يىغىنغا ئەزەربەيجان مىللىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىلشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى، ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى، قول يازمىلار ئىنىستىتۇتى ۋە فولكلور ئىنستىتۇتىدىكى پروفېسسورلار، ئالىملار قاتناشقان. بۇلاردىن باشقا باكۇ دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى، باكۇ سىلاۋيان ئۇنىۋېرسىتېتى، باكۇ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ قاتناشقان.
بۇ يىغىن مەخمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 - يىللىقىغا ئاتاپ ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىن زالىنىڭ يېنىدا مەخمۇت قەشقىرى ھەققىدە بىر كۆرگەزمىمۇ ئېچىلغان. بۇ كۆرگەزمىدە تۈركىي تىللار دىۋانى ناملىق ئەسەرنىڭ ئونغا يېقىن تىلدا تەرجىمىسى، مەخمۇت قەشقىرى ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى ھەققىدە يېزىلغان ئەسەرلەر، شۇنداقلا مەخمۇت قەشقىرىنىڭ قەبرىسىدىن كۆرۈنۈشلەر كۆرسىتىلگەن.
ئەزەربەيجان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. رامىز ئەسكەر ئەپەندىنىڭ بىزگە بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ يىغىندا ئەزەربەيجان مىللى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ باشلىقى تۆۋپىك ھاجىيېۋ، پروف. در. بۇلۇتخان خايرىنوۋ، پروف. در. روزا ئايۋازوۋا، پروف. در. تەرمان گۇلىيېۋ ۋە باشقا ئالىملار مەخمۇت قەشقىرى ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى ھەققىدە سۆز قىلغان. كېيىن ئەزەربەيجاننىڭ داڭلىق سەنئەتچىلىرى مەخمۇت قەشقىرىگە بېغىشلاپ كونسېرت بەرگەن بولۇپ، بۇ سەنئەت كېچىلىكىدە يەنە بەزى تونۇلغان شائىرلار مەخمۇت قەشقىرىگە ئاتاپ يازغان شېئىرلىرىنى ئوقۇغان.
شۇنىڭ بىلەن تۈركولوگىيىنىڭ قۇرغۇچىسى بۈيۈك ئالىم مەخمۇت قەشقىرى ئەزەربەيجان ئالىملىرى تەرىپىدىن خاتىرىلەپ ئۆتۈلگەن. بىز تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن تۈركىي تىللار دىۋانىنى ئەزەربەيجان تىلىغا تەرجىمە قىلغان در. رامىز ئەسكەر ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.