بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ 1325 - نومۇرلۇق قارارى ماقۇللانغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى توشقان كۈنى يەنى 26 - ئۆكتەبىر كۈنى، ئوخشاشلا ب د ت نىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە، دۇنيا نوپۇسىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدىغان ئاياللار رولىغا سەل قارىغىلى بولمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئون يىل ئىلگىرى بەلگىلەنگەن 1325 - نومۇرلۇق قاراردا، ئاياللارنى ساۋاتسىزلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئاياللارنى ئىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش، ئومۇمەن ئاياللار ھوقۇقىنى كۈچلەندۈرۈش ئارقىلىق ئاياللار ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ پۈتۈن دۇنيا تىنچلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئۇرۇش يۈز بېرىۋاتقان دۆلەت ۋە نامرات رايونلاردا جىنسىي زوراۋانلىققا دۇچ كېلىۋاتقان ئايال ھەمدە بالىلارنى قۇتقۇزۇش شۇنداقلا بۇنىڭغا خاتىمە بېرىش بېكىتىلگەن ئىدى.
بۇ ھەقتە ئېچىلغان يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىم، پۈتۈن يەر شارى ئاياللىرىنىڭ ھوقۇقىنى كۈچلەندۈرۈش پائالىيىتى ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ 44 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئالدى بىلەن ئاياللار ھوقۇقىنى كۈچلەندۈرگەندە تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى شۇنىڭدەك ئاياللار ھوقۇقىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ئاجرىتىلغان ئىقتىسادنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنىڭ ئافغانىستان ئاياللىرىغا سەرپ قىلىنىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن ئافغان ئاياللىرىنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ھىلارىي كلىنتون خانىم سۆزىدە ئالاھىدە مۇنداق دەپ تەكىتلىدى" :ئاياللار ھوقۇقى قۇربان قىلىنمىغان تىنچلىق، دەل بىز قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغان تىنچلىق ھېسابلىنىدۇ."
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن 1325 - نومۇرلۇق قارار ماقۇللانغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا، ھىلارىي كلىنتون خانىم يەنە، توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا، تىنچلىق بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشتە، مۇقىملىقنى ساقلاشتا، بولۇپمۇ توقۇنۇشتىن كېيىنكى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىدە، ئاياللار رولىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئاياللار ھوقۇقىغا دائىر بۇ مەزمۇنلارنى 1325 - نومۇرلۇق قارارغا يېڭىدىن كىرگۈزۈشنى تەكىتلىدى.
مەزكۈر قارارنىڭ ئالاھىدە تەدبىر سۈپىتىدە ئىجرا قىلىنىشىنى تەشەببۇس قىلغان ھىلارىي خانىم ئاياللار ۋە بالىلارنى قوغداش، ئۇلارنى زوراۋانلىق ۋە باشقا شەكىلدىكى خورلۇقلاردىن مۇداپىئە قىلىش، بولۇپمۇ توقۇنۇش يۈز بېرىۋاتقان رايونلاردا بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ سادىر بولۇشىنى قەتئىي يوسۇندا توسۇش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ، ئامېرىكا سەرپ قىلغان ئىقتىسادتىن 14 مىليون دوللارنىڭ، توقۇنۇش يۈز بېرىۋاتقان رايونلاردىكى خەلقنىڭ ئىچمە سۈيى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پائالىيەت كۆرسىتىۋاتقان ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارغا بېرىلىدىغانلىقىنى، 17 مىليون دوللارنىڭ نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى چەككەن ئافغان ئاياللىرىنىڭ ھەق - ھوقۇقى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى، 2 مىليون دوللارنىڭ، ئايال ۋە بالىلارنى ساۋاتسىزلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەمدە ئىشسىز ئاياللارنى ئىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان تەربىيىلەش كۇرسلىرى ئۈچۈن خىراجەت قىلىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى.
كلىنتون خانىم يەنە، "ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقنى بەرپا قىلىشتا ئەر - ئاياللار ئورتاق كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئاياللارنىڭ تىنچلىق خىزمىتى سېپىگە قېتىلىشى، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇپلا قالماي، بۇ ئارقىلىق سىياسىي مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرگىلى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئاشۇرغىلى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەقەللى ئەركىنلىك ھوقۇقىغا كۆرسىتىلگەن ھۆرمەتنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ" دېدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا، جىنسىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە قۇرۇلغان ئاياللار باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى، چىلىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى Michelle Bachelet خانىم يىغىندا، ئاخىرقى 10 يىلدا ئاياللارنىڭ تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈشكە قوشقان ھەسسىسىنىڭ يۈكسەلگەنلىكىنى كۆرسەتتى.
نۆۋەتتە، ئاسىيادىكى دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولۇۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بانكىموننىڭ سۆزى، يىغىن مەيدانىدا سىنئالغۇ ئارقىلىق يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بانكىمون "1325 - نومۇرلۇق قارار، قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن جايلاردىكى جىنسىي زوراۋانلىق ئاياقلاشقاندىلا، ئاندىن ئۆزىنىڭ رولىنى غەلىبىلىك جارى قىلدۇرغان ھېسابلىنىدۇ" دېدى.
بانكىمون يەنە" :بىز چوقۇم بۇ جەھەتتىكى خىزمەتتە مەسئۇلىيىتىنى جارى قىلدۇرمىغان دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ سادىر قىلغان جىنايىتىنى سۈرۈشتۈرۈشىمىز كېرەك، شۇنىڭدەك بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ، جىنايەت سادىر قىلىپ جازالانمايدىغان ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن،" دېدى.
بىخەتەرلىك كېڭىشىدە چاقىرىلغان بۇ يىغىنىدا 80 نەچچە دۆلەتنىڭ ۋەكىلى نۇتۇق سۆزلىگەن بولۇپ، يىغىن ئاياقلاشقاندا 1325 - نومۇرلۇق قارارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن يەنە بىر مەخسۇس قارار ماقۇللىنىدىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.