خۇ جىنتاۋ نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ئالالامدۇ؟
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئامېرىكىدا چىقىرىدىغان 'كۆزىتىش ژۇرنىلى'دا بۈگۈن، خىتاينىڭ 'يەر شارى ۋاقىت گېزىتى' گە جاۋاب بېرىپ، خۇ جىنتاۋنىڭ نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ئېلىش مۇمكىنلىكى ياكى مۇمكىن ئەمەسلىكى ھەققىدە بىر مۇلاھىزە ئېلان قىلىندى.
'يەر شارى ۋاقىت گېزىتى' خىتايغا كۆرسەتكەن يېڭى ئەقىل
'كۆزىتىش ژۇرنىلى'دا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ پارتىيە گېزىتى بولغان 'خەلق گېزىتى'نىڭ بايرىقى ئاستىدىكى 'يەر شارى ۋاقىت گېزىتى' دە ئېلان قىلىنغان "خىتاي نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىدىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىق كېرەك' دېگەن باشماقالە، ئالدى بىلەن غەرب دۆلەتلىرىنى ئەيىبلەپ 'ھەر يىلى غەربلىكلەر نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىش ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرۇۋاتقان ليۇشاۋبو، رابىيە قادىردەك رادىكاللارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، خىتايغا بېسىم ئىشلىتىدۇ'، 'بۇ خىتاي خەلقىغە ھۈرمەت قىلمىغانلىق، خىتاينى سېسىتقانلىق' دەپ جاكارلىغان.
شۇنداقلا، بۇ گېزىت خىتاي ھۆكۈمىتىگە، دۇنيادا ھەر يىلى نوبىل تىچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەندە، خىتاي پاسسىپ ھالغا چۈشۈپ قالىدىغان ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن 'ئەمدى خىتاي خەلقى تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا، ئۆزىگە ھەقىقىي ۋەكىللىك قىلىدىغان ئوبرازنى كۆرسىتىشى كېرەك' دەپ ئەقىل سۇنغان.
خىتاي گېزىتلىرىدە تۇنجى قېتىم قىلىنغان راس گەپ
'كۆزىتىش ژۇرنىلى'دا كۆرسىتىلىشىچە، بۇنىڭدىن سەل بۇرۇنلا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ما جاۋشۈ 'خىتايدا ھۆكۈمەت بىلەن سىياسىي كۆز قارىشى ئوخشىمايدىغان كىشىلەر مەۋجۇت ئەمەس' دەپ قايتا جاكارلىغان ئىدى.
ئەمما 'يەر شارى ۋاقىت گېزىتى' بۇ باشماقالىسىدە، ليۇشاۋبو، رابىيە قادىردەك ئەربابلارنى 'سىياسىي كۆز قارشى ھۆكۈمەت بىلەن ئوخشىمايدىغان كىشىلەر' دەپ ئاتىغان. بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلغان بىر تەستەك بولۇپلا قالماي، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گېزىتلىرى خىتايدا سىياسىي كۆز قارىشى ھۆكۈمەت بىلەن ئوخشىمايدىغان كىشىلەر مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تۇنجى قېتىم ئېتىراپ قىلىشى - تۇنجى قېتىم راس گەپ قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
'يەرشارى ۋاقىت گېزىتى' نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا خىتايدىن كىمنى كۆرسەتمەكچى؟
'كۆزىتىش ژۇرنىلى'دا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 'ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى' خۇ جىنتاۋنى خەلققە قىرغىنچىلىق قىلغان سۇدان پرېزىدېنتى مۇگابى، شىمالىي كورىيىدىكى كوممۇنىست ئاتارمىنى كىم يوڭئېل قاتارلىقلار بىلەن بىر سەپكە تىزىپ قويغاندىن كېيىن، بۇ يىل 'يەرشارى ۋاقىت گېزىتى' بۇنىڭغا قارشى ھالدا 'يەر شارىدىكى ئەڭ مەسئۇلىيەتچان ھۆكۈمەت' لەرنى كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ ئەڭ بېشىغا خىتاينى، ئەڭ كەينىگە ئامېرىكىنى تىزدى. ئۇنىڭدىن كېيىن 'ئەمدى خىتاي خەلقى تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا، ئۆزىگە ھەقىقىي ۋەكىللىك قىلىدىغان ئوبرازنى كۆرسىتىشى كېرەك' دەپ كۆرسەتتى.
'يەرشارى ۋاقىت گېزىتى' نىڭ دېگىنى بۇيىچە، خىتاي ئەمدى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىدىن ئۆزىنى ھەرگىز قاچۇرماي، بەلكى كۆكرەك كېرىپ چىقىپ كىمنى كۆرسىتىشى كېرەك؟ سىچۇەندە يەر تەۋرىگەندە 'ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش تەۋرىمەيدۇ' دەپ جاكارلىغان يۈ چيۇيۈنى كۆرسىتىش كېرەكمۇ ياكى يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەرمۇ گۆرىدە تۇرۇپ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى كۆرسۈن، دەپ بۇيرۇق چىقارغان ۋاڭ جاۋسەننى كۆرسىتىش كېرەكمۇ ۋە ياكى 'ئەڭ مەسئۇلىيەتچان ھۆكۈمەت'نىڭ ۋەكىلى بولۇپ، تىبەتلەرگە ۋە ئۇيغۇرلاغا قارىتا قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن كوممۇنست پارتىيە ئاتارمىنى خۇ جىنتاۋنى كۆرسىتىش كېرەكمۇ؟
ئەگەر خۇ جىنتاۋ تۆۋەندىكىلەرنى قىلسا نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ئالالايدۇ
'كۆزىتىش ژۇرنىلى'دا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر خۇ جىنتاۋ تۆۋەندىكىلەرنى قىلسا، مەسىلەن، دالاي لاما بىلەن رابىيە قادىرنىڭ ئۆز دۆلىتىگە قايتىپ بېرىشىنى توسمىسا؛ تەيۋەنگە قارىتىپ تىكلەپ قويغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرسا؛ تۆتىنچى ئىيون ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى يۇشۇرماي، قىرغىنچىلىق قىلغان جىنايەتچىنى جازالىسا؛ ۋىجدان ئازابىدا ئەركىن پىكىر بايان قىلغانلارنى 'جىنايەتچى' دەپ قارىلاپ تۈرمىگە تاشلىمىسا، خۇ جىنتاۋمۇ خۇددى خاۋىل، نىلسون ماندىلا، گورباچىف، دالاي لامالاردەك نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ئېلىپ، دۇنيا خەلقى تەرىپىدىن ھۈرمەتلىنىشى مۇمكىن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.