ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەتنىڭ كونترول قىلىشىغا قارىماي روزا تۇتماقتا

مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، ئاقسۇ تەۋەسىدە ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىي ئۆرپ ‏- ئادىتى بۇيىچە روزا تۇتقانلىقى ئۈچۈن، ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئىستانسىمىز مۇخبىرى شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ساقچى خادىملىرىغا تېلېفۇن ئۇرۇپ، روزا تۇتۇش سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغانلار ھەققىدە سۈرۈشتۈردى.

0:00 / 0:00

ساقچى، قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ يوق ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ، ۋەقە ھەققىدە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىدى. پىنسىيىگە چىققان كادىرلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، روزا تۇتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى روزا تۇتۇش سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغانلار ھەققىدە ئىشلىگەن مەلۇماتىنىڭ

تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.