مەنىۋى بايلىق بەخت - سائادەت
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.06.23
2008.06.23
كېسىپ ئېيتىش كېرەككى، مەنىۋىيىتى ساغلام، ئەقىل - ھوشى جايىدا بولغان ھەر قانداق ئادەم ئۆزىگە جاپا - مۇشەققەت ئىزدىمەيدۇ، ئۆز بەختسىزلىكىگە رازى بولمايدۇ. بىراق ئۇ ئاھ ئۇرۇپ، بۇ چوت سوقۇپ ئىزدەۋاتقان، ئىنتىلىۋاتقان بەخت زادى قەيەردە؟ ھەقىقىي بەخت زادى نېمىدە؟ بەختنىڭ ئۆلچىمى بارمۇ؟
تارىختا تالايلىغان كىشىلەر بەخت ئىزدەپ ياشىدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن توختاۋسىز كۈرەش قىلىپ كەلدى. بىراق ھەقىقىي بەختنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن نۇرغۇن كىشىلەر بەخت ئەسلا مەۋجۇد بولمىغان جايلاردىن بەخت ئىزدەپ خۇددى باياۋاندىن گۆھەر ئىزدىگەن كىشىدەك ھالسىرىغان، سالپايغان ھالدا قۇرۇق قول قايتىشتى. دەرۋەقە كىشىلەر ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان، ماددىي مەئىشەتكە چۆككەنسېرى، نەپسىي خاھىشلىرىغا بېرىلگەنسېرى يېڭى كىرىزىسلارغا پېتىپ قېلىشتىن باشقا ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. ئۇنداقتا بەخت زادى نەدە؟ ئۇ نېمىدە؟
سىراجىددىن ئەزىزىي بىلەن سۆھبەت
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ۋەتەنپەرۋەر ئالىم سىراجىددىن ئەزىزىي كىشىلەرنىڭ بەخت ئىزدەش يولىدىكى يۆنىلىشلىرى ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دېدى:" بىر مۇنچە كىشىلەر باي - باياشات بولۇشنى بەخت ھېسابلىشىدۇ. بىراق بىز تۇرمۇش سەۋىيىسى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، ماددىي تۇرمۇش ۋاستىلىرى قولاي بولغان، يېمەك - ئىچمەكتىن غەم - ئەندىشىسى بولمىغان، تۇرالغۇلىرى، قاتناش ۋاسىتىلىرى ھەتتا يېزا ئىگىلىككە قەدەر يۈكسەك دەرىجىدە ماشىنىلاشقان، زامانىۋىلاشقان، ئومۇمەن باياشاتچىلىققا تولغان تەرەققى تاپقان ئەللەرگە قارايدىغان بولساق، شۇ ئەل پۇقرالىرىدىن نۇرغۇنلىغانلىرى ھەر ۋاقىت تۇرمۇشنىڭ مەنىسىزلىكى، قەلب ئازادىلىكىدىن مەھرۇم ئىكەنلىكلىرىدىن قاقشايدۇ. بەختلىك بولۇش ئۈچۈن باشقا يوللارنى ئىزدەپ يۈرىدۇ. لېكىن يەنىلا ئۆزلىرى بىزارلىق ھېس قىلىۋاتقان بۇرۇقتۇرما، بىر خىل قېلىپتىكى تۇرمۇشتىن قۇتۇلالمايدۇ. چۈنكى ئىنسان تەن ۋە روھتىن پۈتۈلگەن يارالما. ئۇ فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىن ئاش نانغا مۇھتاج بولغاندەك، روھىي جەھەتتىنمۇ مەنىۋى ئوزۇققا مۇھتاج بولىدۇ.جىسمانىي ئېچىرقاش تەننى زەئىپلەشتۈرۈپ، ئىنساننى نورمال جىسمانىي مەشغۇلات ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قىلسا، مەنىۋى ئېچىرقاش ئىنساننى ساغلام تەپەككۇر قىلىشتىن مەھرۇم قىلىدۇ. بۇ مەھرۇملۇق ھەر بىر ئىنسان ئۈچۈن بىر پاجىئەدۇر. پاجىئە بولغاندىمۇ ھەر قانداق بىر پاجىئەنى بېسىپ چۈشىدىغان، ئۆز ئىچىدىن تۈگىشىش پاجىئەسىدۇر."
