بېلگىيىدىكى ئۇيغۇرلار

ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋروپاغا كۆچۈپ بېرىشى قىسقا تارىخقا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن كېيىنكى 10 يىل ئىچىدە بېلگىيىگە كېلىپ ئورۇنلاشقان ئۇيغۇرلار 500 ئائىلىدىن كۆپرەك.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.05.27
Bilgiyide-yashawatqan-zehra-we-xelchem-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺑﯩﻠﮕﯩﻴﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻮﻣﺎﻱ ﺯﯦﻬﺮﺍ ﺋﯩﺒﺮﺍﻳﯩﻤﻮﯞﺍ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﭽﻪﻡ ﺗﯧﻤﯩﺮﻭﯞﺍﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ.
RFA Photo / Erkin Tarim

بېلگىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 50% قازاقىستاندىن، 30% قىرغىزىستاندىن، 20% ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەنلەر بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 84 ياشتىكى زېھرا ئىبرايىموۋا بىلەن خەلچەم تېمىروۋانىڭ سەرگۈزەشتىلىرى دىققىتىمىزنى تارتتى.
 
بۇ ئىككى موماي غۇلجىدا تۇغۇلغان بولۇپ، 1960 - يىللاردا خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىگە كۆچۈپ كەلگەن. ئەمدى بولسا ياۋروپادا ياشىماقتا.

ئۇلار بىلگىيىدە بالا - چاقىلىرى بىلەن بىرلىكتە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ۋەتىنىنى سېغىنماقتا، ۋەتىنىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن باش قاتۇرماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.