قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ماخمۇد قەشقىرىنى خاتىرلەش پائالىيىتى ئېلىپ بارماقچى

تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن ب د ت نىڭ پەن - مەدىنىيەت ئورگانى 2008 ‏ - يىلنى 11 ‏ - ئەسىردىكى ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرى ماخمۇد قەشقىرىنى خاتىرلەش يىلى قىلىپ بېكىتكەن ئىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيەدە ماخمۇد قەشقىرىنى خاتىرلەش تېما قىلىنغان نۇرغۇن پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ
2008.11.04
Mexmut-qeshqiri-yighini-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2008 - ﻳﯩﻠﻰ 10 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 17 - ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍﺩﯦﯖﯩﺰ ﺑﻮﻳﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺭﯨﺰﻩ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪﻩ ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 1000 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯘﻫﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺭﯨﺰﻩ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻟﻮﺯﯗﻧﻜﺎ ﺋﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﻨﺎﺳﻰ.
RFA Photo / Erkin Tarim

لېكىن ماخمۇد قەشقىرىنىڭ يۇرتى قەشقەردە بولسا ئۇنى خاتىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىغانغا دائىر بىرەر بىشارەت يوق. بۇ ئەھۋالدا بۇ بوشلۇقنى قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار تولدۇرۇشنى ئويلاشماقتا. يېقىندا قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقى يىغىن چاقىرىپ، بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، قىرغىزىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.