ئالىي مائارىپنىڭ ئىچ يۈزىدە بوغۇلىۋاتقان مىللىي روھ (1)
2012.12.07

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى بولغان ئۈرۈمچىدە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تېز سۈرئەتتە راۋاجلىنىۋاتقانلىقى، ئىلگىرىكى ئىنىستىتۇت ياكى ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرىنىڭ ئارقا - ئارقىدىن «ئۇنىۋېرسىتېت» قالپىقىنى كىيىپ بەس - بەستە كېڭىيىۋاتقانلىقى مەلۇم. ۋاھالەنكى، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەيۋەتلىك دەرۋازىلىرىدىن كىرىپ - چىقىۋاتقان ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ بارغانسېرى ئازلاپ كېتىشى كىشىلەرنى چوڭقۇر ئويغا سالسا، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا بولغان سىياسىي ۋە ئىدىيە جەھەتلەردىكى كونترۇللۇقنىڭ كۈنساناپ ئېشىپ بېرىشى جامائەتچىلىكنى تېخىمۇ قاتتىق ئەندىشىگە سالماقتا.
پەزىلەت خانىم ئەنە شۇنداق ئەندىشىنى بىۋاسىتە ھېس قىلغانلارنىڭ بىرى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەش جەريانىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تۈرلۈك شەكىللەردىكى سىياسىي ۋە ئىدىيىۋىي نازارەتچىلىكنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىدەك رىئاللىقنىڭ شاھىدى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيە ۋە پىكىر ئۆزگىرىشلىرىنى نازارەت قىلىدىغان مەخسۇس ئورۇنلار تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار مەكتەپ پارتكومىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ھەرقايسى ئىنىستىتۇت، فاكۇلتېت ھەمدە شۆبە ئىتتىپاق كومىتېتى قاتارلىق تارماقلارغىچە كېڭەيگەن.
يوقىرىقى ئورۇنلاردا خىزمەت قىلىدىغان مەخسۇس خادىملار ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا يۈز بېرىۋاتقان پىكىر ۋە ئىدىيە ئۆزگىرىشلىرىنى، مىللىي ۋە دىنىي جەھەتتىكى ھېسسىياتلىرىنى ھەر ۋاقىت ئۆز تورى ئارقىلىق كۆزىتىپ يوقىرىغا دوكلات قىلىشقا مەسئۇل بولغان.
پەزىلەت خانىم ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن تاللاپ يېتىشتۈرۈلگەن «قۇلاق» لارنىڭمۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيە ئەھۋاللىرىنى مەكتەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىغا يەتكۈزۈپ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇندىن باشقا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىللىي ياكى دىنىي مەزمۇنلاردىكى پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلىق سەۋەبىدىن تۈرلۈك جازالارغا ئۇچراۋاتقانلىقى، ھەتتا بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپلەردىن چېكىندۈرۈلۈۋاتقانلىقى مەلۇم. پەزىلەت خانىم ئەمەلىي مىساللار كەلتۈرۈپ بۇ ئەھۋاللارنىڭ راستلىقىغا گۇۋاھلىق بەردى ھەمدە ئۆزىنىڭ بۇ ئىشلارغا قاتتىق ئېچىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يوقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن تەپسىلاتىغا قۇلاق سالغايسىز.