«تۈرك دۇنياسىدا مۇھىت مەسىلىسى» ناملىق يىغىندا لوپنۇردىكى ئاتوم سىناقلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى
2011.04.12
يىغىنغا تۈرك دۇنياسىغا ئالاقىدار تەتقىقاتچىلار، دوكتور، پروفېسسورلار، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
يىغىن ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. يىغىندا تۈرك دۇنياسى تەتقىقات فوندىنىڭ رەئىسى پروفېسسور تۇران يازغان ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.
يىغىندا «تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى پروفېسسور ئورخۇن كاۋۇنجى ئەپەندى «تۈرك دۇنياسىدا مۇھىت مەسىلىسى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى ۋە قازاقىستاننىڭ ئارال ۋە شەمەي رايونلىرىدا رۇسلارنىڭ ئاتوم بومبا سىناق قىلىش مەركىزى قۇرۇپ، ئاتوم بومبا سىناق قىلغانلىقى، ئوخشاشلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ لوپنۇر رايونىدا خىتايلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئاتوم بومبا سىناق قىلىش نەتىجىلىرىدىن خىمىيىلىك ۋە بىئولوگىيىلىك ماددىلارنىڭ رايوندا مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىغانلىقى، بۇنىڭ مۇھىت ۋە ئىنسانلارغا ئېغىر پاجىئەلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ سۆزىدە يەنە قازاقىستاننىڭ ئارال ۋە شەمەي ھەم شەرقىي تۈركىستاننىڭ لوپنۇر رايونىغا ئوخشاش تۈركىي خەلقلەر ياشايدىغان رايونلاردا ئېلىپ بېرىلغان، ئاتوم بومبا سىناق قىلىش شۇ رايوندا ياشايدىغان تۈركىي خەلقلەرنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشقا ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى ئىلمىي ئىسپات ۋە سىياسىي نۇقتىدىن ئوتتۇرىغا قويدى.
شەمەي ئاتوم بومبا سىناق قىلىش پاجىئەسى
پروفېسسور ئورخان كاۋۇنجى ئەپەندى سۆزىدە ئەينى زاماندا رۇسلارنىڭ قازاقىستاندا ئاتوم سىناق قىلغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: سوۋېت ئىتتىپاقى 1949-يىلدىن 1989-يىلغىچە بولغان 40 يىل ئارىلىقتا قازاقىستاننىڭ شەمەي رايونىدا ئاتوم بومبا يادرو مەركىزى قۇرۇپ، ئاتوم بومبا سىناق قىلدى. بۇ رايوندا رۇسلار 1953-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى 400 كىلوتوننا ئېغىرلىقتىكى ئاتوم بومبا سىناق قىلىنغان. بۇ سىناق نەتىجىلىك بولغاندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى تېخىمۇ جاسارەتلىنىپ، 1955-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى «ردس-37 »ناملىق ھىدروگېن ئاتوم بومبىسىنى سىناق قىلدى. شەمەي رايونىدا پارتلىغان بۇ بومبىنىڭ كۈچى 1.6 مىگاتوننا بولۇپ بۇنىڭ دەرىجىسى ئەقىلگە سىغمايدىغان دەرىجىدە كۈچلۈك ئىدى. شەمەيدە رۇسلار دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىككى دانە ئاتوم بومبىنى سىناق قىلغان. شەمەي 18500 كۋادرات كىلومېتىرلىق بىر رايون بولۇپ بۇ رايوندا 1 مىليون 700 مىڭ ئىنسان سىناق قىلغان ئاتوم بومبىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ھەر خىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولدى. ئۇنىڭ تەسىرىگە ھازىرمۇ ئۇچرىماقتا. شەمەي رايونىدا رۇسلار 40 يىل ئىچىدە توپلام 456 دانە ئاتوم بومبا سىناق قىلغان. بۇلاردىن 115 دانە يۈكسەك ھاۋا قاتلىمىدا ۋە زېمىندا 341 دانىسى يەر ئاستىدا سىناق قىلىنغان. شەمەي ئاتوم يادرو سىناق مەركىزى 1991-يىلى قازاقىستان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە دۆلەت رەئىسى نۇرسۇلتان نەزەربايېفنىڭ قارار قىلىشى بىلەن تاقىۋېتىلگەن. ئەمما ئۇ يەردە ئېلىپ بېرىلغان ئاتوم بومبىنىڭ تەسىرى ھازىرغىچە يوقالمىغان.
