مۇتەخەسسىسلەر: خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ب د ت نىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى ئەھدىنامىسىغا خىلاپ
2012.12.24

ب د ت نىڭ «ئاز سانلىق مىللەتلەر، ئېتنىك، تىل، دىنىي ئاز سانلىقلار ھوقۇقى ئەھدىنامىسى» خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەخسۇس ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قوغداش توغرىسىدىكى مۇھىم ھۆججىتى. مەزكۇر ھۆججەتنىڭ 1 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدا دۆلەتلەرنىڭ مەجبۇرىيىتى تەكىتلىنىپ، دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر، ئېتنىك تىل ۋە دىنىي ئاز سانلىقلارنى قوغداش، ئۇلارنىڭ ئۆز كىملىكىنى قوغدىشىغا شەرت - شارائىت يارىتىپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 2 - ماددىنىڭ 1 - ۋە 2 - تارمىقى ئۇلارنىڭ ھوقۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مىللىي ياكى ئېتنىك، تىل ۋە دىنىي ئاز سانلىقلارغا مەنسۇپ كىشىلەر ئۆز مەدەنىيىتىدىن بەھرىمان بولۇش، دىنىي ئېتىقادىنى ئاشكارا ئىپادىلەش، ئىبادەت قىلىش، ئۆز تىلىنى خۇسۇسى ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردا ھېچقانداق ئىغۋاگەرچىلىك ۋە كەمسىتىشكە ئۇچرىماي، ئەركىن ئىشلىتىشكە ھوقۇقلۇق، دەپ كۆرسىتىلگەن.
ئاز سانلىق مىللەتلەرگە مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت، دىنىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى ۋە ئاممىۋى ھاياتىغا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىش ھوقۇقى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. مەزكۇر ھۆججەت ب د ت نىڭ 1966 - يىلى ماقۇللانغان «پۇقرالىق ۋە سىياسى ھەقلەر ئەھدىنامىسى» بىلەن «مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى ھەقلەر ئەھدىنامىسى» نىڭ مۇھىم تولۇقلانما نۇسخىىسى.
د ئۇ ق مەزكۇر ئەھدىنامە ماقۇللانغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا خىتاينىڭ مەزكۇر ئەھدىنامىگە ئەمەل قىلمايۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى چەكلەۋاتقانلىقى، كىشىلەرنى قانۇنى رەسمىيەتسىز ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇۋاتقانلىقى، قانۇننى قايرىپ قويۇپ ئۆلتۈرۈۋاتقانلىقى، دىنىي كۇرسلارنى باستۇرۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى تەكىتلىگەن. د ئۇ ق نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ب د ت نىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قوغداش ھەققىدىكى مەزكۇر ئەھدىنامىسى دۆلەتلەرنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە كاپالەتلىك قىلىشىدا ئىزچىل رول ئوينايدىغان مۇھىم ئۆلچەم.
ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى مەزكۇر كىشىلىك ھوقۇق ئورگېنى 1992 - يىلى 18 - دېكابىر ماقۇللانغان ئەھدىنامىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، ئۇنىڭ دەۋر بۆلگۈچ بىر ھۆججەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ئامېرىكىدا ئولتۇرۇشلۇق مۇستەقىل تەتقىقاتچىسى مەمەت توختى ئەپەندى مەزكۇر ھۆججەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقى ھەققىدە توختىلىپ، ئىككى نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
خىتاي ب د ت نىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر، ئېتنىك، تىل ۋە دىنىي ئاز سانلىقلار ھوقۇقى ئەھدىنامىسىگە قول قويغان دۆلەت بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقىغا ئىزچىل بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرىنىڭ ۋە د ئۇ ق قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتلىرىدا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىن، مەدەنىيەت، تىل، مائارىپىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان، سۆز ۋە ئىپادە ئەركىنلىكىنى بوغۇپ، تىنچ سىياسى ۋە دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى پەرقلەندۈرمەي ئوخشاش باستۇرۇپ كەلگەن.
د ئۇ ق ئۆزىنىڭ 18 - دېكابىر ئېلان قىلغان باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ب د ت خىتاينى خەلقئارا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي بۇ چاقىرىققا ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرمىغان.
د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم مەزكۇر ئەھدىنامە ھەققىدە توختىلىپ، : ئەھدىنامە ماقۇللانغانلىقىنىڭ 20 يىللىق خاتىرىسى خوشاللىنارلىق بىر كۈن بولۇشقا تېگىشلىك بولسىمۇ، بىراق بۇ، ئۇيغۇر خەلقىغە ھوقۇقتىن بەھرىمان بولالمايۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم خاتىرىلىتىپ قويدى، دېگەن. مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتىكى مۇھىم مەسىلە خىتاينىڭ خەلقئارا ئەدىنامىلەرگە قول قويۇش مەسىلىسى ئەمەس. ئۇنىڭغا قانداق ئەمەل قىلىش مەسىلىسىدۇر.
خىتاي 1998 - يىلى ب د ت نىڭ «پۇقرالىق ھوقۇقى ۋە سىياسى ھەقلەر ئەھدىنامىسى» بىلەن «مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادى ھەقلەر ئەھدىنامىسى»گە قول قويغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى «پۇقرالىق ھوقۇقى ۋە سىياسى ھەقلەر ئەھدىنامىسى» نى ھازىرغا قەدەر تەستىقلىمىغان. د ئۇ ق، خەلقئارا جامائەتچىلىكنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىغا دىققەت قىلىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن سۆزلىشىشىنى ئالغا سۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى، خىتاينىڭ «پۇقرالىق ھوقۇقى ۋە سىياسى ھەقلەر ئەھدىنامىسى»نى تېزراق تەستىقلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.