ئالماتادا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا بوكس مۇسابىقىسىگە ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

ئالماتا شەھىرىدىكى يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا 10‏- دېكابىردىن 15 -دېكابىر كۈنلىرىگىچە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ترېنېرى مېڭگېرېي خايرۇتدىنوفنىڭ خاتىرىسىگە بېغىشلانغان بوكس بويىچە 9- نۆۋەتلىك خەلقئارا مۇسابىقە بولۇپ ئۆتتى.

0:00 / 0:00

ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان مەزكۇر مۇسابىقىگە كۇبا، رۇسىيە، خىتاي، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان، قىرغىزىستان ۋە قازاقىستاننىڭ 17 ۋە 18 ياشلاردىكى ۋە ھەر خىل تۈردىكى بوكسچىلىرى قاتناشقان.

مۇسابىقە قاتناشقۇچىلىرىنىڭ زور كۆپچىلىكى قازاقىستاننىڭ ۋىلايەتلىك كوماندىلىرىدىن تەركىب تاپقان. رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بوكس بويىچە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ترېنېرى خەمىت بەرائېفنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، مۇسابىقىگە ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ياش تەنھەرىكەتچىلەرمۇ قاتناشقان.