" جاھاندا ھەممىدىن ئۇيغۇر بولماق تەس" ‏ -- باۋۇدۇن نىياز

مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ۋىرگىنىيە شتاتىدا تۇرۇشلۇق پەرزەنتلىرىنى يوقلاپ ئۇيغۇر ئىلىدىن ئامېرىكىغا كەلگەن ، پېشقەدەم مائارىپچى، ئىستېداتلىق شائىر باۋۇدۇن نىياز 2008 - يىلى 13 - ئاپرېل ئامېرىكىنىڭ ۋىرگىنىيە شتاتىدا 69 يېشىدا يۈرەك كېسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى.

0:00 / 0:00

مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا ئۇيغۇر مائارىپ سېپىدە ياش ئەۋلادلارنى تەربىيىلەشكە يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان بولسا، ئۇ يەنە ئۇيغۇر شېئىرىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ نۇرغۇنلىغان نادىر ئەسەرلەرنى ياراتقان.

ھالبۇكى، مەرھۇم شائىر ھايات ۋاقتىدا بەزى نازۇك تېمىلاردىكى ئەسەرلىرىنى ۋەتەن ئىچىدە سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلى نەشر قىلدۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولالمىغان بولۇپ، ئۇنىڭ "جاھاندا ھەممىدىن ئۇيغۇر بولماق تەس" ناملىق شېئىرى ۋەتەن ئىچى - سىرتىدىكى تور بەتلىرىدە نامسىز تارىلىپ، كىتابخانلار قولدىن - قولغا ئۆتكۈزۈشۈپ تالىشىپ ئوقۇيدىغان ئەسەرگە ئايلانغان.

بۈگۈن بىز مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مەرھۇمنى قايتا ئەسلەش يۈزىسىدىن ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەرلىرىدىن بىرى بولغان " جاھاندا ھەممىدىن ئۇيغۇر بولماق تەس" ناملىق شېئىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.