قۇرۇلتاينىڭ 1 - كۈنى ئامېرىكىنىڭ مېكسىكا قولتۇقىدىكى شىتاتلاردا يۈز بەرگەن "گۇستاف" دېڭىز قۇيۇنى ئاپىتى تۈپەيلى قۇرۇلتاي كۈنتەرتىپىدىكى پروگراممىلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن ئىدى. لېكىن سەيشەنبە كۈنى يەنى قۇرۇلتاينىڭ 2 - كۈنى قۇرۇلتاي ئۆزىنىڭ نورمال پروگراممىسىنى ئىجرا قىلدى. قۇرۇلتايدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى مۇھىم شەخسلەر سۆز قىلدى.
قۇرۇلتاينىڭ سەيشەنبە كۈنكى يىغىنىدا يۈز بەرگەن ئەڭ مۇھىم ۋەقەلەرنىڭ بىرى، مېكسىكا قولتۇقىدىكى شتاتلاردا "گۇستاف" قۇيۇنى ئاپىتى يۈز بەرگەنلىك تۈپەيلى بۇ نۆۋەتلىك قۇرۇلتايغا كېلەلمىگەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزورىدا قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىگە سۆز قىلغانلىقىدۇر. پرېزىدېنت بۇش سانت پائۇلدىكى قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىگە سۆزلىگەن تېلېۋىزىيە نۇتۇقىدا جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى جون مىكېيىننى ماختىدى ۋە ئۇنى دەۋرىمىزدىكى خەتەرلىك دۇنيادا ئامېرىكىغا يىتەكچىلىك قىلالايدىغان ئادەم، دەپ كۆرسەتتى.
پرېزىدېنت بۇش مۇنداق دەيدۇ": بىز خەتەرلىك بىر دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. بىز 11 - سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ تەجرىبە - ساۋاقلىرىنى يەكۈنلىگەن بىر پرېزىدېنتقا مۇھتاج. بىز ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ھۇجۇمدا تۇرۇش پوزىتسىيىسىنى ساقلىشىمىز كېرەك. دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا قاراپ تۇرماي، ئۇلار بىزگە ھۇجۇم قىلىشتىن بۇرۇن ئۇلارنى توسۇشىمىز لازىم. بىز مىكېيىنگە ئېھتىياج".
پرېزىدېنت بۇش ئاقسارايدا تۇرۇپ سانت پائۇلدىكى قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىگە سۆزلىگەن نۇتۇقىدا يەنە جون مىكېيننى ماختاپ، مىكېيننىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتلىقىغا تەييار ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ خەۋپ خەتەرگە تولغان بۇ دۇنيادا زۆرۈر تېپىلسا جىددىي قارارلارنى دەماللىققا چىقىرالايدىغان ئىقتىدارى بارلىقىنى بىلدۈردى. بۇش" جون مىكېيننىڭ ھاياتى ئۇنى ھەر تۈرلۈك قارارلارنى چىقىرىشقا تەييار تۇرۇش ھالىتىگە ئەكەلدى. ئۇ بۇ دۆلەتكە يېتەكچىلىك قىلىشقا تەييار ھالەتتىدۇر. ئۇ ۋاكالەتچى ئوفېتسىرلىقتىن دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئوفېتسىرلىقىغىچە بولغان جەرياندا باشقىلارنىڭ ھاياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدى. ئۇ پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغاندىن كېيىن ھەل قىلغۇچ مەسىلىلەردە دۆلەت مەجلىسىدىكى ئىككى پارتىيىگە مەنسۇپ خىزمەتداشلىرىنىڭ ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى" دەپ كۆرسەتتى.
جۇمھۇرىيەتچىلەر قۇرۇلتايدا جون مىكېيننىڭ تەجرىبىلىك ۋە ئامېرىكا پرېزىدېنتلىقىغا لايىق شەخس ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە دېموكراتلارنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى باراك ئوبامانى تەنقىد قىلدى شۇنداقلا جون مىكېين مۇئاۋىن پرېزىدېنتلىققا تاللىغان ئالياسكا ۋالىسى سارا پېيلىن خانىمنى ماختىدى. قۇرۇلتايدا ئەڭ ھارارەتلىك نۇتۇق سۆزلىگەن جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ بىرى سابىق كېڭەش پالاتا ئەزاسى، مەشھۇر كىنو چولپىنى ۋە بۇ نۆۋەتلىك جۇمھۇرىيەتچىلەر پرېزىدېنت نامزاتلىقىنى تالاشقان زاتلاردىن فرەد تومپسون ئىدى. فرەد تومپسون "جون مىكېيننىڭ خاراكتېرى بۇ دۆلەتنىڭ تارىخىدىكى ھېچقانداق بىر پرېزىدېنت دۇچ كېلىپ باقمىغان سىناقلاردىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ دۆلەتكە قوشقان خىزمىتى جەنۇب - شىمال ئۇرۇشىغا قەدەر تۇتۇشىدىغان تۆھپىكار ھەربىي ئائىلىگىچە يېتىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئەنئەنىسى ھازىرغا قەدەر داۋام قىلماقتا.