لوپنۇر ئاتوم سىناق قىلىش پاجىئەسى
پروفېسسور ئورخۇن كاۋۇنجى ئەپەندى سۆزىدە يەنە خىتايلار تەرىپىدىن ئاتوم بومبا سىناقلىرى ئېلىپ بارغان لوپنۇر كۆلى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«شەمەي پاجىئەسىگە ئوخشاش پاجىئەلەردىن يەنە بىرى لوپنۇر پاجىئەسى. لوپنۇر شەرقىي تۈركىستانغا جايلاشقان بىر كۆل. لوپنۇر كۆلى رايونى قازاقىستاننىڭ شەمەي رايونىدىن 1500 بىلەن 2000 كىلومېتىرلىق بىر مۇساپىگە جايلاشقان. تەكلىماكان چۆلى بىلەن قۇرۇق تاغ چۆلى ئوتتۇرىسىدىكى تارىم دەرياسى بويلىرىغا جايلاشقان بىر كۆل بولۇپ بۇ كۆل ئىلگىرى 10 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر چوڭلۇقتا بولۇپ، ئىقلىمنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن 20-ئەسىردە 3000 كۋادرات كىلومېتىرغا چۈشۈپ قالغان 21-ئەسىردە قارايدىغان بولساق بۇ كۆل تېخىمۇ كىچىكلەپ كىچىك-كىچىك ئاراللارغا ئايلىنىپ قۇرۇپ كەتكەن.»
پروفېسسور ئورخان كاۋۇنجى ئەپەندى سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ لوپنۇر كۆلى رايونىدا ئېلىپ بارغان ئاتوم بومبا سىناقلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«خىتاي تۇنجى قېتىم 1964-يىلى ئاتوم بومبا سىناق قىلدى. 1967-يىلى خىتاي لوپنۇردا ھىدروگېن ئاتوم بومبىسى سىناق قىلدى. خىتايلار تەرىپىدىن 1964-يىلىدىن باشلاپ 1995-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا 45 دانە ئاتوم بومبا سىناق قىلىنغانلىقى ئىسپاتلاندى. ئۇ يەردە ئاتوم بومبا سىناق قىلىش نەتىجىسىدە ئىنسانلاردا ھەر خىل كېسەللىكلەر پەيدا بولدى. نۇرغۇن كىشى بۇ كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلۈپ كەتتى. بۇ ئاتوم بومبا سىناقلىرىنىڭ تەسىرى ھازىرمۇ ئۇ رايوندا داۋام قىلىۋاتىدۇ. بۇ ۋەقەلەر ئۆز ۋاقتىدا كۈن تەرتىپكە كەلمىدى سەۋەبى، خىتاي ۋە رۇسلار بۇ ئاتوم بومبا سىناقلىرىنى مەخپىي ئېلىپ بېرىپ، كىشىلەردىن يوشۇردى ۋە ئاشكارىلاشنى مەقسەت قىلغانلارنى تۈرمىلەرگە نەزەربەند قىلدى. رادىئوئاكتىپ زەھەرلىرىدىن كېلىپ چىققان كېسەللەرنى دوختۇرلار ئوچۇق ئېيتالمايتتى. دىئاگنوز قويۇشتا باشقا ئىسىملارنى قوللىناتتى. بۇ كېسەل مەخپىي قالاتتى. خىتايلار لوپنۇر كۆلى رايونىدا 45 قېتىم ئاتوم بومبا سىناق قىلدى. رۇسلار شەمەي رايونىدا 456 قېتىم ئاتوم بومبا سىناق قىلدى. بۇ ئىككى رايوننىڭ ئۇزۇنلۇق مۇساپىسى يىراق ئەمەس، ئەمما ئىككى رايوننىڭ ئوتتۇرىسى ئېگىز تاغلار بىلەن ئورالغان.»
