بېيجىڭ دائىرىلىرى ئاسماندا تور، يەردە قاپقان قۇرغان بۇ جىددىي تەدبىرلەرنى ئىككى چوڭ يىغىننىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئېلىنغانلىقىنى كۆرسىتىۋاتقان پەيتتە، نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقتىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شەھەر، ناھىيىلىرىدىمۇ برونىۋىكلار چارلاپ يۈرمەكتە. ئۇنداقتا ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئېلىۋاتقان غەيرىي نورمال جىددىي تەدبىرلىرىگە نېمە سەۋەب بولماقتا؟
ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەردە دىكتاتور ھاكىمىيەتلەر ئۈستىدىن ئارقا-ئارقىدىن پارتلىغان خەلق ئىنقىلابلىرى ئۆز نۆۋىتىدە خىتايغىمۇ بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىپ خىتاي دائىرىلىرىنى جىددىيلەشتۈردى. نەتىجىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئالاھىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللانغان ئىدى، ئىككى چوڭ يىغىننىڭ مانا بۇ خىل تۇراقسىز ۋەزىيەتكە توغرا كېلىشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىمۇ قاتتىق تەدبىرلەر ئالماقتا.
ئىككى چوڭ يىغىن بېيجىڭدا 3-مارتتىن 5-مارتقىچە ئېچىلىپ تاماملىنىدىغانلىقى پىلانلانغان. بۇ ھەقتە يېقىندىن بۇيان خىتاي ئاخباراتلىرى ھەمدە خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ ئېلان قىلىۋاتقان ئۇچۇرلىرىغا قارىساق، بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى ئىككى يىغىن ئېچىلىش مەزگىلىدە ئېلىنىدىغان بىخەتەرلىك زۆرۈر تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلدى. يەنى بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان ئۇقتۇرۇشىدا 2-مارتتىن 15-مارتقىچە، تيەنئەنمېن مەيدانىغا ھەر قانداق ئورگان ياكى ئادەمنىڭ ئاياق بېسىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، تيەنئەنمېن ئاسمىنىدا ئىككى يۈز كىلومېتىر دائىرىدە ھەرقانداق ئۇچار جىسىمنىڭ ئۆتۈشى چەكلىنىدۇ دەپ يېزىلغان.
سەيشەنبە كۈنى يەنە، بېيجىڭدىكى ئون نەچچە چەتئەل مۇخبىرلىرى ساقچىخانىغا يىغىپ ئاپىرىلىپ ئاگاھلاندۇرۇلغان.
بېيجىڭ سەھەر گېزىتى چارشەنبە كۈنى، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ 17 مىليون يانفون ئابونتلىرىنى مەركەز قىلىپ، ئۇچۇر ئالاقىنى كۆزىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بۇنىڭدىن باشقا، بېيجىڭ دائىرىلىرى ئىككى يىغىننىڭ ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن 180 مىڭغا يېقىن ساقچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 739 مىڭ ئاممىنى ھەرىكەتلەندۈرگەن.
ئەمما، رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن، ئىككى يىغىن ئېچىلىۋاتقان بېيجىڭ شەھىرىدىن نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقتىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىمۇ يېقىنقى مەزگىللەردە تېخىمۇ جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكى مەلۇم. ئۇچۇر بەرگۈچىلەرنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، ئۈرۈمچى ۋە باشقا شەھەرلەردە قوراللىق ساقچى ۋە چارلاش ئەترىتىنىڭ ھەرىكىتى ئىلگىرىكىلەردىن جىددىي بولۇپ، كوچىلاردا ساقچىلارنىڭ، قاراۋۇللارنىڭ كۆپەيتىلگەنلىكىنى ئېنىق بايقىغىلى بولىدىكەن. ئاممىۋى سورۇن، قاتناش تۈگۈنلىرىدە تەكشۈرۈشلەرمۇ كۈچەيتىلگەن.
بىز بۇ ئىنكاسلارغا ئاساسەن ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن ۋە ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىن ئۇچۇر ئىگىلەشكە تىرىشتۇق. ئۈرۈمچى ساقچى دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان چارلاشنى كۈچەيتكەنلىكىنى دەلىللىگەن بولسىمۇ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشنى رەت قىلدى.
ئاقسۇنىڭ كۇچا ناھىيىسىگە قاراتقان تېلېفون زىيارىتىمىزدىن، ھۆكۈمەت ھەم ساقچى ئورۇنلىرىغا چارلاشنى كۈچەيتىش ھەققىدە مەخسۇس ھۆججەت چۈشكەنلىكى، بۇ ناھىيىدە كوچا چارلاشقا ساقچى ئاپتوموبىللىرى، قوراللىق قىسىم ئاپتوموبىللىرىدىن باشقا، ھەتتا برونىۋىكلارمۇ ئىشقا سېلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.
قەشقەرنىڭ بىر ساقچىخانىسىدىكى ساقچىلار يېقىندىن بۇيان 24 سائەتلىك نۆۋەتچىلىك تۈزۈمى ئورنىتىلغانلىقىنى، ساقچىلارغا ئالاھىدە ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دائىرىلەرنىڭ قورال ۋە ئوق تارقىتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
گەرچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارلىق جايلىرىدا خۇددى بېيجىڭغا ئوخشاش جىددىي بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئۈرۈمچىدىكى بىر خىتاي كۆچمەن ئۆزىنى ئۇيغۇر ئېلىدە ناھايىتى بىخەتەر ھېس قىلىدىغانلىقىنى، 5-ئىيۇل ۋەقەسى باستۇرۇلغاندىن كېيىن ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن خاتىرجەملىكىنى بىلدۈردى ۋە ياسىمەن ئىنقىلابى ھەققىدە ھېچقانداق بىر نەرسە بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئاممىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن مەلۇمكى، كۆپ ساندىكى ئامما، گەرچە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىۋاتقان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ قايتا كۈچەيتىلگەنلىكىنى تۇيغان بولسىمۇ، بۇنىڭ سەۋەبىنى ئېنىق بىلمەيدىكەن. ئۈرۈمچىدە ئاۋازىنى ئاڭلىتىشنى خالىمىغان بەزى كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل جىددىي ۋەزىيەت ئۇيغۇر ئېلىدە دائىملىق يۈز بېرىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، خەلق جىددىي بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ھاسىل قىلغان بىمەنە ئاۋارىچىلىكلەرگە پەرۋاسىز قارايدىغان بولۇپ قالغان.