قاتتىق باستۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار

ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈشكە ۋاقىت ئاز قالغانچە شىۋېتسىيە ئاخباراتلىرىنىڭ ئولىمپىك ھەققىدىكى ماقالىلىرى ۋە خەۋەرلىرى كۈندىن ‏ - كۈنگە كۆپىيىۋاتىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.08.04
saqchi-uyghur-tekshurush-305 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﻟﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﻛﺸﯘﺭﯗﺵ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ، ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻻﻫﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺳﻮﺭﺍﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ.
AFP Photo
 بۇ ماقالە ۋە خەۋەرلەردە خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشكە لايىق بولمىغان دىكتاتور دۆلەت دەپ قارىلىپ، ئۇ يەردە ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئاددى ياشاش ھوقۇقىنىڭمۇ دەخلى تەرۈزگە ئۇچراپ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى ۋە خىتايدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشماقچى بولغان تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ دەرىجىدىن تاشقى قاتتىق بېسىملار بىلەن مەشىق قىلىشقا سېلىنىپ خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئابرويىنى كۆتۈرىدىغان تەشۋىقات ماشىنىلىرىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقى قاتتىق تەنقىد قىلىنغان.

بۇ ماقالىلەر ئارىسىدا يەنە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەخسۇس توختالغان ماقالىلەرمۇ بار بولۇپ، شىۋېتسىيەدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن "كۈندىلىك يېڭىلىقلار "، "شىۋېتسىيە كۈندىلىك خەۋەرلىرى" قاتارلىق گېزىتلەردە ئېلان قىلىنغان "تېررور ئوۋچىلىقى - ئولىمپىكتىن بۇرۇن نەتىجە بەردى"، " قاتتىق باستۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار " قاتارلىق چوڭ ھەجىملىك ماقالىلەر بۇنىڭ مىسالىدۇر. بۇ ماقالىلەرنىڭ ئاپتورلىرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ كۆپ ماقالە يازغان مۇخبىرلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى تېخى يېقىندىلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب - شىمالىغا بېرىپ ئۇ يەردىكى ھەقىقىي ئەھۋاللارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ كېلىپ بۇ ماقالىلەرنى يازغان.

"قاتتىق باستۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار" ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى مارىكوس خارالدسسون ماقالىسىنى مۇنداق باشلايدۇ: " بارلىق دۇكانلار، مېھمانخانىلار، ئاشخانىلار مەجبۇرىي تاقىۋېتىلگەن، كوچىلاردىكى كاۋاپچىلار، مېۋە - چىۋىچىلەر، يايمىچىلار ئۇرۇپ قوغلىۋېتىلگەن. قەشقەرنىڭ بوش قالغان كوچىلىرىنى پۈتۈنلەي قوراللانغان ساقچىلار ۋە سالداتلار ئىگىلىگەن. كوچا بويلاپ ھەر ئون مېتىر يەرگە ۋە كوچا دوقمۇشلىرىغا بەش - ئالتىدىن خىتاي سالداتلىرى تۇرغۇزۇلغان. مۇشۇ بىر قانچە كۈننىڭ ئىچىدە قەشقەردە نەچچە مىڭلىغان كىشىلەر قولغا ئېلىنغان. چۈنكى بۇ كۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا خۇشاللىق بىر كۈن بولۇپ، ئۇلار بۇ قەدىمىي شەھەر قەشقەردە ئولىمپىك مەشئىلىنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. بىراق ئولىمپىك مەشئىلى قەشقەرگە يىتىپ كەلگەن شۇ كۈنى ئۇيغۇرلار ئۆيلىرىدە قاتتىق قامال قىلىنغان بولۇپ، كوچىلاردا پەقەت تەنتەنە قىلىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرى بىلەن ئۇيغۇرچە كىيىملەرنى كىيىپ ناھايىتى قاتتىق كونترول ئاستىدا تۇرۇۋاتقان بىرقىسىم ئۇيغۇرلارنى كۆرگىلى بولاتتى."

