كانادا ئالىت سوت مەھكىمىسىنىڭ سابىق باشلىقى لۇئىسا ئاربۇر، 2004 - يىلى فېۋرال ئېيىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلەنگەن ئىدى.
"دۆلەت پوچتىسى گېزىتى " نىڭ ستون يازغۇچىسى گلەنن كوھېننىڭ بايان قىلىشىچە،لۇئىسا ئاربۇر خانىم دۇنيادىكى دىكتاتور دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئەيىبلەيدىغان ۋە بۇنى تەكشۈرىدىغان قارارلارنى ماقۇللىماقچى بولغاندا، كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇۋالغان خىتايغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان. بۇ خىل توسقۇنلۇقلار ھەر دائىم يۈز بەرگەنلىكتىن لۇئىسا ئاربۇرنىڭ بۇ ئورگاندا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش تىرىشچانلىقى سۇغا چىلاشقان ۋە ئاخىرى ئۇ بۇ ئورگاندىن قول ئۈزۈشكە مەجبۇر بولغان.
لۇئىسا ئاربۇرنىڭ ب د ت نىڭ ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلىنىشى بىر پۇرسەت ئىدى
لۇئىسا ئاربۇر خانىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدا 4 يىلنى تاماملىغاندىن كېيىن، بۇ ئورگاننىڭ كېيىنكى قارارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىقىغا ئۆزىنى كۆرسىتىش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ،بۇ يىلنىڭ ئىيۇن ئېيىدا خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەنىدى. "دۆلەت پوچتىسى گېزىتى "دىكى گلەنن كوھېن تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان ماقالىدە: "لۇئىسا ئاربۇر خانىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا كېلىشتىن ئىلگىرى، ئۆزىنىڭ قانداق توسالغۇلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلمىغانىدى. ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدا، كىشىلىك ھوقۇق ئۇقۇملىرىنى چەتكە قاقىدىغان ۋە بۇنىڭغا سوغۇق قارايدىغان كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئورۇن ئالغانلىقىنى كۆردى،دەپ يازىدۇ. ئاپتور ماقالىسىدە،لۇئىسا ئاربۇر خانىمنىڭ بۇ ئورگاندا، كىشىلىك ھوقۇق بۇيىچە يېڭى پىلان - پروگراممىلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرالماسلىقى ياكى ئۇنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدا، بۇ كومىتېتتا، ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى، ئاياللار ھوقۇقى، بالىلار ھوقۇقى، دىنىي ئەركىنلىك،ئەمگەك ئەركىنلىكى، تەشكىلاتلارغا ئويۇشۇش، قانۇننىڭ مۇقەددەسلىكى، تەرەپسىز ئەدىلىيە قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇنى ھوقۇقلارنى دەپسەندە قىلىۋاتقان كۆپلىگەن دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنىڭ يەر ئالغانلىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەب بولغانلىقىنى ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. لۇئىسا ئاربۇر ۋەزىپە ئۆتىگەن جەرياندا، زىمبابۇۋى، خىتاي، رۇسىيە ۋە ئىرانغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇقنى قاتتىق دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى كۆپ قېتىم تەنقىد قىلغانىدى."
لۇئىسا ئاربۇر بۇ ئورگاندا بەزى ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ باردى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يوگوسلاۋىيىدىكى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى بىلەن رۇۋاندادىكى خەلقئارالىق سوت مەھكىمىسىدە تەپتىشلىك ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان ۋە كانادا ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ سابىق باش سوتچىسى لۇئىسا ئاربۇر خانىم، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەزگىلدە، كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە بەزى مۇھىم ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان ۋە بۇ نام - شەرىپى ئانچە ياخشى بولمىغان بۇ ئورگاننى،بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى قەرەللىك تۈردە كۆزدىن كەچۈرىدىغان كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىغا ئۆزگەرتكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئورگاندىكى خادىملارنى ۋە بۇ ئورگانغا بېرىلىدىغان مەبلەغنى كۆپەيتكەن. ئۇ ھوقۇق يۈرگۈزگەن 4 يىل جەريانىدا، كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىنىڭ شەرھىلىنىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا قارىتا تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتكەن.
