سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقىنىڭ تەلىم-تەربىيە ھەيئىتىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئابدۇراھمان ھاجىمغا بۇ ھەقتە بىرقانچە سوئال بىلەن مۇراجىئەت قىلغان ئىدۇق. تۆۋەندە ئابدۇراھمان ھاجىم بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى سۇنىمىز.
ئابدۇراھمان ھاجىم بىلەن سۆھبەت
ئابدۇراھمان ھاجىم مۇسۇلمانلاردىكى ئەخلاق قۇرۇلۇشى توغرىلىق سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:" مۇسۇلمانلار شەخس ئاساسىي بىرلىك قىلىنغان ئەخلاق قۇرۇلۇشىئىنى تۇتىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىجتىمائىي مەدەنىيلىككە ماسلىشىش جەھەتتە كۈچلۈك ئويغۇنلىشىش ئىقتىدارىنىڭ بولۇشى مۇقەررەر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام دىنى مەنىۋى ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى شەخسنى ئاساس قىلغاندا ھالدا قانات يايدۇرۇپ، شەخسنىڭ ئىچكى تەربىيىلىنىشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. قۇرئان كەرىمدە: "تەۋبە قىلغانلار ئىمان ئېيتقانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىللىرى ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ. بىلىڭلاركى، دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ" دېيىلگەن. ئىمان، ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار خوشالىققا، گۈزەل قارارگاھقا ئېرىشىدۇ. ئىجتىمائى ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش مۇسۇلماننىڭ ئەخلاق قۇرۇلۇشىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكىدۇر. مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى ئۇلارنىڭ ئۆملۈكىنىڭ ئىدىيىسى، ئېتىقادى، يۈزلىنىشى، ئارزۇسى ۋە تەلەب - ئىزدىنىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ ۋە گەۋدىلەندۈرىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجتىمائىي رولى شۇكى، ئۇ ئوخشاش بولمىغان تارىخىي دەۋر، رايون شارائىتى ۋە ئىجتىمائىي فورماتسىيە، ئۇلارنىڭ ئىدىيە ھەرىكىتى ئۈستىدە، ئۆزىنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمى ۋە ئەدەب تەلىبىگە ئويغۇن كېلىدىغان قېلىپلاشقان تەربىيە يۈرگۈزۈشى ۋە چەكلىشىدۇر."
ئەخلاق ئىدىيىسىنىڭ رولى
ئابدۇراھمان ھاجىم يەنە مۇنداق دىدى:" مۇسۇلمانلاردىكى ئەخلاق ئىدىيىسى ۋە ئەخلاق قارىشى ئىمان - ئېتىقاد بىلەن بىر ئورۇندا تۇرىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ: ' ئىمانى ئەڭ كامىل مۆمىن ئەڭ ئەخلاقلىق بولغىنىدۇر' ۋە 'قىيامەت كۈنى مۇسۇلماننىن ئەمەللىرىنىن مىزانىدا گۈزەل ئەخلاقتىن سالماق كەلىدىغسان ھەچىقانداق ئىبادەت يوق' دېگەنلىكى بۇ مەنىگە ئىشارەت قىلىدۇ. ئەخلاق ئىدىيىسى مۇسۇلمانلارنىڭ بىر خىل ئەخلاقىي پەزىلەتنى يارىتىپ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ قىممەت نوقتىئىينەزەرىگە ئويغۇن كېلىدىغان مەنىۋى مەدەنىيلىك كەيپىياتىنى تىكلىشىگە، بىر خىل نورمال ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ ماكانىنى يارىتىشىغا ياردەم بېرىدۇ ۋە يېتەكلەيدۇ. شۇنىڭدەك شۇ ئارقىلىق ئىناق ئورتاقلىققا باشلايدۇ. قۇرئان كەرىمدە: 'بۇ مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر، شۇ يولدا مېڭىڭلار، ناتوغرا يوللاردا ماڭماڭلار، ئۇلار سىلەرنى ئاللاھ يولىدىن ئايرىۋېتىدۇ' دېيىلگەن."
دېمەك، گۈزەل ئەخلاق ئىماننىڭ جورىسى بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرىنى يەنە بىرىدىن ئايرىپ چۈشەنگىلى بولمىغاندەك، بىرىنىڭ يەنە بىرىسىز تولۇقلىنىشىنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.
