەرمىگەنلىكى ئاساسلىق رول ئوينىغان. بىراق، خرۇشېۋ دەۋرىدىكى سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى تەتقىق قىلغۇچى خىتاي تارىخچىلىرى بولسا، مەزكۇر مۇناسىۋەتنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولغان ئامىل "سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ زومىگەرلىكى" دەپ چۈشەندۈرىدۇ.
ماۋنىڭ پۈتۈن ئويى ئاتوم بومبىسىغا ئىگە بولۇش ئىدى
رۇسىيە تارىخچىسى ۋېكتور ئۇسوۋنىڭ موسكۋادا چىقىدىغان "ۋرېميا نوۋوستېي" ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان " خرۇشېۋ نېمە ئۈچۈن خىتايغا يادرو بومبىسىنى بەرمىدى؟ ئاتوم مەسىلىسى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ دوستلۇقىنى قانداق بۇزدى؟ " سەرلەۋھىلىك ماقالىسى خرۇشېۋ-ماۋ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىدىكى سەۋەبلەرنى بىر قەدەر ئەتراپلىق يورۇتۇپ بەرگەن.
ئاپتورنىڭ ماقالىسىدىكى مەزكۇر مەسىلە ھەققىدىكى بايانلىرىنىڭ قىسقارتىلمىسى شۇكى، 1958-يىلى،31-ئىيۇلدىن 3-ئاۋغۇستقىچە بولغان ئارىلىقتا سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى نىكىتا خرۇشېۋ ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رودىئون مالىنوۋسكىي بېيجىڭنى مەخپىي زىيارەت قىلغان. بۇنىڭدىكى سەۋەب شۇكى، خىتاي ئۆزىنىڭ "چوڭ ئاكىسى" دىن يادرو قوراللىرى ۋە يادرولۇق ئۇس ئاستى پاراخوتى ياساش تېخنىكىسىنى بېرىشىنى قاتتىق تەلەپ قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ تەلىپى قاندۇرۇلمىغان. ماۋ زېدۇڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خىتاي ئارمىيىسى ئاتوم بومبىسىغا ئىگە بولۇش لازىم دەپ ھېسابلىغان. بىراق، ماۋ بىلە خرۇشېۋ ئارىسىدىكى سۆھبەتلەردە خرۇشېۋ ماۋنىڭ ئاتوم تېخنىكىسىنى بېرىش تەلىپىنى قەتئىي رەت قىلغان بولۇپ، نەتىجىدە ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈزۈل-كېسىل بۇزۇلۇشقا يولىغا ماڭغان.