رادىئومىز ئىگىلىگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل خەۋەرلەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ رايوندىكى ئۇيغۇر، موڭغۇل، قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
ئىلى ۋىلايىتىنىڭ تېكەس ناھىيىسى 8 بۇرجەكلىك شەھەر قۇرۇلۇشى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. تېكەس ناھىيىسى خەرىتىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شەھەر مەركىزىدە چوڭ بىر ئايلانما باغچە بولۇپ، مۇشۇ باغچە ئارقىلىق ناھىيىنىڭ 8 تەرىپىدىكى مەھەللە-يېزىلارغا بارغىلى بولىدىكەن. يېقىندىن بۇيان خىتاي تور بەتلىرىدە تېكەس ناھىيىسىنىڭ 8 بۇرجەكلىك بۇ خىل شەھەر قۇرۇلۇشى، خىتاي مەدەنىيىتىدىكى «8 گۇا» يەنى خىتاي ئىلمىي نۇجۇمىدىكى 8 بەلگە ئەقىدىسىگە باغلاپ تەشۋىق قىلىنىشقا باشلىدى.
خىتاي تور بەتلىرىدە تېكەس ناھىيىسىدە «8 گۇا»نامى بېرىلگەن ھەر خىل مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ھەم خىتايلار تەرىپىدىن يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان قۇرۇلغان ئاممىۋى تەشكىلاتلار، مېھمانخانا، كوچا ناملىرى تىلغا ئېلىنىپ، تېكەس ناھىيىسىدىكى بۇ خىل 8 بۇرجەكلىك شەھەر قۇرۇلۇشى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە تېكەسكە ئامبال قىلىپ تەيىنلەنگەن خىتاي ئەمەلدارىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن لايىھىلەنگەن دېگەن ماقالىلەرمۇ بېسىلدى.
خىتايدا چىقىدىغان جۇڭگو خەۋەرلىرى تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تېكەس ناھىيىلىك ھۆكۈمەت 2009-يىلى 7-ئاي مەزگىلىدە ناھىيە مەركىزىدىكى 8 كوچىغا تۇتىشىدىغان باغچىنىڭ نامىنى «باگۇا باغچىسى» دەپ ئۆزگەرتكەن ھەم باغچە ئەتراپىدىكى تېكەس ناھىيىلىك مېھمانخانىنىڭ نامىنى خىتايچە «باگۇا مېھمانخانىسى» دەپ ئۆزگەرتىپ، بەزى يوللارنى خىتاي مەدەنىيىتىدىكى مۇنەججىم ئەقىدىسىدىكى ناملار بويىچە ئاتاشنى تەشەببۇس قىلغان.
جۇڭگو خەۋەرلەر تورىدا بېسىلغان ماقالىدە تېكەس شەھىرىنى «پەقەت خىتايدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيا بويىچە خىتاي ئىلمىي نۇجۇم مەدەنىيىتى ئەقىدىسى بويىچە 8 بۇرجەكلىك قىلىپ لايىھىلەنگەن بىردىن-بىر شەھەر»دەپ تەرىپلىگەن.
تېكەس ناھىيىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئەمما ھازىرچە ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى يىلدىن بۇيان تېكەس ناھىيىسىدە ئەسلىدىكى كوچىلارنى رېمونت قىلىش، ئۆزگەرتىپ ياساش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىپ، يېڭى ياسالغان يوللارغا ئۇيغۇرلار مەنىسىنى ھېچ چۈشەنمەيدىغان خىتايچە ناملار بېرىلىشكە باشلىغان.
بۇ خانىم ئۆز بايانىدا گەرچە تېكەستىكى خىتايلار ئارىسىدا «باگۇا» نامى تېزلىكتە قوبۇل قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، يەرلىك خەلقنىڭ تېكەس ناھىيىسىدىكى باغچە ھەم يوللارغا خىتايچە «باگۇا» نامى بېرىلگەن بۇ ئاتالغۇلارنى ھېچ قوبۇل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ كوچىلارنىڭ يەرلىك ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر ئارىسىدا يەنىلا ئەسلىدىكى كونا ناملىرى بىلەن ئاتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ياشىغان، ھازىر غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىرىدە ياشاۋاتقان سود ئىسىملىك موڭغۇل زىيالىيسى ساپ ئۇيغۇر تىلىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. سود ئەپەندى سۆزىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تېكەس ناھىيىسىدە خىتاي مەدەنىيىتىدىكى «باگۇا» ئاتالغۇسىنى تەشەببۇس قىلىشىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە ھېچقاچان ھۆرمەت قىلمايدىغانلىقىنىڭ پاكىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
موڭغۇل زىيالىيسى سود ئەپەندى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ تىلى، مائارىپى، مەدەنىيىتىگە تېكەس ناھىيىسىدە ئومۇملاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان «باگۇا» ئاتالغۇسىغا ئوخشاش خىتاي مەدەنىيەت ئېڭىنى سىڭدۈرۈش ئارقىلىق، بۇ زېمىندىكى رەڭگارەڭ مىللىي مەدەنىيەتنى پۈتۈنلەي يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى قەشقەر، غۇلجا قاتارلىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە شەھەرلەرنى ھەم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەھەللە،كوچىلارنى قايتا ئۆزگەرتىپ قۇرۇشنى تېزلەتكەن. بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە پۈتۈنلەي يات بولغان خىتاي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە قۇرۇلۇشلارنى كۆپلەپ سېلىش ھەم مەھەللە، كوچىلارغا يېڭىدىن خىتايچە ناملارنى بېرىش، ئەسلىدىكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش ئارقىلىق بۇ جايدىكى مەدەنىي يادىكارلىقلار ھەم قۇرۇلۇشلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن پەرقسىز ھالەتكە كەلتۈرۈپ، يەرلىك ئاھالە ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇشنى شۇنداقلا تېخىمۇ جىق خىتاي كۆچمەنلىرىنى بۇ زېمىنغا يەرلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلماقتا ئىكەن.