بېرما دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان ئاڭ ساڭ سۇچى خانىم بېرمىدا ئۆتكۈزۈلگەن تولۇقلىما پارلامېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلىپ، پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ، 66 ياشلىق ئاڭ ساڭ سۇچى خانىمنىڭ سىياسىي ھاياتىدا قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم نەتىجىسى ۋە شۇنداقلا بېرمىنىڭ دېموكراتىيىلىشىش يولىدىكى مۇھىم قەدەملەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ھازىرچە رەسمىي رەقەملەر تېخى ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىملىق پارلامېنت سايلىمىدا ئاڭ ساڭ سۇچى خانىم يېتەكچىلىكىدىكى «دېموكراتىيە بىرلىك» پارتىيىسىنىڭ كۆپچىلىك ئاۋازغا ئېرىشىپ، 644 ئورۇنغا ئىگە پارلامېنتتا تولۇقلانماقچى بولغان 44 ئورۇندىن ئەڭ ئاز دېگەندە 40 ىنى ئىگىلىگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە. خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن پارتىيىنىڭ رانگۇن شەھىرىدىكى مەركىزى ئالدىغا يىغىلغان ئون مىڭلارچە خەلق زەپەر تەنتەنىسى قىلىشتى. ئاڭ ساڭ سۇچى خانىم بۇ يەردە تەرەپدارلىرى ۋە خەلقئارا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىغا بەرگەن باياناتىدا سايلام نەتىجىسگە باھا بېرىپ : «بۇ خەلقنىڭ غەلىبىسى» دېدى ۋە بۇنىڭ بېرما ئۈچۈن يېڭى بىر مىلادىيە بولۇشىنى، بېرما ھۆكۈمىتىنى خەلقنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنۇشقا مەجبۇرلايدىغان بىر كۈچكە ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىغا 17 پارتىيىدىن جەمئىي 160 كاندىدات قاتناشقان بولۇپ، ئاڭ ساڭ سۇچى خانىم ۋە ئۇنىڭ پارتىيىسى باشقا رەقىبلىرىنى زور بىر پەرق بىلەن يېڭىپ چىققان. بۇ قېتىملىق سايلامنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى بېرما ھۆكۈمىتى تۇنجى قېتىم خەلقئارالىق مۇستەقىل ئورگانلارنىڭ سايلامنى نازارەت قىلىشىغا يول قويدى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلىكى، ياۋرۇپا بىرلىكى، ئامېرىكا ۋە بىر قىسىم خەلقئارا مۇخبىرلاردىن تەشكىللەنگەن كۆزەتكۈچىلەر سايلام جەريانىنى كۆزەتتى. ئۇلار سايلامغا ئىجابىي باھا بېرىپ، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، سايلامنىڭ ئادىل ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
1962 - يىلىدىكى ھەربىي ئۆزگىرىشتىن بۇيان ھوقۇق تۇتۇپ كېلىۋاتقان ھەربىي جۇنتا ھۆكۈمىتى دۆلەتنى قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىدارە قىلىپ كەلمەكتە. 2007 - يىلى دۆلەتتە تۇنجى قېتم ئومۇمىي سايلام ئېلىپ بېرىلىپ «ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات» ناملىق پارتىيە ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان بولسىمۇ، بۇ يەنىلا ھەربىي ھاكمىيەت ئۆزى قۇرۇپ چىققان پارتىيە. شۇڭا، مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ دۆلەت يەنىلا ھەربىيلەرنىڭ كونترولى ئاستىدا. پارلامېنتتىكى 664 ئورۇننىڭ 80 پىرسەنتىنىمۇ يەنە شۇلار ئىگىلىگەن. گەرچە بۇ قېتىملىق تولۇقلىما سايلام ھاكىمىيەتتىكى كۈچ تەڭسىزلىكىنى ئۆزگەرتەلمىسىمۇ، ئەمما يەنىلا جۇنتا ھاكىمىيتىنىڭ پارتىيىدىكى ئىش - ئەمەللىرىنى كۆزىتىش، ئۇلارنىڭ قارار ئېلىش باسقۇچىغا تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارالماقتا.
ئەل جەزىرە قانىلى بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىسىدە : «ئاڭ ساڭ سۇچى خانىمغا ئوخشاش بىر ئىسىمنىڭ پارلامېنتتا بولۇشى دېگەنلىك، خەلقئارانىڭ دىققىتى بۇندىن كېيىن بېرما پارلامېنتى چىقىرىدىغان قارارلاردا بولىدۇ، دېگەنلىك بولىدۇ. تولۇقلىما سايلامدا قولغا كەلتۈرۈلگەن بۇ غەلىبە 2015 - يىلىدىكى ئومۇمىي سايلامدا تېخىمۇ زور غەلىبە قازىنىشنىڭ بىشارىتى بولۇشى مۇمكىن» دەپ كۆرسەتتى.
