ئاتاۋۇللا شاھيار: چەكلىمە ھەم بېسىم ئاشقانسېرى دىنىي ئېتىقاد شۇنچە كۈچىيىدۇ

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، دىنىي ئېتىقادنى چەكلىشىگە قارىماي، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا دىنىي ئېتىقاد بارغانچە كۈچەيگەن.

0:00 / 0:00

ئىگىلىشىمىزچە، ئۈرۈمچىدە بۇ يىللىق قۇربان ھېيت نامىزىغا قاتناشقانلار سانى يىللاردىكىدىن ئالاھىدە كۆپ بولغاچقا، مەسچىتلەرگە پاتمىغان جامائەت مەسچىت ئالدىدىكى سەينادا ھەتتا چوڭ يوللاردا ناماز ئوقۇشقا مەجبۇر بولغان. ھېيت نامىزى ئاخىرلاشقۇچە بولغان ئارىلىقتا 1-يول، 10-يول قاتارلىق يوللاردا قاتناش قىستاڭچىلىقى يۈز بەرگەن، نوغاي مەسچىتى ئالدىدا قاتناش توختىتىلغانلىقى ئۈچۈن ئاپتوموبىللار باشقا يوللاردىن ئەگىپ ئۆتكەن.

ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپىدا ئولتۇرىدىغان بىر ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ، بۇ يىلقى ھېيت نامىزىغا يىللاردىكىگە قارىغاندا بالدۇر بارغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بارغىچە مەسچىت ھويلىسىمۇ جامائەت بىلەن توشۇپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن، ھېيت نامىزىنى چوڭ يولدا ئوقۇغان.

ئىگىلىشىمىزچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچىدىكى ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى، ئوقۇتقۇچىلار، ئالىي ۋە ئوتتۇرا -باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىمۇ دىنىي ئېتىقاد كۈچىيىشكە باشلىغان. ھېيت نامىزى، مېيىت نامىزى ھەتتا جۈمە نامىزىغا بارىدىغانلارمۇ بارغانچە كۆپەيگەن.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ يىل قۇربان ھېيت نامىزىغا باشقىلارغا قارىغاندا سەھەر بارغىنى ئۈچۈن، نامازنى مەسچىت ئىچىدە ئوقۇغانلىقىنى، ئەمما نامازدىن كېيىن ئۆزى ھەم بىرقانچە ساۋاقداشلىرىنىڭ قېلىپ قېلىپ مەسچىتتىكى گىلەملەرنى يىغىشقا ياردەملەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئېلىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئېتىقادقا قاراتقان چەكلىمىلىرى كۆپەيگەنسېرى، ئۇيغۇرلاردا دىنغا بولغان ئېتىقاد بارغانچە كۈچەيگەن.

بۇ يىل تەتىل مەزگىلىگە توغرا كەلگەن رامزان ئېيىدا، ئۆزىنى يوقلاپ كەلگەن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان نەۋرىلىرىنىڭ يېزىدىكى مەسچىتنىڭ ئىمامىدىن دىنىي دەرس ئېلىپ، ناماز ئوقۇشنى ئۆگەنگەنلىكى ھەم بىر ئايلىق رامزاننى تولۇق تۇتقانلىقىنى بايان قىلغان بىر خانىم، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا دىنىي ئېتىقادنىڭ بارغانچە چىڭىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلاھىيەت پەنلىرى دوكتورى ئاتاۋۇللا شاھيار ئەپەندى، بۇ يىللىق قۇربان ھېيت نامىزىغا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ يىللاردىكىدىن كۆپ بۆلىشىنىڭ ياخشى يۈزلىنىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇرلاردىكى دىنىي ئېتىقاد كۈچىيىشىنىڭ سەۋەبىنى ئىنسان پسىخىكىسى ھەم دىنىي نۇقتىدىن ئىزاھلىدى.

ئاتاۋۇللا شاھيار ئەپەندى ئۆز بايانىدا، چەكلىمە ھەم بېسىم ئاشقانسېرى ئىنسانلاردىكى دىنىي ئېتىقادنىڭ شۇنچە كۈچىيىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاتاۋۇللا شاھيار ئەپەندى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىم ھەم چەكلىمىلەر ئارقىلىق مەيلى ئۇيغۇرلار بولسۇن ياكى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان تىبەت ھەم موڭغۇللار بولسۇن ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى چەكلەش مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى تارىخى پاكىتلار ئارقىلىق ئىسپاتلاشقا بولىدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى دىنغا قاراتقان تۈرلۈك چەكلىمىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە دىنغا ئىشىنىدىغان خەلقلەرنىڭ قارشىلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.