بۇ يىغىننى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان ئىسلام تارىخى، سەنئەت ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات مەركىزى، زەيتىنبۇرنۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىدارىسى ۋە ئىستانبۇل ساباھەتتىن زايىم ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇردى.
بۇ يىغىن 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 20-21-كۈنلىرى ئىستانبۇلدىكى زەيتىنبۇرنۇ مەدەنىيەت سەنئەت مەركىزىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىنغا 11 دۆلەتتىن 20 دىن ئارتۇق تارىخچىلار قاتنىشىپ بالقان ئۇرۇشى ۋە بالقان تارىخى توغرىسىدا سۆز قىلدى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئىدرىس نائىم شاھىن، ئىستانبۇل ۋالىيسى ھۈسەيىن ئاۋنى مۇتلۇ، ماكىدونىيە دۆلەت مىنىستىرى ھادى نەزىر، قاراتاغ دۆلەت مىنىستىرى رېفات ھۇسوۋىچ، سېربىيە دۆلەت مىنىستىرى سولېجمان ئوغلىجان، كوسۇۋا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ماھىر ياغچىلار، تارىخى، سەنئەت ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ باش كاتىپى دوكتور خالىد ئەرەن، زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى مۇراد ئايدىن، ئىستانبۇل ساباھىتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رېكتورى پروفېسسور دوكتور ئادەم ئېسەن قاتارلىق رەھبەرلەر سۆز قىلدى.
يىغىندا تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئىدرىس نايىم شاھىن ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. ئىدرىس نايىم شاھىن سۆزىدە مۇنداق دېدى:
«1912-1913-يىلىدىكى بالقان ئۇرۇشلىرىنىڭ باشقا ئۇرۇشلارغا ئوخشاش ئېچىنىشلىق پاجىئەلىرى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئىنسانلارنىڭ زېھىنلىرىدە تەسىرىنى داۋام قىلدى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئەڭ چوڭ ئىنسانىيەت تراگېدىيىلىرىنىڭ بىرىگە سەھنە بولغان بالقان ئۇرۇشلىرىنىڭ 100-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، بۇ خىل خەلقئارالىق يىغىننىڭ ئۇيۇشتۇرۇلۇشى ئىنتايىن ئەھمىيەتكە ئىگە. بالقانلار رايونى تارىخى، سىياسىي ۋە باشقۇرۇش جەھەتتىن بولسۇن، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرى بولسۇن ئوسمانلى تارىخىنىڭ مۇھىم دەۋرلىرىدىن بىرى بولغان. ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقىنىڭ فەتھى قىلىشىدىن ئىلگىرى ھەر تۈرلۈك مەسىلىلەر ئىچىدە قالغان بالقانلار ئوسمانلى ھاكىمىيىتىنىڭ ئاستىدا 5 ئەسىر بويىچە خاتىرجەم ۋە تىنچلىق ئىچىدە ياشىدى. تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك دەۋر داۋام قىلغان مەزگىللەردە بالقانلىقلار ئۈچۈن قىممەتلىك مەدەنىيەت ۋە بىناكارلىق سەنئەتلىرى ئومۇملاشتى. تىللىرىمىزدىكى ۋە قۇرۇلۇش بىناكارلىقتىكى ئورتاق ئوخشاشلىقلار چوڭقۇر مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ ئۈزۈلمەيدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتلىرىنى كۆرسەتتى.»
تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئىدرىس نايىم شاھىن سۆزىدە يەنە بالقان دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بىرلىك-باراۋەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ مۇنداق دېدى:
«ئوخشاش تارىخقا ئىگە بالقان خەلقلەرنىڭ تارىخلىرىنى تەرەپسىز بىر كۆز بىلەن تەتقىق قىلىپ بىر بىرىنى تېخىمۇ يېقىندىن تونۇش، بىر بىرلىرى بىلەن تېخىمۇ يېقىن مۇناسىۋەت قۇرۇشى بۈگۈن ۋە كېلەچەكتە تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز تارىخ سەھنىسىدە بىرلىكتە ياشىغان بالقان دۆلەتلىرى بىلەن سىياسىي ۋە ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلىرىمىز قوشنىدارچىلىق ئۇقۇمىغا ئاساسەن كۈچلىنىپ ئىلگىرىلەش ئىچىدە داۋام قىلماقتا».
ئىدرىس نائىم شاھىن سۆزىنىڭ ئاخىرلاشتۇرغاندا ئۇنىڭ يىغىنغا قاتناشقانلىقىغا تەشەككۈر بىلدۈرۈپ، تەبرىكنامە ۋە ھەر خىل سوۋغاتلار تەقدىم قىلىندى.