ئاپتور قەشقەردە ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۈنۈملۈك بولمىغان. چۈنكى، ئاپتورنىڭ بىر تاكسى شوپۇرىدىن ئىگىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللىكلەر بىلەن ئۇچرىشىشى ۋە سۆزلىشىشنى قاتتىق چەكلىگەن بولۇپ، ئەگەر بايقىلىپ قالسا ساقچىلار تەرىپىدىن قاتتىق جازالانغان.

ئاپتور ماقالىسىدە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ ستالىن بىلەن ماۋزىدوڭنىڭ ئويۇنىغا كەتكەن قىسمەتلىك تارىخى، بارىن ئىنقىلابى، غۇلجا ياشلار نامايىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ لىدېرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ قىسمىتى، ئۇيغۇرلار ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان سىياسى ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىكى كەمسىتىشلەر، ئۇيغۇر ئېلىگە توختىماي كېلىۋاتقان خىتاي ئاققۇنلىرى مەسىلىسى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بايلىقلارنىڭ بۇلاڭ - تالاڭ قىلىنىشى، ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ قاتتىق كونترول قىلىنىشى بىلەن دۇنيادىن ئايرىۋېتىلگەن بۇ يېتىم مىللەتنىڭ تەقدىرى ھەققىدىمۇ ئەتراپلىق مەلۇمات بەرگەن. ئاپتور ماقالىسىدە قەشقەردىكى بىر ئۇيغۇر تاكسى شوپۇرىنىڭ ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن "رابىيە قادىر بىز ئۇيغۇرلارنىڭ لىدېرى، ئۇنى ھەممە ئۇيغۇرلار بىلىدۇ ھەم ياخشى كۆرىدۇ،" دېگەن سۆزىنى قىستۇرما قىلغان.

ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق بىر باياننى بېرىدۇ: "مەن ئاخىرى مەن بىلەن پاراڭلىشىشنى خالايدىغان بىر ئۇيغۇرنى ئۇچراتتىم. ئۇ يېنىمغا ئۆزلىكىدىن كېلىپ مەن بىلەن دوست بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھەتتا ئۇ مىنى تاماققا تەكلىپ قىلدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ يەردە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ناھايىتى ياخشى، خۇشال ‏ - خورام ياشاۋېتىپتۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىمۇ ياخشى ئىكەن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ئۆز مەدەنىيىتى بۇيىچە ياشاشقا يول قويىدىكەن. خىتاي ساقچىلىرى بۇ يەردە ھەر قانداق قالايمىقانچىلىقنى دەرھال باستۇرۇپ، ياخشى مۇھىت يارىتىشقا قادىر ئىكەن."

"مەن ئاخىرى ئەنۋەر ئىسىملىك بۇ ئۇيغۇرنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى قىياس قىلدىم،" ‏ - دەيدۇ ئاپتور ماقالىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ‏" - ئۇ ماڭا كېچىدە بىرگە بولۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر قىزلىرىنى تونۇشتۇردى، ئۇنىڭ تەسۋىرلىشىچە، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ بەدىنى ناھايىتى چىرايلىقمىش. ئېنىقكى، ئۇ بىر خۇتۇن بېدىكى، خىتاينىڭ ئىشپىيونى ئىدى."

ماقالە گېزىتنىڭ 5 بېتىگە بېرىلگەن ھەم بىرقانچە پارچە چوڭ رەسىم قىستۇرما قىلىنغان بولۇپ، گېزىتنىڭ بىرىنچى بېتى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۇ ماقالىگە تولۇق ئاجرىتىلغان. ماقالىنىڭ ئاخىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، جۇغراپىيىلىك ئورنى، يەر مەيدانى، نوپۇسى ۋە باشقا ئەھۋاللار ھەققىدە تەپسىلىي پاكىتلىق ماتېرىياللار بېرىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.