'بىڭتۇەن روھى' دېگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر يۇرتلىرىنى خىتايلاشتۇرۇش نىشانى

خىتاينىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى ئۇزىتىش پائالىيىتى بۈگۈن 6 ‏ - ئاينىڭ 19 ‏ - كۈنى شىخەنزە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەندە، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر تورى بۇ شەھەرنى 'جۇمھۇرىيەت ئارمىيىسى ئۆزى يەر ئېچىپ قۇرغان تۇنجى شەھەر' دەپ ئاتاپ، بۇنى 'بىڭتۇەن روھى'، 'بىڭتۇەنلىكلەرنىڭ ئارزۇ - ئارمانى' دەپ ئالاھىدە گەۋدىلەندۈردى.

0:00 / 0:00

بىڭتۇەندە كۆپ يىل ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئىلشات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر 'بىڭتۇەن روھى' دېگەننى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈشى، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر يۇرتلىرىنى خىتايلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى.

'خىتاي خەۋەر تورى' ئولىمپىك مەشئىلى پائالىيىتىنى خەۋەر قىلغاندا، شىخەنزە دېگەن بۇ شەھەرنىڭ تارىخىنى ئالاھىدە تەسۋىرلىدى. ئۇنى خىتاي ئارمىيىسى ئۆزى تېپىپ، ئۆزى لايىھىلەپ، ئۆزى قۇرۇپ چىققان يىپ - يېڭى شەھەر دەپ دەپ ئاتىدى. خىتاي ئارمىيىسى بۇ شەھەرنى قۇرۇشنى 1950 ‏ - يىلى باشلىغانلىقىنى، ئۇنى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى 1976 ‏ - يىلى شەھەر دەپ تەستىقلىغانلىقىنى، بۇ شەھەردە 1985 ‏ - يىلى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەت قۇرۇلغانلىقىنى، بۇ شەھەرنىڭ قۇرۇلۇشى دەل خىتاي ئارمىيىسى ئالغا ئىلگىرىلەپ قۇملۇقلارنى چېكىندۈرگەن 'بىڭتۇەن روھى' ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈردى.

ئىلشات ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ زېمىن ئەسلىدە چۆل - جەزىرە ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر تىلىدا 'تاشبالىق' دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان، خىتاي كوممۇنىست ئارمىيىسى كىرىشتىن بۇرۇنلا مۇقىم يەرلىك ئاھالىسى بار، ھەتتا ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىنىڭ بازىسى تەسىس قىلىنغان مۇنبەت زېمىن ئىدى. 'خىتاي ئارمىيىسى قۇملۇقلارنى چېكىندۈرۈپ يېڭىدىن ئاچقان زېمىن' دېگەن گەپكە ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ.

خىتاي ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئېلان قىلغان خەۋەرلەردە يەنە، بۇ زېمىننى ئېچىش ئۈچۈن خىتاي ئارمىيىسى ناھايىتى كۆپ جاپا چەككەنلىكى، ھازىر بۇنى ئىسپاتلايدىغان مۇزېيلارنىڭ بارلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى. ئىلشات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ بۇ زېمىننى ئېچىش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ جاپا چەككەنلىكىنى تەكىتلەش، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ داۋاملىق تۈردە بۇ زېمىننى ئىشغال قىلىپ تۇرۇش، بەلكى مەڭگۈ ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش مەقسىتىنىڭ ئىپادىسى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى بىڭتۇەندە ئۇزىتىش، ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىچىدىكى 74 مىڭ 300 كۋادرات كىلومېتر زېمىندا 2 مىليون 500 مىڭ خىتاينى يەرلەشتۈرۈپ بولغان 'بىڭتۇەن' دىن ئىبارەت قانۇنسىز خىتاي ئاپتونوم ئۆلكىسىنى بۇنىڭدىن كېيىن قانۇنلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.