بېشكەكتىكى ئۇيغۇرلار 29 - ماينى خاتىرىلىمەكچى
يەنە بىر كۈندىن كېيىن، 1962 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە يۈز بەرگەن 29 - ماي ۋەقەسىگە توپتوغرا 46 يىل بولىدۇ. 29 - ماي ۋەقەسى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدىكى كىشىلەر ئۇنتۇپ كېتىشكە باشلىغان زور ۋەقەلەرنىڭ يەنە بىرىدۇر.
-
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008-05-27 -
-
-
Your browser doesn’t support HTML5 audio
بۇ ۋەقە سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان غۇلجا پۇقرالىرىنىڭ باستۇرۇلۇش ۋەقەسى ئىدى. تەخمىن ۋە پەرەزلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا ، شۇ قېتىمقى ۋەقەدە قانچىلىك ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ھازىرغىچە بىر سىر. قازاقىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقىنىڭ يېقىندا بۇ ۋەقەنى خاتىرىلەش قارارى ئېلىشى 29 - ماي ۋەقەسىنى يەنە كىشىلەرنىڭ ئېسىگە سالدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بېشكەكتىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.