ئالماتىدا ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت كۆرگەزمە ئېچىلدى

0:00 / 0:00

-سېنتەبىر كۈنى ئاتاقلىق رەسسام، ئاسارە –ئەتىقىچى ئازات ھېكىمبەكنىڭ "ئۇيغۇرلار – ئۆتمۈش بىلەن ئۇچرىشىش" ناملىق شەخسى كۆرگەزمىسى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى مەركىزى دۆلەت مۇزىيىدا ئېچىلدى.

قازاقىستان جۇمھۇرىيرتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ئۇيۇشتۇرغان بۇ كۆرگەزمىگە ئازات ھېكىمبەگنىڭ 30 يىلدىن بېرى يىغىپ توپلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئاسارە ئەتىقىلىرى قويۇلغان.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللادىن ئاڭلاڭ.