پروفېسسور ئورخان كاۋۇنجى ئەپەندى سۆزىدە يەنە ئاتوم بومبا سىناقلىرى نەتىجىسىدە پەيدا بولغان مۇھىت بۇلغىنىشلارنى تازىلاش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىش ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«نەتىجە ئېتىبارى بىلەن شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەك: ب د ت مۇھىتنى ئاسراش كېلىشىمنامىسى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كېلىشىمنامىلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا، ئارال، شەمەي ۋە لوپنۇردا ئاتوم يادرو سىناق قىلىش ئارقىلىق ئىنساننى زەھەرلەشكە ئوخشاش بۇ خىل ئىنسان پائالىيەتلەرنىڭ ئىنسان ۋە مۇھىتقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇ رايونلاردا تەدبىر ئېلىنىش كېرەك. كاربون ئوكسىدى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش سېرىق گازلارنىڭ تەسىرى، ئاتموسفېرادىكى ھاۋا قاتلىمىنىڭ بېسىمى ياكى يەر شارى ئىسسىپ كېتىش دېگەنگە ئوخشاش مۇھىتقا ئالاقىدار مەسىلىلەرگىلا قارىماستىن بەلكى ئاتوم بومبا سىناقلىرى نەتىجىسىدە، ئىقلىمنىڭ ئۆزگىرىشى، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ۋە ئىنساننىڭ زەھەرلىنىشى دېگەنگە ئوخشاش سەۋەبلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىت بۇلغىنىشلارغىمۇ دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. ئاتوم بومبا سىناق قىلىش مەيدانلىرىنى تاقاشقا كۈچ چىقارغان خەلقئارالىق تەشكىلاتلار، دۆلەتلەر ۋە شەخسلەرگە تەشەككۈر ئېيتىشىمىز كېرەك. قازاقىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئاتوم سىناق قىلىش مەركەزلەرنى تاقىدى. تاشكەنتتىكى بىئولوگىيىلىك قورال تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ تاقىلىشى، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئاتوم بومبا تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنى تەكشۈرۈش ۋە قۇتقۇزۇش فوندى قۇرۇپ بىرلىكتە پائالىيەت قىلىشى، ئىنسانلار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ياخشى پائالىيەتلەردىن بىرى. ئىنسانىيەت بۇ قېرىنداشلىرىمىزغا تەشەككۈر ئېيتىش مەجبۇرىيىتى بار. يەر يۈزىدە بۇ ئىشلارنى تۈزىتىدىغان، بۇ كىرلىك زەھەرلەرنى تازىلايدىغان، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان بىر كۈچكە ئېھتىياج بار. ئوتتۇرا ئاسىيادا بۇ بۇزغۇنچىلىقنىڭ مەيدانغا كەلتۈرگەن ئىككى ماتېرىيالىزمچى خىتاب بىلەن رۇسلارنىڭ بۇ ئىشلارنى تۈزىتىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇلارنى تۈزىتىش ئۈچۈن بىزنىڭ كۈچلۈك بۆلىشىمىز كېرەك. بىز كۈچلۈك بولساق مۇھىتمۇ تازىلىنىدۇ، پاكىز مۇھىت ئىچىدە تىنچلىق بەرپا بولىدۇ.»
يىغىندا يەنە تۈرك دۇنياسى تەتقىقات فوندىنىڭ رەئىسى پروفېسسور تۇران يازغان ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئاتوم بومبا سىناق قىلىش دۇنيادا پەقەتلا تۈركلەر ياشايدىغان رايونلاردا ئېلىپ بېرىلدى. نېۋادا ئاتوم سىناق قىلىش مەركىزى، قازاقىستاندا شەمەي ئاتوم سىناق قىلىش مەركىزى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى لوپنۇر ئاتوم سىناق قىلىش مەركەزلىرى پۈتكۈل تۈركلەر ياشايدىغان رايونلارغا قۇرۇلغان. بۇ رايونلاردا تۇنجى قېتىم ئاتوم بومبا سىناق قىلىنىشتىن باشلاپ ئۇ رايوندا ياشايدىغان ئىنسانلاردا جىگەر راكى، ئۆپكە راكى دېگەندەك كېسەللەر پەيدا بولدى. ئاياللار بالىياتقۇ ئۆسمىسى قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولدى ۋە ئاياللار مېيىپ بالا تۇغۇشقا باشلىدى. بۇنىڭ تەسىرى ئۇزۇن زامان داۋام قىلىشى مۇمكىن.