بالىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتىنى نېمىگە تايىنىپ قوغدايمىز؟

بالىسىنى زەخىملەندۈرۈشكە قول ئۇزاتقان جىنايەت گۇماندارىنىڭ ھازىرغىچە ئېنىقلانماي، تېگىشلىك جازاغا تارتىلمايۋاتقانلىقىدىن، ئىچى تىتىلداۋاتقان ئاتا-ئانا ساقچىغا ئەرز قىلىش جەريانىدا بوھتان ۋە خورلۇققا ئۇچرىغان.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2011.12.15
zeximlengen-rehimjan-305.jpg 4-يانۋار ئۈچ ياشقا كىرىش ئالدىدا تۇرغان رەھىمجاننىڭ زەخىملەنگەن بەدىنى. 2011-يىلى 14-دېكابىر.
RFA/bbs.xjtsnews.com din élin’ghan

باققۇچى ئايالنىڭ ئۆيىدە خارلاشقا ئۇچرىغان ئابدۇرېھىمجاننىڭ ئاتا-ئانىسى، بالىنىڭ بەدىنىدىكى يارا ۋە زەخمە ئىزلىرىنىڭ تاشقى زەخمە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىككى ئوخشىمىغان دوختۇرخانىنىڭ دىئاگنوزلىرى ۋە باشقا ئىسپاتلارنى كۆتۈرۈپ، ئىككى ھەپتىدىن بۇيان شىمىگو رايونلۇق نەنخۇ ساقچى پونكىتىغا داۋا قىلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ھازىرغىچە بۇنىڭ بىر نەتىجىسى بولمىغاندىن سىرت، ئەكسىچە ئۆزلىرىگە بوھتان چاپلىنىپ ئازابنىڭ ئۈستىگە خورلۇققا قالغان، بۇ ئادالەتسىزلىك ئابدۇرېھىمجاننىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ كېسەل كارىۋىتىدا ياتقان ئانىسى زىننەتگۈلنى غەزەپتىن ئورنىدىن تۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان بولۇپ، ئۇ «ئىلگىرى كېسەل ئازابىغا چىدىماي بالدۇرراق ئۆلۈپ كەتسەممۇ بوپتىكەن دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئوغلۇم بۇ خورلۇققا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆزۈمنى ھەجەپ شەخسىيەتچى ئىكەنمەن دەپ ئويلاۋاتىمەن، مەن ئۈمىدلىك ياشىشىم كېرەك، ئوغلۇمنى-بالىلىرىمنى باشقىلارغا بەرمەيمەن، ئۇلارنى ياخشى ساغلام بېقىش ئۈچۈن ياشايمەن» دېدى.

بىز ئابدۇرېھىمجاننى بالا باققۇچىغا تاپشۇرغان ۋە ئابدۇرېھىمجاننىڭ زەخىملەنگەنلىكىنى بىرىنچى بولۇپ كۆرگەن ئۇنىڭ چوڭ ئاپىسى زۆھرەگۈل بىلەن ئالاقىلەشتۇق، ئۇ سىڭلىسىغا بالا باققۇچىنى تونۇشتۇرغانلىقىغا پۇشايمان قىلىپ ئۆزىنى ئەيىبلەپ ئازابلىنىۋاتقان بولسا، جىيەنىنىڭ خورلۇققا ئۇچرىشىدا ئۆزىنىڭمۇ جىنايەت گۇماندارىغا ئايلىنىپ قېلىشىدىن غەزەپلەنمەكتە.

بالىلارنى قوغداش ئائىلىنىڭ، جەمئىيەتنىڭ، دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيىتى، بىر دۆلەتنىڭ ئەۋلادلارغا ۋە مائارىپقا تۇتقان پوزىتسىيىسى ئۇنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ، رەھىمسىز جەمئىيەتتە، خورلۇقتا ئۈسۈپ يېتىلگەن بالا كەلگۈسىدە ئۆزىنى خارلىغان جەمئىيەتكە قانداقمۇ مېھرىبانلارچە مۇئامىلە قىلالىسۇن؟

ئابدۇرېھىمجاننىڭ دادىسى، ساقچى، ئادۋوكاتقا ئوخشاش قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ، پۇقرالارنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتىنى قوغداشقا تۇتقان بۇ خىل پاسسىپ پوزىتسىيىسىدىن، ئادالەتسىزلىك ھېس قىلغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئامالسىز قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ : بالىلارنى زادى نېمىگە، كىمگە تايىنىپ قوغدايمىز؟ دېدى.

خىتاينىڭ ۋە خەلقئارالىق بالىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتىنى قوغداشقا دائىر قانۇنلىرىدا، بالىلارنى جىسمانىي، روھىي ۋە جىنسى ھەمدە باشقا جەھەتلەردىن زەخىمىگە ئۇچرىتىشنىڭ ھەممىسى خورلاش جىنايىتى شەكىللەندۈرىدىغان ھەرىكەتلەر دەپ قارىلىدۇ. يەنى قورۇمىغا يەتمىگەن ياكى ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس ياش ئۆسمۈرلەرنى قاتتىق ئۇرۇپ زەخىملەندۈرۈش، بوۋاقلارنى قاتتىق سىلكىش، تېرىسىنى كۆيدۈرۈش، نەپىسىنى بوغۇش، باغلاپ قويۇش، ئاچ قويۇش قاتارلىقلار، بالىلارنى ھېچكىم سۆيمەيدىغان كېرەكسىز بىر بالا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش، ئۇلارنى خەتەرلىك، قورقۇنچلۇق شارائىتتا يالغۇز قويۇپ قويۇش، بالىلارنى قورقۇتۇش، ئادالەتسىزلىك قىلىش، قۇربى يەتمەيدىغان ئىشلارغا زورلاش، قاتتىق تەلەپ ۋە يۈك ئارتىش قاتارلىقلار، بۇنىڭدىن باشقا جىنسىي خورلۇقمۇ بالىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش، خورلاش جىنايىتى ھېسابلىنىدۇ، بالىلارغا قىلىنغان بۇ خىل زىيانكەشلىك ئۇلارنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتلەردىن زەخىملەندۈرۈپلا قالماي، ئۇلارنىڭ پۈتۈن ھايات مۇساپىسىدە سەلبىي رول ئوينايدۇ ۋە يەنە ئۆلۈۋېلىشقا ئوخشاش ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

خىتاينىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى ۋە قورۇمىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇن ۋە نىزاملىرىدىمۇ بۇ خىل جىنايەت سادىر قىلغان جىنايەتچىلەرگە قاتتىق جازا بېكىتىلگەن.

بىز گەرچە شىمىگو ساقچى پونكىتى ۋە بالا باققۇچى ئايال ماھىنۇر بىلەن تېلېفون ئالاقىسى قىلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، ئۇلار تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلمىدى. بىز بۇ بالا خورلاش ۋەقەسىنىڭ نەتىجىسى ھەققىدە داۋاملىق ئىز قوغلايمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.