ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بېرىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 14 - سېنتەبىردىكى ئومۇمىي يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بېرىلدى.

0:00 / 0:00


باش شتابى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىش بېجىرگۈچىسى مىشېئال فىلىپىس ئەپەندى يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات بېرىپ، «5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن ئىز - دېرەكسىز غايىب بولغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە، شۇنداقلا خىتاي ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي بېسىم ۋە ئادەملەرنى خالىغانچە تۇتۇپ - قاماش قىلمىشى ھەققىدە توختالدى.

كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى سۆز قىلىپ «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ «تېررورلۇق ھەرىكەت» ئىكەنلىكىنى خىتاي ئازسانلىق مىللەت سىياسىتىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلىدى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 21 - نۆۋەتلىك يىغىنى شۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئېچىلماقتا. 10 - سېنتەبىردىن 28 - سېنتەبىرگىچە داۋام قىلىدىغان مەزكۇر يىغىنغا ب د ت غا ئەزا 190 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى شۇنداقلا ب د ت دا كۆزەتكۈچى سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن 200 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشماقتا.

يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىمۇ كۈن تەرتىپكە كەلمەكتە.

بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.