فرەد تومپسون يەنە جون مىكېيننى دېموكراتلار نامزاتى باراك ئوباماغا سېلىشتۇرۇپ، ئوباماغا ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ تەجرىبىسىز نامزات، دەپ ھۇجۇم قىلدى. تومپسون، "ئۇنى باشقا نامزاتلارغا سېلىشتۇرغاندا ئۇلار زىيادە لىبىراللىقى، ناھايىتى تەجرىبىسىزلىكى بىلەن ئىلگىرى مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئۈلگىدۇر" دېدى. ئۇ يەنە دېموكراتلار نامزاتى ئوبامانىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىسىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ،" ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ يەردە بىز ئۆزىمىزدىن سوراپ باقمىغان ئىككى مەسىلە بار. بىرى، كىم بۇ ئادەم ؟ ئىككىنچى، بىز ئۇنىڭ پرېزىدېنتلىقىغا ئىشىنەمدۇق،" دەپ كۆرسەتتى.
باراك ئوبامانىڭ ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى قارا تەنلىك پرېزىدېنت نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىشى ئامېرىكىدا ئېرقىي مۇناسىۋەتلەرگە دائىر تالاش - تارتىشنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.
فرەد تومپسون ئىلگىرى ئۆزىنى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتلىقىغا كۆرسىتىپ، جون مىكېين بىلەن رىقابەتكە چۈشكەن ئىدى. لېكىن ئۇ بۇ يىل 1 - ئايدا نامزاتلىقتىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلاپ، جون مىكېيننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. جون مىكېيىننىڭ دېموكراتلار نامزاتى باراك ئوباما بىلەن بولغان سىياسەت جەھەتتىكى كۆز قاراش پەرقىنىڭ بىرى ئىراقتىكى ئامېرىكا قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈشكە قارشى ئىكەنلىكىدەدۇر. فرەد تومپسون قۇرۇلتايدىكى نۇتۇقىدا جون مىكېيننىڭ ئىراقتىكى ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىش تەشەببۇسىنى ماختىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ":خەلق رايىنىڭ يۈزلىنىشى، سىياسى تەقدىرىنىڭ كېلەچىكى ياكى مودا قوغلىشىش جون مىكېيننى تەۋرىتەلمىدى. ئىراق ئۇرۇشى ناھايىتى يامان ئەھۋالدا كېتىۋاتقاندا شۇنداقلا خەلق ئاممىسى ئۆز ئىشەنچىسىنى يوقاتقاندا جون مىكېين تىك تۇردى ۋە ئىراقتىكى قوشۇنلارنى كۆپەيتىشنى تەلەپ قىلدى. مانا ھازىر بىز غەلىبە قىلىۋاتىمىز."
فرەد تومپسون جون مىكېيننى قوللاپ، باراك ئوبامانىڭ شىددەتلىك تەنقىد قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئوبامانىڭ ئىسمىنى ئاشكارا تىلغا ئالمىدى. لېكىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ تەرەپسىز ئەزاسى جىئو لىبېرمەن سۆزگە چىققاندا باراك ئوبامانىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالدى ۋە ئوبامانىڭ ئىراق سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى. جوﯤ لىبېرمان ئەسلى دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولۇپ، ئۇ 2000 - يىلدىكى سايلامدا دېموكراتلارنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنت نامزاتى ئىدى. لىبېرمەن پارتىيىسىنىڭ ئىراق سىياسىتى بىلەن كېلىشەلمەي دېموكراتلار سېپىدىن ئايرىلغان ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر نامزاتى جون مىكېيننى قوللىغان ئىدى. ئۇ قۇرۇلتايدا " جون مىكېين باشقىلار سۈكۈت قىلغان چاغدا ئىراقتىكى خاتالىقىمىزنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇش قابىلىيىتىنى نامايەن قىلدى. لېكىن ئوباماغا ئوخشاش مەسلەكداشلىرىمىز بولسا ئىراقتىكى قىسىملىرىمىزغا خىراجەتنى قىسىش ئۈچۈن ھەپىلەشتى " دەپ كۆرسەتتى.
لىبېرمەن ئۆزىنىڭ بىر دېموكرات بولسىمۇ، لېكىن نېمە ئۈچۈن جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ قۇرۇلتىيىدا سۆزلەۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ": مەن جون مىكېيننى قوللايمەن، چۈنكى مەن ئۈچۈن دۆلەت مەنپەئەتى پارتىيە مەنپەئەتىدىن ئەلادۇر. مېنىڭ بۇ يەردە بولۇشۇمنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددى. چۈنكى جون مىكېين ئامېرىكىنى ئىتتىپاقلاشتۇرالايدىغان ۋە ئالغا يېتەكلىيەلەيدىغان ئەڭ نادىر نامزاتتۇر". ئۇ، نامزاتلارنىڭ ئامېرىكىغا ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىش توغرىسىدا كۆپ تالاشقانلىقىنى، لېكىن بۇ نامزاتلار ئىچىدە ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىش قابىلىيىتىگە ئىگە بىردىن - بىر كىشىنىڭ جون مىكېين ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
جون مىكېين پەيشەنبە كۈنى يەنى قۇرۇلتاينىڭ ئاخىرقى كۈنى قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىگە سۆز قىلىپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتلىقىنى رەسمىي قوبۇل قىلغانلىقىنى جاكارلايدۇ. كرىستياندانيال ئەپەندى تېكساس شىتاتىدىن كەلگەن جۇمھۇرىيەتچى قۇرۇلتاي ئەزالىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ يىغىن زالىدا مۇخبىرىمىزنىڭ قۇرۇلتاي توغرىسىدىكى سۇئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