بېرما ھاكىمىيىتى 2010 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئاڭ ساڭ سۇچىنى تۈرمىدىن ئازاد قىلغاندىن باشقا يەنە، بىر قىسىم سىياسىي ئىسلاھاتلارنى بېرىپ، ئاخباراتقا قاراتقان كونتروللۇقىنى ئازايتقان ۋە بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى قانۇنىيلاشتۇرغان ئىدى. بۇ يىلنىڭ يانۋار ئېيىدا بېرما ھۆكۈمىتى يەنە تۈرمىلەردىكى بىر قىسىم سىياسىي مەھبۇسلارنى ئازاد قىلدى. بېرما ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىدە ئۆزگىرىش ياساپ، ئىجابىي قەدەملەرنى تاشلىشىنى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك غەرب ئەللىرى ئالقىشىلىغان ۋە بېرما ھۆكۈمىتى ئەگەر بۇ نۆۋەتلىك تولۇقلىما سايلامنىڭ ئادالەتلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغان ئەھۋال ئاستىدا، بېرمىغا قارىتىلغان ئىمبارگولارنىڭ بىر قىسىمنى بىكار قىلىشنى ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى. يەكشەنبە كۈنى، ئىستانبۇلدا يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتون خانىم سايلامنىڭ تىنچ ۋە ئادىل ئېلىپ بېرىلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بېرما خەلقىنى تەبرىكلىدى. ئۇ : «ئامېرىكا، سايلامغا قاتناشقان، سايلام پائالىيەتلىرى ۋە ئۇنىڭ باسقۇچلىرىدا تۇنجى قېتىم يەر ئالغان بارلىق بېرما خەلقىنى تەبرىكلەيدۇ. بىز بېرمىدىكى ئىسلاھات قەدەملىرىنى قەتئىي قوللايمىز» دېدى. ئامېرىكا ئاقسارايدىن بېرىلگەن باياناتتا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بېرمىنىڭ ئىسلاھات قەدەملىرىنى داۋام قىلىپ، تېخىمۇ پارلاق بىر يول خەرىتىسى سىزىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئۇنداقتا، يېرىم ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت بېرمىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باشقۇرۇپ، ئۆكتىچىلەرنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ كەلگەن بېرما ھۆكۈمىتى نېمىشقا تۇرۇپلا دېموكراتىيىلىشىشكە يېشىل چىراق يېقىپ قالدى؟ ئامېرىكىدا چىقىدىغان «تاشقى سىياسەت» ژورنىلى تۆۋەندىكى بىر قانچە ئامىلنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ پوزىتسىيىسىنى يۇمشىتىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق مۇلاھىزە قىلغان:
بۇلارنىڭ بىرىنچىسى، غەرب دۆلەتلىرى بېرمىغا قويغان ئىقتىسادىي ئىمبارگو. يۇقىرىدىكى ئىمبارگولار بېرما ھۆكۈمىتى ئۈستىدە بېسىم پەيدا قىلدى. بۇ بېسىملار ھۆكۈمەتنى غەربنى تاشلاپ، ئۆزىنى خىتاينىڭ قوينىغا ئېتىشقا مەجبۇرلىغان بولسىمۇ، ئەمما بېرما ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن يېقىنلىشىشتىن ئىبارەت بۇ يولنى تاللاشنى خالىمىدى.
ئىككىنچى ئامىل بولسا، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئىقتىسادىي قېيىنچىلىق ئاستىدا قالغان بېرمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارزۇسى. تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن نېمە كېرەك؟ ئەلۋەتتە بازار، بانكا، مەبلەغ ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋەت كېرەك. شۇڭا بېرما ھۆكۈمىتى تەرەققىيات نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ئىشنى ئالدى بىلەن سىياسىي ئىسلاھاتلاردىن باشلاپ، غەرب ئەللىرىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتتى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يەنە بىر قىسىم مۇلاھىزىلەردە ئېيتىلىشىچە، بىر قىسىم بېرما خەلقى بېرما جۇنتا ھاكىمىيىتى بېشىدىكى كىشىلەرنىڭ ئوبرازىنى ياخشىلاپ، خەلقىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۈچۈن مانا مۇشۇنداق ئىجابىي قەدەملەرنى تاشلاۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. سەۋەب مەيلى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بېرما ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكى نەتىجىدىن مەمنۇن. ئەمما ھېچكىم بۇنىڭ قانچە ئۇزۇن داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. كۆزەتكۈچىلەر بولسا: «بېرما ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرادىسىنى سىنايدىغان ئەڭ چوڭ سىناقلار تېخى ئالدىمىزدا» دېيىشمەكتە.
1990 - يىلى ئېلىپ بېرىلغان ئومۇمىي سايلامدا ئاڭ ساڭ سۇچىنىڭ پارتىيىسى «دېموكراتىيە ھەمكارلىق پارتىيسى» زور نەتىجە بىلەن سايلامنى ئۇتقان بولسىمۇ، ئەمما ھەربىيلەر نەتىجىنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭ پرېزىدېنت بولۇشىغا رۇخسەت قىلمىغان ۋە ئۇنى 5 يىل نەزەربەندگە ئالغان ئىدى. شۇڭا ھازىر دۇنيا جامائەتچىلىكى ھەربىي ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە سايلام نەتىجىسىگە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى دىققەت بىلەن كۆزەتمەكتە.