5 - ئاپرىل كۈنى مانا بۇ ئىنقىلابنىڭ 19 يىللىق خاتىرە كۈنى. نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇ كۈننى تۈرلۈك شەكىلدە خاتىرىلىمەكتە. ئۇنداقتا بارىن ئىنقىلابىنىڭ خاسلىقلىرى يەنى ئۇيغۇر تارىخىدىكى باشقا ئىسيانلاردىن پەرقلىرى قايسىلار؟
بىرقىسىم چەتئەل مۇتەخەسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى تىنجىماس بىر رايون، ئۇيغۇرلار باش ئەگمەس بىر مىللەتتۇر. مۇتەخەسسىسلەرنى بۇ خىل قاراشقا كەلتۈرگەن ھەرىكەتلەردىن بىرى بارىن ئىنقىلابىدۇر. تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم، بارىن ئىنقىلابىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەرىكەتلەر ئۈزلۈكسىز بولۇپ تۇردى. بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ بىر قىسىملىرى تارىخ بېتىگە خاتىرلىنىپ ماڭدى؛ بىرقىسىم خاتىرىلەنمىدى، ئۇنتۇلۇپ كەتتى. بارىن ئىنقىلابى بولسا تارىخ بېتىگە يېزىلغانلاردىن ۋە ۋەتەن ئىچى - سىرتىغا تەسىر كۆرسىتەلىگەن ھەرىكەتلەردىن بىرى. بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى ئەركىن ئەكرەم مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ: يەنى ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، بارىن ئىنقىلابى كىچىك بىر يېزىدا يۈز بەردى ئەمما، تەسىرى چېگرا ۋە دەۋىر ئاتلىدى.
"بارىن شېھىدلىرى - غۇرۇر ۋە ئىپتىخارىمىزدۇر" ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى ئازات ئەپەندى ئۆز تور بېتىدە مۇنداق يازىدۇ: بارىن ئىنقىلابىنىڭ يېتەكچىلىرى ۋە قاتناشقۇچىلىرى ئىچىدە ئۇنىۋېرسىتېت پۈتتۈرگەن زىيالىيلار يوق، 1940 - يىللاردىكىدەك، مۇنتىزىم تەربىيە كۆرگەن قوماندانى ۋە ياكى سودىگەر - كارخانىچىمۇ يوق: ئۇلاردا بەزىلەرنىڭ چۈشۈنۈپ يېتىش قىيىن بولغان بىر كۈچ بار؛ ئۇ بولسىمۇ قەلبىدىكى ئىمان ۋە تەبىئىتىدىكى جاسارەت؛ شۇنداقلا يەنە ئۆز مىللىتىگە بولغان ۋاپا ۋە مەسئۇلىيەت.
ئازات ئەپەندى ماقالىسىدە، بارىن ئىنقىلابىنىڭ يېتەكچىسى زەينىدىن يۈسۈپنىڭ جەڭگە ئاتلىنىشىنىڭ ئالدىدا، ئۆز ئىزباسارىنى ۋە ئىزباسارىنىڭ ئىز باسارىنىمۇ تەيىنلەپ بولغانلىقىنى، دېمەك ئۇلارنىڭ جەڭگە ئاتلىنىشنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋە كەلگۈسى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىغا بىر ئابىدە تىكلەش ئۈچۈن ئۆلۈم يولىنى تاللىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ھەقتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان سىياسىي كۆزەتكۈچى ئىلشات ئەپەندىمۇ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، يۇقىرىدا بىز سىلەرگە بارىن ئىنقىلابىنىڭ خاسلىقلىرى ھەققىدە تەييارلىغان پروگراممامىزنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.