ئۇيغۇرلار بىشكەك شەھىرىنىڭ تۆكۈلتاش رايونىدىكى ئاق مەسچىتتە ھېيت نامىزى ئوقۇدى

قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيت نامىزىنى سەيشەنبە كۈنى ئوقۇدى. ئەڭ كۆپ ئادەم قاتناشقان ھېيت نامىزى بېشكەكتىكى قىرغىزىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ يېنىدىكى مەيداندا 20 مىڭ كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئوقۇلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ
2010.11.16

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىشكەكتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىشكەك شەھىرىنىڭ تۆكۈلتاش رايونىدىكى ئاق مەسچىتكە يىغىلىپ ھېيت نامىزى ئوقۇدى. بۇ، بۇ يىل 6‏ - ئايدا قىرغىزىستاننىڭ ئوش ۋە جالالئابات قاتارلىق جايلىرىدا قىرغىزلار بىلەن ئۆزبېكلەر ئارىسىدا توقۇنۇش پارتلىغان، نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەندىن بۇيان ئوقۇلغان تۇنجى ھېيت نامىزىدۇر.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.