ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر مەكتىپى تەنتەربىيە كۈنى ئۆتكۈزدى

جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تۇنجى قېتىملىق تەنتەربىيە كۈنى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى ئادىلايدى شەھىرىدىكى ئويكدىن باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابىدە
2012.09.24
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
awstraliye-uyghur-mektep-305.jpg ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر مەكتىپىدىكى كىچىك دوستلار. 2012-يىلى 22-سېنتەبىر.
RFA/Abide

بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئوقۇتقۇچى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرىنى دەرسخانا سىرتىدا ئۆگىتىش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر پائالىيەت بولۇپ، پائالىيەتتە ئوغۇللارنىڭ چىلىشىش ئويۇنى، ئارغامچا تارتىش، تەپكۈچ تېپىش، قارا-قارا قۇشلىرىم، قولياغلىق تاشلاش، ئاق تېرەك-كۆك تېرەك ئويۇنى ۋە باشقا ئويۇنلار بالىلارنىڭ يېشىغا ئاساسەن ھەرخىل گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلدى. ئاتا-ئانىلارنىڭ قىزغىنلىقى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرلىكى پائالىيەت كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.

جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تۇنجى قېتىملىق تەنتەربىيە كۈنى ئۆتكۈزۈلدى. 2012-يىلى 22-سېنتەبىر، ئاۋسترالىيە.
جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تۇنجى قېتىملىق تەنتەربىيە كۈنى ئۆتكۈزۈلدى. 2012-يىلى 22-سېنتەبىر، ئاۋسترالىيە.
RFA/Abide

پائالىيەتكە قاتناشقان ئاتا-ئانىلاردىن بىرى بۈگۈنكى بۇ پائالىيەت ھەققىدىكى تەسىراتى ۋە كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئىزھار قىلدى.

ئاۋسترالىيىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، ئۇيغۇر تىلى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆز خۇشاللىقلىرىنى بايان قىلدى.

ۋەتەندىن كەلگىنىگە ئەمدىلا ئۈچ ئاي بولغان بىر ئوقۇغۇچى قىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزنىڭ بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىپ ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقى، خىتاينىڭ بېسىمى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تىل، مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرىنىڭ يوقىلىش گىردابىغا بارغانلىقى ھەققىدە ھەم بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.

پائالىيەت ئەتىگەن سائەت 10 دىن چۈشتىن كىيىن سائەت 3 كېچە داۋاملاشقان بولۇپ، ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈرلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ بولالمىغان بولسىمۇ، باشتىن-ئاخىر ئىنتايىن جانلىق ھەم قىزغىن كەيپىياتتا ئىلىپ بېرىلدى. پائالىيەتكە قاتناشقان بارلىق ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا-ئانىلار مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى كۆپلەپ ئىلىپ بېرىش ۋە بۇندىن كېيىنكى پائالىيەتلەرنى تېخىمۇ ياخشىلاش ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بەردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.