بەخت ماددىي مەئىشەتتە ئەمەس
سىراجىددىن ئەزىزىي يەنە مۇنداق دېدى:" نۇرغۇن ئىنسانلار ماددىي ئېھتىياجىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇۋېلىپ، ماددىي يۈكسەكلىكنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ئىنتىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان ئاشۇ ماددىي پاراغەتلەردە بىر قىسىم نەرسىلەرگە ئېرىشكەندەك قىلغان بىلەن، يەنە بىر قىسىم قىممەتلىك نەرسىلىرىدىن مەھرۇم قېلىۋاتقانلىقىنى ئاستا - ئاستا ھېس قىلىشماقتا.دېمەك مال دۇنيانىڭ كۆپ بولۇشى، قورساقنىڭ توق، كىيىمنىڭ پۈتۈن بولۇشىلا بەختتىن دېرەك بەرمەيدۇ. بۇ بەختنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدىكى ئاساسىي ئامىل تېخىمۇ ئەمەس. ئەكسىچە مال - دۇنيانىڭ كۆپ بولۇشى بىر مۇنچە كىشىلەردە تولا چاغلاردا غەم - قايغۇنىڭمۇ كۆپ بولۇشىغا سەۋەب بولۇپ، ئاخىرەتتىلا ئەمەس، دۇنيادىمۇ بۇ كىشىگە نىسبەتەن بىر ئاپەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن."
بەخت بالا - چاقىدىمۇ ئەمەس
سىراجىددىن ئەزىزىي يەنە مۇنداق دېدى:"بالىلار ھاياتلىقتىكى گۆھەرلەر. خۇددى ئەجدادلار" بالىلىق ئۆي بازار، بالىسىز ئۆي مازار"دېگەندەك، بالىلارسىز تۇرمۇشنى ئويلاش قىيىن. بىراق بۇنىڭلىق بىلەنلا بەخت بالىلاردا دېيەلمەيمىز. چۈنكى ئاتا - ئانىسىغا ۋاپادارلىق بىلەن ياخشى، ھەقلىق يوسۇندا جاۋاب قايتۇرۇش ئورنىغا، ئۇلارنى تۇزكورلارچە قاقشاتقان بالىلارمۇ ئاز ئەمەس."بەخت پەن - تېخنىكىدىمۇ ئەمەس
سىراجىددىن ئەزىزىي يەنە مۇنداق دېدى:" بىزگە يىراقنى يېقىن، مۈشكۈلنى ئاسان قىلىپ بېرىپ تۇرمۇشىمىزغا ھېسابسىز قولايلىقلارنى بەخش ئەتكەن پەن - تېخنىكىمۇ بىزنى بەختلىك قىلىشقا قادىر ئەمەس. ئەنگىلىيىنىڭ ھازىرقى زامان پەيلاسۇپى براند روسسېل " ئىنسانلار تەبىئەت بىلەن كۈرەشتە پەن - تېخنىكىغا تايىنىپ غەلىبە قىلدى. بىراق ئۆزى ( يەنى روھى) بىلەن بولغان كۈرەشتە غەلىبە قىلالمىدى. بۇ كۈرەشتە پەن - تېخنىكا ئەسقاتمىدى" دەپ يازىدۇ."بەخت مەنىۋىيەتتە، ئۆزىمىزدە
سىراجىدىن ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، بەخت دېگەن مەنىۋىيەتكە تەئەللۇق ئۇقۇم. شۇڭا ئۇنى كۆز بىلەن كۆرۈپ، تارازا بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ. ئۇنى بايلىق كانلىرىدىن ياكى ئوردا خەزىنىلىرىدىن تاپقىلى بولمايدۇ. ئۇنى پۇلغا سېتىپ ئالغىلى بولمايدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە:" ھەقىقىي بايلىق ماددىي بايلىق ئەمەس، روھىي بايلىقتۇر" دەپ كۆرسەتكەن. بەخت شۇنداق نەرسىكى، ئىنسان ئۇنى تۇرمۇشنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدە ھېس قىلىپ تەڭداشسىز لەززەتكە نائىل بولالايدۇ. ئۇ قەلبنىڭ ئارامى، ۋىجداننىڭ راھىتى، كۆڭۈلنىڭ روشەنلىكىدۇر. ئۇنىڭغا ئېرىشكەن كىشىنىڭ يۈرىكىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن تىرنىقىنىڭ ئۇچىلىرىغىچە ئازادىلىك بولىدۇ. بەخت ئىنسان قەلبىدىن ئوخچۇپ تۇرىدۇكى، ئۇ سىرتتىن ئىمپورت قىلىنمايدۇ. ئۇنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم ئاتا قىلالمايدۇ.ھەقىقىي بەختكە ئېرىشكەن كىشىلەر باشلىرىغا ھەر قانداق بالا يى - قازا، دىشۋارچىلىق كەلسىمۇ پىسەنت قىلمايدۇ. تۇرمۇش ئۇلارنى مۇشەققەتلىرى بىلەن كۈتۈۋالسىمۇ، ئۇلار ھاياتلىققا مەردانە ھالدا كۈلۈمسىرەيدۇ.