يىغىندا يەنە ماكىدونىيە دۆلەت مىنىستىرى ھادى نەزىر، بالقان ئۇرۇشلىرى توغرىسىدىكى پىكىر-قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:
«بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن بۇ ئۇرۇش دۆلەت قۇرۇش، ئازاد بولۇش ئۇرۇشى دەپ باھا بېرىلدى. بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن بۇ ئۇرۇشلارنىڭ يالغۇزلۇق ۋە قايغۇلۇقنىڭ سىمۋولى دەپ باھا بېرىلدى. بىز ماكىدونىيە تۈركلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇ دەۋرنى قايغۇلۇق بىر دەۋر ۋە 100 يىللىق يالغۇزلۇق دەۋرى دەپ قارايمىز.»
يىغىندا يەنە ئۆزبېكىستاندىن كەلگەن تارىخچى تاھىر قاھار، «تۈركىستان گېزىتىدە بالقان ئۇرۇشلىرى، سەۋەبلىرى ۋە نەتىجىلىرى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.
يىغىن ئىككى كۈن داۋام قىلغان بولۇپ بۇ يىغىنغا بالقان دۆلەتلىرى، ئامېرىكا، فرانسىيە، ئىتالىيە، پاكىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق 10 دۆلەتتىن كەلگەن 20 دىن ئارتۇق تارىخچى، تەتقىقاتچى ۋە ئاكادېمىكلار قاتنىشىپ، بالقان ئۇرۇشلىرى ۋە بالقانلىقلارنىڭ تارىخى توغرىسىدا سۆز قىلدى.
يىغىندا زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى مۇراد ئايدىن ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
«زەيتىنبۇرنۇ شەھىرىنىڭ بالقانلىقلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قانداق قۇرۇلدى دەپ سورالغاندا، ئەلۋەتتە كۆچمەنلىك بىلەن قۇرۇلغان بىر ناھىيە دەپ جاۋاب بېرىشكە بولىدۇ. زەيتىنبۇرنۇدا باشتا تۈركىيىنىڭ 81 شەھەردىن ۋە بالقانلاردىن، رۇمەلىي جۇغراپىيىسىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىن، قىرىمدىن شەرقىي تۈركىستان ۋە ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىن كۆچۈپ كەلگەن خەلقلەر بىلەن قۇرۇلغان بىر ناھىيە.»
شەھەر باشلىقى مۇراد ئايدىن، ئۆزىنىڭ بەختلىك بىر شەھەر باشلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:
«چۈنكى بۇ ناھىيە ئوخشىمىغان مىللەت ۋە خەلقلەردىن تەركىب تاپقان. تۈرك جۇغراپىيىسىنىڭ تۆت ئەتراپىدىن كۆچۈپ يەرلەشكەن زەيتىنبۇرنۇدا كۆپ ساندا بالقانلىق كۆچمەنلەرمۇ ياشايدۇ. ئۆتمۈشتە يۈز بەرگەن ئېچىنىشلىق ساۋاقلاردىن چىقىرىلىدىغان دەرسلەر، كېلەچەكنى قۇرۇش ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز زەيتىنبۇرنۇ شەھەرلىك باشقۇرۇش ئىدارىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، خەلقىمىزگە تارىخنى بىلدۈرۈش ۋە تارىخنى ئۇنتۇلۇپ كەتمەسلىكى ۋە تارىخ بىلەن ئاڭ چۈشەنچە پەيدا قىلىش ئۈچۈن سۈرگۈن ۋە ئۆلۈم دېگەن نامدا 8 قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىدۇق. بۇ فىلىمنى زەيتىنبۇرنۇ خەلقىنىڭ بىزگە ئىلھام بېرىشى بىلەن ئىشلەپ چىقتۇق، بۇ فىلىم بىلەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا يۇرتلىرىدىن سۈرگۈن قىلىنغان ۋە كۆچۈش جەريانىدا يوللاردا ئۆلۈپ كەتكەن مىليونلارچە تۈركنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى تەتقىق قىلدۇق. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تۈرك دۇنياسىنىڭ تارىخىغا ئالاقىدار يىغىن مۇراسىم ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتىمىز ۋە كىتابلار نەشر قىلىپ تارقىتىۋاتىمىز. بۇ يىغىننىڭ مەقسىتىمۇ تۈرك تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا بېسىلغان بىر قەدەم دەپ قارايمىز.»