بېيجىڭدىكى بىر ئەرزدار: ساقچىلار مېنى روھى كېسەل دەپ ساراڭلار دوختۇرخانىسىغا سولاپ قويدى

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر نەپەر ئۇيغۇر ئەرزدار، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئۇنى ئەرز قىلىشتىن توسۇش ئۈچۈن، يالغان ئىسپات ئارقىلىق ئۇنى روھى كېسەللەر دوختۇرخانىسىغا يوللىغانلىقىنى بىلدۈردى.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئەرزدارلىرى ئەرزنى داۋاملاشتۇرۇش جەريانىدا ھەر خىل تەھدىت ھەم توسالغۇلارغا ئۇچرىماقتا.

ھازىرچە ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر نەپەر ئۇيغۇر ئەرزدارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ تۇرۇشلۇق ناھىيىدىكى بىر قىسىم ناھىيە كادىرلىرى ھەم ناھىيە ئەمەلدارلىرىغا يان تاياق بولغۇچى بىرقانچە ساقچى خادىمى، ئۇنى ئەرز قىلىشتىن توسۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ روھى كېسەل ئىكەنلىكى ھەققىدە يالغان ئىسپات تەييارلاپ، 2011-يىلى 11-ئاي مەزگىلىدە ئۇنى ئۈرۈمچىدىكى روھى كېسەللەر دوختۇرخانىسىدا مەجبۇرىي ياتقۇزغان.

بۇ كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىككى ئايدىن ئارتۇق روھى كېسەللەر دوختۇرخانىسىدا يېتىش جەريانىدا، دوختۇرلار ئۇنىڭ روھى جەھەتتىن ساغلام ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا بېرىلىۋاتقان ئوكۇل ‏- دورىلارنى توختىتىپ، ئۇنى 2012-يىلى 1-ئاي مەزگىلىدە دوختۇرخانىدىن چىقىرىۋەتكەن. ئەمما بۇ چاغدا، ئۇزۇن مەزگىل ئىشلىتىلگەن دورىلارنىڭ ئەكس تەسىرى سەۋەبلىك ئۇنىڭ سالامەتلىكى بارغانچە ناچارلاشقان.

دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن ئۆزى ئۇچرىغان ناھەقچىلىكلەر ئۈستىدىن ئەرز قىلىشتىن يەنىلا ۋاز كەچمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بۇ ئەرزدار، نۆۋەتتە يەرلىك دائىرىلەر ئۇنى ئەرز قىلىشتىن ۋاز كەچتۈرۈش ئۈچۈن ھەر خىل تەھدىتلەرنى سېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ تاكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مەسىلىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلغۇچە ئەرزىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رادىئومىز ئىلگىرى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئەرزدارلىرى دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەرنىڭ ئىچىدە ئەرز قىلىشتىن ۋاز كەچمىگەن ئەرزدارلارغا قارىتا يەرلىك دائىرىلەر ئالداش، پوپوزا قىلىش، قورقۇتۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللانغاندىن باشقا يەنە، ئەرزدارلارنى روھى جەھەتتىن ساغلام ئەمەس دېگەندەك يالغان ئىسپاتلارنى تەييارلاپ ئەرزدارلارنى روھى كېسەللەر دوختۇرخانىسىغا يوللاش ۋاسىتىسىنى قوللانغان. مەسىلەن 2009-يىلى ئېرى مەمەت تۇرسۇن تاشنىڭ يەكەن ناھىيىلىك ساقچىخانىدا سوراق جەريانىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى سەۋەبىدىن ئەرز قىلغان دىلبەر توختى، ئۈرۈمچى 1-ئاۋغۇست پولات-تۆمۈر زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى گۆھەر مەمەت شۇنداقلا يېقىندا ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن بېيجىڭغا كەلگەن ئەرزدارلاردىن ئابدۇرېھىم موللەك ھەم ئانارگۈل خانىملارمۇ يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئۇلار ئۈستىدىن روھى جەھەتتىن ساغلام ئەمەس دېگەن ئىسپاتلارنى تەييارلاپ، ئۇلارنى مەلۇم مەزگىل روھى كېسەللەر دوختۇرخانىسىغا سولاپ قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.