لۇئىسا ئاربۇر ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغىمۇ كۆڭۈل بۆلگەن ئىدى
لۇئىسا ئاربۇر خانىم ۋەزىپە ئۆتەپ، بىر يىلدىن كېيىن، يەنى 2005 - يىلى 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى توغرىلىق خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن خىتايدىكى ئومۇمى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى شۇنداقلا ئۇيغۇر ۋە تىبەتلىكلەر دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن "پۇقرالارنىڭ ھوقۇقلىرى ۋە سىياسى ھوقۇقلىرى خەلقئارالىق ئەھدىنامە"سىنى تىزدىن تەستىقلاشنى تەلەپ قىلغانىدى.
ئاپتور ماقالىسىدە يەنە مۇنداق يازىدۇ "دېموكراتىك دۆلەتلەردە ئەركىن بولغان ئاخبارات ۋاستىلىرى، بۇ دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇققا يات ئەھۋاللارنى تەنقىد قىلالايدۇ ۋە تەنقىد قىلىشقا ھەر زامان تەييار تۇرىدۇ. ئەمما ئىران،خىتاي، بېرما ۋە كۇباغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق قاتتىق دەپسەندە قىلىنىۋاتقان دىكتاتور دۆلەتلەردە، بۇنىڭدىن سۆز ئېچىشقا زادىلا بولمايدۇ”. ئاپتور ماقالىسىدە، لۇئىسا ئاربۇر خانىمنىڭ يوقىرىقى دۆلەتلەرگە قارىتا، كەسكىن تەنقىد قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولمىغانلىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىدۇ. بۇ يىلنىڭ ئاپرىل ئېيىدا تىبەتتە توقۇنۇش يۈز بەرگەندە،ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تىبەت ھەققىدە قارار لايىھىسى ماقۇللىغان ئىدى. گەرچە خىتاي دائىرىلىرى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى لۇئىسا ئاربۇرنىڭ تىبەتتە مۇستەقىل تەكشۈرۈشكە يول قويۇش تەلىپىنى رەت قىلغان بولسىمۇ،ئەمما ئۇلار ئاخىرقى ھېسابتا، ئۇنىڭ بىلەن تىبەت مەسىلىسىدە مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغانىدى.
ئامېرىكىنىڭ بۇ ئورگانغا قارىتا پوزىتسىيىسى سوغۇق بولدى
2006 - يىلى 3 - ئايدا ئامېرىكا،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتا ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى ئالمىغانلىقىنى ۋە بۇ كومىتېتنىڭ ئۆز رولىنى دېگەندەك جارى قىلدۇرالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،يېڭىدىن تەشكىل قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا قاتناشمىغان ئىدى.
ئاربۇر خانىمنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ نوپۇزىغا دەز كەتكەن شۇنداقلا بۇ قارار كەلتۈرۈپ چىقارغان بوشلۇقتىن باشقا دىكتاتور دۆلەتلەر پايدىلانغان.
لۇئىسا ئاربۇر بۇ ئورگاننى ئۈزۈل - كېسىل ئۆزگەرتەلمىدى
كانادا " دۆلەت پوچتىسى گېزىتى " دىكى، " لۇئىسا ئاربۇر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدىكى ۋەزىپىسىدە مەغلۇپ بولدى" ناملىق ماقالىدە ئەسكەرتىلىشىچە، لۇئىسا ئاربۇر خانىم كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدا، كىشىلىك ھوقۇق زوراۋانلىقلىرى سادىر بولۇۋاتقان دۆلەتلەردىكى دەپسەندىچىلىكلەرنى تەكشۈرۈش ۋە ئۇلارنى ئەيىبلەش قارارلىرى چىقارماقچى بولغاندا، كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇۋالغان خىتاي، لىۋىيە، ئىران ۋە كۇباغا ئوخشاش دۆلەتلەر ھەر زامان توسقۇنلۇق قىلغان.
ماقالىدە تەكىتلىنىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدا بېرما ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر ھالدا دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مەسىلىسى قاراپ چىقىلىدىغاندا، خىتاي بىلەن رۇسىيە جىم ئولتۇرۇۋېلىش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، بۇ پىلاننىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشىنى توسقان . بۇنىڭغا ئوخشاش تەشكىلى قۇرۇلما ئىچىدىكى غەيرى توسالغۇلار تۈپەيلىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئۆز ۋەزىپىسىنى ئۈنۈملۈك تۈردە ئاتقۇرالمىغان.
نەتىجىدە، بۇ خىل ئەھۋاللارنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن لۇئىسا ئاربۇر خانىم، ئاخىرى ئۈمىدىنى ئۈزۈپ،بۇ ئورگاندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان.